يانفوندا تورغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتال – Opera Mini 5 تور كۆرگۈسى
ھازىر يانفوندا تورغا چىقىش ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال بولۇپ قالدى. كۆپىنچىمىز يانفوندا ھەرخىل تور بېكەتلەر ۋە QQ غا چىقىپ تۇرىمىز. نۆۋەتتە NOKIA، Android,iPhone قاتارلىق ئەقلىفونلاردا تورغا چىقىش ئۈچۈن، كۆپىنچە UCWeb، QQ浏览器 قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىۋاتىمىز، بىراق ئەقلى بولمىغان يانفونلار ئۈچۈن، يانفوننىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن تور كۆرگۈنى ئىشلەتمەسلىكتىن باشقا ئامال يوق. Opera Mini بولسا JAVA دا تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۆزىدە JAVA مۇھىتى ھازىرلىغان بارلىق يانفونلاردا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە يانفون تور كۆرگۈلىرى ئىچىدە Opera دەك ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى نورمال كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر تور كۆرگۈ يوق(ئەلۋەتتە iPhone4 تىكى Safari بۇنىڭ سىرتىدا).
Opera Mini نىڭ سۈرئىتى تېزلا بولۇپ قالماستىن، يەنە تور بېكەتلەرنى زور مىقداردا پرىسلاش ئارقىلىق يانفون GPRS ئېقىم مىقدارىنى تېجەپ بېرەلەيدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ، PC دىكى تور كۆرگۈگە ئوخشاش ھوزۇر ئاتا قىلالايدۇ.
نۆۋەتتە Opera Mini 5 نىڭ قوللايدىغان يانفون سۇپىلىرىدىن Java,BlackBerry,Windows Mobile,Android,Symbian قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ خىل مۇھىت قوللاشتەك ئالاھىدىكى Opera Mini نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ يانفونىڭىز Symbian سېستىمىسىدىكى NOKIA S60v3/S60v5 تىپىدىكى يانفونلار بولۇپ، تېخىچە يانفونغا گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلالماي باشقا تور كۆرگۈلەرنى قاچىلاشتىن قىينالسىڭىز ياكى يانفونىڭىزدا Java مۇھىتى ھازىرلانغان بولسا، ئۇنداقتا Opera Mini 5 سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
ئەسكەرتىش: ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرگەندىن كېيىن سول تەرەپتىكى Opera Mini 5.1 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىڭىزنىڭ يانفونىغا ماس كېلىدىغان نەشىرىنى تاللاپ چۈشۈرسڭىز بولىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكىسى Opera Mobile بولۇپ، بۇ مەخسۇس ئەقلىفونلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن نۇسخىسى. Opera Mini بولسا كۆپ قىسىم Java تىپىدىكى يانفونلارغا ئوخشاشلا ماس كېلىۋېرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
ئورگان تور بېكىتى: http://www.operachina.com/mini
نەشىرى: 5.1
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Opera Mini 5 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، Mobile، NOKIA، ئەقلىفون، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,979 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/opera-mini-5.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزلارنىڭ نېمىشقا ۋاسكېتبولچىلارغا قارىغاندا پۇتبولچىلارغا ئامراقلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > ئاپلا…ئادەمنىڭ كىيمىنىڭ ئىچىدىكىنى كۆرگىلى بولىدىغان iPhone يۇمشاق دېتالىمۇ باركەندە؟!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- تورخۇماردىكىلەر بارمىغان مۇشۇ نوكىيا قالدىغۇ دەيمەن؟ قېنى ئەمىسە NOKIA نىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانا بىناسىغا مەرھەمەت!
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- Cut The Rope ئارغامچا كېسىش – iPhone/Android تىكى بەش يۇلتۇزلۇق تەۋسىيە ئويۇن(HTML5 نۇسخىسى)

بۈگۈن دىۋان مىنىڭ!!!
بلوگباس تۈەىشەمدۇ نىمە ؟ بىر چۈشتىن كىيىن ئوڭشاپ بولالمىغان گەپ…
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 25 يۈەنلىك كەسپىنى ئاچقۇزغان ئىدىم، لىكىن ئەبجەق يانفونۇمنىڭ ئىكرانى كىچىك كىلىدىكەن تورغا چىقىشقا…
ما چاققانلىقنى
يەنە بىر يازما يوللاپ بولغۇچە ئولتۇرۇپ بولغان گەپ…
ئالدىراپ ئىملاغا تىيىلىپ كېتىپتىمەن ئەمەسما
بىلوگباس!!!
چاتاق چىقتى!
3600س گىمۇ ماس كىلەمدۇ قانداق؟
ئوپېرا تور كۆرگۈچىنى يانفۇنۇمغا قاچىلاپ سىناپ باقتىم. سىنىغان يانفۇن N8 بولۇپ، ئوپېرا تور كۆرگۈچىنىڭ ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش نىسبىتى نوكىئانىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىگە يەتمەيدىكەن. N8 ئۇيغۇرچە فۇنت تونۇتۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ (فۇنت رۇئوتېر n8 دە نورمال ئىشلىمەيدىكەن) نوكىئانىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچى تور بەتلەرنى 80 ئەتراپىدا نورمال كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما ماۋۇ ئوپېرانىڭ كۆرسىتىش نىستى %60 گىمۇ بارمايدىكەن.
ئابدۇرەشىت ئەپەندى، N8 دا سىز Opera Mini ئەمەس، Opera Mobile 10 نى سىناڭ. ئاندىن مۇشۇ تورخۇمار ياكى tedbirkar.net لارنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ. Opera Mini غا ئەقلىفون زايا كېتىدۇ.
ئۇندا بولسا تىلفۇنغا قاچىلاپ قويغاننىڭ ئىغىرى يوق …
لىكىن ئەقلى بولمىغان تىلفۇنلارنىڭ مىڭىسىمۇ كىچىك بولىدىكەن … بۇمۇ بىر مەسىلىدۇ …
ئەپسۇسIphone غا ماس كىلىدىغان نۇسخىسى يوق ئىكەن.
iPhone دىكى Safari سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ
لىكىن Safari غا كىتىدىغان ئىقىم مىقدارى كۆپ مەن بىر ئايدا تورغا چىقىدىغان ئىقىم مىقدارى ئۇچۈن ئازدىگەندە 40-50 سوم تۆلەيمەن ، خەنلەرنىڭ UC,QQ قاتارلىق توركۆرگۈلىرىنى ئىشلىتىپ باقدىم ،لىكىن سۈرەت ناھايىتى ئاستا ، بولسا ياخشىراق IPhone قوللايدىغان توركۆرگۈبولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز .
torhumar :
ئابدۇرەشىت ئەپەندى، N8 دا سىز Opera Mini ئەمەس، Opera Mobile 10 نى سىناڭ. ئاندىن مۇشۇ تورخۇمار ياكى tedbirkar.net لارنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ. Opera Mini غا ئەقلىفون زايا كېتىدۇ.
———————-
ئاشۇ تور بېكەتتە Opera Mobile 10 مۇ بار ئىكەن، ئۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىنىدىم. نەتىجە ئوخشاش…
ئۇنىڭدىن باشقا مەن بۇنى Motorola XT800 دىمۇ سىنىدىم. ئوپېرانىڭ ئابدىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى نەتىجىسى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. ئاندروئىدتا ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى پۈتۈنلەي كاتەكچە بەلگە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.