نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

يېڭى يىلدا نېمە سوۋغا سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ iPhone ياكى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ياندېسكا؟

يېڭى يىلدا نېمە سوۋغا سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ iPhone؟ iPad؟ ياكى چىرايلىق لايىھەلەنگەن ياندېسكا؟

مانا خاسىيەتلىك قارلار 2010-يىلىنى ئۇزىتىپ، 2011-يىلىنىڭ كېلىشىنى ئالدىراتماقتا، ھەممىمىز يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ يېڭى يىلدا كۆپچىلىك ھەر خىل تەبرىكلەش ياكى باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئويلاشتىمىكىن؟ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆز-ئارا تەبرىكلەش، تۇغۇلغان كۈن قاتارلىقلارغا قانداق سوۋغات ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى، ۋە ياكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشىراق بىرەر سوۋغات سېتىۋېلىپ تەبرىكلەپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە يىراق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلار ئالدىراش ئىمتىھانلار ئارىلىقىدا، يۇرتقا قايتقاندا چوڭلارغا، ئاكا-سىڭىللارغا ۋە ياكى قىز-ئوغۇل دوستىغا كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر نەرسە ئالغاچ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۈگۈن بىز كۆپچىلىك ئۈچۈن ئوغۇللار ھەم قىزلارغا ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش سوۋغاتلارنى تەييارلاپ چىقتۇق. تېخى سوۋغات سېتىۋالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى يېڭى يىللىق سوۋغاتلار بىر كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…

移动硬盘

رەسىمگە قاراپ يانفونمىكىن دەپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن iThink ماركىلىق ياندېسكا(移动硬盘)، سۈرئىتى تېز ۋە سىغىمى چوڭ، باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مودا قوغلىشىدىغان، گۈزەللىك قوغلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ!

نەپس ئىشلەنگەن بىر دانە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى

قول سائىتىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى سوۋغات بولالايدۇ، نەپس ئىشلەنگەن بىر دانە ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى سىزنىڭ سالاپىتىڭىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سىز ئۈچۈن ھەر قاچان ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدۇ!

ئەڭ يېڭى 4-ئەۋلاد iPod Touch

Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ناۋادا رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ياكى ئوغۇللار بولسا، Apple نىڭ ئەڭ يېڭى 4-ئەۋلاد iPod Touch مەھسۇلاتىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ!

ئەڭ يېڭى iPad

ئەلۋەتتە، چوڭلار ئۈچۈن iPad تىنمۇ ياخشى سوۋغات بولمىسا كېرەك؟ ناۋادا سىزنىڭ ئېشىنچا ئازراق پۇلىڭىز بولسا، بۇ زامانىۋى مەھسۇلاتتىن چوڭلارنىمۇ خەۋەردار قىلىپ قويۇڭ، مەيلى كىنو كۆرۈش ياكى تورغا چىقىش بولسۇن، iPad يەنىلا يوغان ئېكرانى بىلەن كۆپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە!

پۇتنى ئىسسىق ساقلايدىغان ياۋروپاچە پاسوندىكى ئەرلەر خۇرۇم ئايىقى

ئەلۋەتتە ئاياق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆپىنچىمىز بازارغا چىقىپ تۇتۇپ، كۆرۈپ، سىناپ ئاندىن سېتىۋالىمىز. بۇ بولسا ياۋروپادا قاتتىق مودا بولىۋاتقان بىر خىل پاسوندىكى پۇتنى ئىسسىق ساقلايدىغان ئەرلەر خۇرۇم ئايىقى بولۇپ، كېلىشكەن قىياپىتىڭىزنى نامايەن قىلىشتا كام بولسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە!

ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم پورتمال

پورتمال كىشىگە ئامەت ئېلىپ كېلىشكە سموۋىل قىلىنغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك سوۋغا ھېسابلىنىدۇ، بىر دانە چىرايلىق لايىھەلەنگەن ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم ئەرلەر پورتمىلى سىزنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيەرىڭىزنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ!

نەپس لايىھەلەنگەن زەنجىر ۋە بىلەيزۈك

ئەلۋەتتە، قىزلارمۇ چىرايلىق ۋە رومانتىك تۈسىگە ئىگە سوۋغاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن زەنجىر ۋە بىلەيزۈك قىزلارغا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغان مۇھىم سوۋغاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەۋسىيەلىك سوۋغاتلىرىڭىز سەل قىممەت بۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟
    باھاسى ئەرزان ، كۆركەم ، ئۆزگىچە سوۋغاتلاردىنمۇ تەۋسىيە قىلمامسىز ؟
    بۇ سوۋغاتلارنى ئالالايدىغانلاردىن ئالالمايدىغانلار كۆپ چىقىدۇ .

