极品飞车16:亡命天涯 ئويۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
EA نىڭ ئاپتوموبېل ئويۇنلىرى ئىچىدىكى گىگانت ئەسەر «极品飞车16:亡命天涯» نىڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنىپتۇ، ئويۇن ئوينىغۇچىلار كۈندۈزى ۋە كېچىسى قانۇنسىز ئاپتوموبېل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ساقچى تەرەپ چىقارغان ھەرخىل تۇتۇش بۇيرۇقلىرىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن، سان-فرانسېسكودىن نىيۇيوركقىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن، ئاپتوموبېللارنىڭ لايىھەلىنىشى ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن، ئاجايىپ ھەيۋەت چىقىپتۇ…
مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمىگە ئۆزگەرلەر(变形金刚) فىلىمىنىڭ رېژىسورى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، فىلىمدىنمۇ روشەن بولغان تىپىك ھەرىكەتلىك ئاپتوموبېل فىلىملىرىنىڭ ئىزناسىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، ئاپتوموبېل، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 4,464 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/need-for-speed-the-run-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 3»(使命召唤8) نىڭ PC نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > يەرگە سىزىلغان ئاشۇ رەسىملەر1: كوچا سەنئىتى – 3D Lego ئارمىيىسى!!
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)

مۇشۇ ئويۇننى بىر ئوينىغىم بار بىراق كومپىيۇتىرېم بۇ ئويۇننى سۆرىگۈچە ئىنجىقلاپ چىقىرۋىتىپ قالىدۇ دە.
سەت ئېسىل ئويۇندە بۇ
ما نەشىرى ئېۋۇ 14 بىلەن ئوخشاش دىيەرلىكتەك قىلدۇ ھە مەن ماۋۇ 15 نەشىرنى قەتتى ياقتۇرمىدىم بەكناچار 15 تىن 14 ياخشى 16چىقىپباقسا بۇنىمۇ كۆرىپباقامىز
ۋاي 16 بەك ئېسىل جۇمۇ، بۇنىڭدا ئادەمنىمۇ قوشۇپ باشقۇرىدىكەن ، مەن ئويۇن باشلىنىشىنى بىر يەردە كۆرگەنىدىم. نەدە كۆرگىنىم ئېسىمدە قالماپتۇ. ئاۋۇ كۆرۈنۈشلەردە چىقىۋاتقان تاقىرباش ئويۇننىڭ باش پېرسۇناژى ئوخشايدۇ، ئېسىل ماشىنىدا قېچىۋاتقان كەينىدىن ساقچى ماشىنىسى قوغلاۋاتقان كۆرۈنۈشتە باشلىنىدىكەن. قېچىپ قېىپ بىر يەرگە كەلگەندە، ماشىنا تورۇلۇپ قېلىپ ماشىنىنى تاشلاپ پىيادە قاچىدۇ. قېچىشى پاركۇرلارغا ئوخشايدىكەن. ئاندىن يەنە بىر ماشىنا بىلەن قاچقاندا، ماشىنا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ پويىزنىڭ رېلىسىغا توغرىسىغا يېتىپ قالىدۇ. ئىچىدە بولسا ھوشىدىن كەتكەن باش پېرسۇناژ ئاستا-ئاستا ھوشىغا كېلىپ قارىسا پويىز كېلىۋاتقان. ماشىنىنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىپ قالغان، ئۇ ھەدەپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئۇرۇپ تېپىۋاتقان ، ئاخىرى پويىز يېقىنلاپ كېلىپ لاپ قىلىپلا ئويۇننىڭ ئىسمى چىقىپ باشلىنىدىكەن. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە رولدا باشقۇرۇش چىقىپ تۇرىدىكەن. ئىشقىلىپ ماڭا ياققان
تۈنۈگۈن mw3نى ئويناپ تۇگەتتىم…256سىنكارتا بىلەن…بۇ ئويۇن ئەتە چقسا…ۋاقىتىمنى سەت ئىسراپ قىلدى جىمۇ بۇ فەچەتلەر!؟
مۇشۇ ئويۇنزە بەكلا پىچەت جۇمۇ ، مەن 8دىن باشلاپ ئويناشنى باشلىغان ، 9 نى ئىككى قىتىم ئاخىرىغا چىقىرىپ بولدۇم ، 10،11،12،قەتئى ياقمىدى، 13 نى بىر قىتىم ئوينىدىم ، 14 زە بەكلا يىقىپ كەتتى ، ئىككى قىتىم ئاخرىغا چىقىرىۋىتىپتىمەن ، لىكىنزە كاساپەت تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولغان بولسا بەك پىچەت بولاتتى، بىرىمىز قاچساق بىرىمىز ساقچى بوپ قوغلىساق ، نىمە دىگەن پەيزى ،
15نى بىر كىچە جاپا تارتىپ چۈشۈرسەم قاچىلانمىدى شۇنىڭ بىلەن ئوينىمايلا قويغان،