نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك فىلىم: 火影忍者(نارۇتو)

naruto-vs-li

بىر يىل ئاۋال تورخۇمارغا يوللانغان «400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن 街霸 فىلىمى» ئېسىڭلاردىمۇ؟ فىلىمدە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقىي ئۈنۈمدىكى بىر مەيدان كوچا زومىگىرى ئويۇنىدىكى دەھشەتلىك جەڭ كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم، دەل شۇ فىلىمنى ئىشلىگەن Thousand Pounds Fight ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسىرى – نارۇتو فىلىمىدىكى نارۇتو بىلەن لى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدۇر!

فىلىمدىكى مۇھىت ۋە جەڭ كەيپىياتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەسلى ئەسەر «نارۇتو»غا ماس كېلىدۇ، ئەسلى ئەسەر ياپونىيەنىڭ بولغاچ، فىلىمدىكى ئارتېستلارنىڭ دېئالوگىمۇ پۈتۈنلەي ياپونچە، گەرچە ئاڭلىماققا سەل غەلىتىدەك تۇيۇلسىمۇ، بىراق يەنىلا خېلى راۋان دېيىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۆزىدىنلا بۇ ئىشتىن سىرتقى ئارتېستلارنىڭ كەسىپكە ھۆرمەتچانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بەلكىم سېلىنمىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى، بۇ فىلىم نۆۋەتتە پەقەت بىر قىسىملا ئىشلەنگەن، Thousand Pounds Fight نىڭ يەنە داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى سۇنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!

iPad ،iPhone دا زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن بىر دىۋان ئىگەللەي،

  2. مېستىر01 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسىتىنلا 400دوللار بىلەن بىر قىسىم ئىشلىنىپتمۇ؟

  3. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما لېكىن «لى»نىڭ يامانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپتۇ…

  4. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تىخى تۇنۇگۇن چ چ نىڭ ئىزدەش بىتىدە نارۇتو يىڭىلىقىنى ئۇقتۇرغاندا كۆرگەنتىم … بىردەمدە بىر يەرگە كەپ بولاپتۇ… ئاخىرىنى چىقاماپتۇ دىسە …لىكىن نارۇتونىڭمۇ تىخى چىقامىغان گۇمپىلىرى بار … قارشى تەرەپتىن تاياق يەپ ئىنىڭ ئەمىلى كۈچىنى كۆرىۋىلىش ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى . تىخى 9 قۇيرۇقنىڭ كۈچىنى ئىشلەتمىدى تىخى …

  5. خىيال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي لېكىنزە ماۋۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئورنىغا چوڭ توپاقتەك ئادەمنى ئالسا ئانچە قاملاشمايدىكەن – بولۇپ ماۋۇ نارۇتونىڭ رولنى ئالغان ئاداش …

  6. ھارماس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەيزىكەن.. كارتون فىلىم كۆرۈشكە قىزىقمىغاچ بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان. ھازىر قىسقىچە كارتىنىسىنى كۆردۈم، بوپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. :wink:

  7. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ناروتونى كۆرۈپ سەت كۈلۈپتىمەن…

  8. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لى نىڭ توم قىشى گەۋدىلەنمەپتۇ…بۇ قانچىنقى قىسمى بولغىيتى؟

  9. ئېستەمى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ لىنڭ قىشغا بىر ئاز كۈچەپ قويغان بولسا ھە …

    داۋامىغا تەقەززار … :grin:

    ئوبدان ئىشلەپتۇ . ھەم ئوبدان سۆزلەپتۇ.

  10. رۋاك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوچى ئىشلەپتۇ جۇما، ئەمما لاسىنگاندىن بىرنى يەۋالدى ئاۋۇ مەشق ساڭرىڭى تاۋۇز شاپىقى .






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)