  2. munglan : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە بىر گەپنى سوراپ باقاي دېگەن مۇشۇلارنى سىز تەۋسىيەلىگەن ئادرېستىن كىرىپ سېتىۋالساق سىزگە قانچە پىرسەنت پايدا كېلىدۇ ؟ قىزىقىپ قالدىم :oops:

    • روھچىن :

      بىلىشىمچە بۇنىڭ تەدبىركارغا پايدىسى يوقمىكىن .

      بۇ پەقەت تورخۇمارنىڭ خالىس مۇلازىمىتى .

    • نامسىز :

      munglan بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس سىز. :oops:

    • پاسىبان :

      ھېي باللا! ئۇنچىۋالا چۈپەيلىك قىلىپ كەتمەي سىلەرنىڭ قولاڭلادىن كېلىدىغىنى شۇكەن، بېسىپ قويغانغا نېمە بوپ كېتىسىلەر ئەمدى؟ بىر ئادەم نۇرغۇن نۇرغۇن زېھىن سەرپ قىلىپ بىر تور بەتنى مۇشۇنچىلىك قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھەر جەھەتتىن قوللاشقا ئېھتىياجلىق. بۇنداق ئاقماس سۇئاللارنى سوراپ يۈرمەي خوش ياقسا بېسىپ بولمىسا ئۆچۈرۈپلا باشقا ئىشىڭلار بوسلا قىلساڭلار بولمىدىمۇ؟!

  3. ئويغۇرلار بىلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارغۇ بەك نەپىس ئىشلەنگەنكەن ،مەندە بىرەسى بولسا دەپ ئويلايمەنۇ~~~~پۇل بەك كۆپ ئەمەستە ،ئاۋۇ سائەتنى ، ئالدىنقى كۇنى گۇگۇل ئېلاننىنى تەۋىسىيە قىلىپتىكەنسىز ،بىزگە مۇشۇنداق بىرەر نەرسە تەۋىسىيە قىلىپ پۇل تاپىدىغان ئىشلاننى ئۆگىتىپ قويسىڭىز . بىزمۇ بېيپ قالايلى ~~~

  4. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالنى سورىۋالاي.
    توردىن چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى IE دا ئاسانلا تېپىۋالاتتىم . بىراق Firofox تور ئەخلەتلىرىنى زادى تاپالمىدىم .
    Firofox بۇنداق يەر يوقمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ ؟

    • سادا :

      قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ شۇنىڭدىنلا چۈشۈرمەمسىز؟شۇ ياخشىراق! :grin:

  5. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق قىستۇرمىنى دەيدىغانسىز ؟

    تەپسىلىراق سۆزلىۋەتمەمسىز ؟

  6. شاھيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سائەت ، پۇل قاپچوق ، تېلىفون ، ئاياخ بودىكەن :evil:

  7. ئۇيغۇر417 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iPod Touch تا pdf كۆرگىلى بولامدۇ؟

  8. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ يۆتكىلىشچان قاتتىق دېسكا نەچچە پۇلدۇ ، كۆزۈم چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ ….

    • Goodboy :

      500G كەن، 398 يۈەنكەن، 20 يۈەن كىرانى قاتسىڭىز 418 يۈەن بۇلىدۇ.
      باھاسى مۇۋاپىق ، كۆرۈنىشى كۆركەم ئىكەن. ھازىرغىچە 1628 دانە سېتىپ بوپتۇ.

  9. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر زامانلاردا يېڭى يىللىق ئاترىتكا دەپ ئۆز ئارا سوۋغا قىلىشىپ يۈرىيدىغان ….. ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتىمۇ نىمە ؟! :sad:

    • سەھرالىق :

      ئالدىنقى كۈنى بىر يىگىت بىزنىڭ ياتاققا كۆتۈرۈپ كىرىپتىكەن، شۇنداق ئاچسىلا ئادەمنىڭ يۈرەك كىسىلىنى قوزغايدىغان مۇزىكىلار چىقىدىغىنىدىن، بىزنىڭ سايىسى قوش باللار‹‹ئەرزانكەن››دەپ يارىتىشمىدى…






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)