نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > باش بەت

french-roast

بىر تەكەببۇر سودىگەر، پارىستىكى بىر ئاشخانىدا كافىي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن پورتمالىنىڭ يېنىدا ئەمەسلىگىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت-ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان سودىگەرنىڭ كۆڭلىدە بىر رەزىل نىيەت پەيدا بولىدۇ، بىراق مەقسىتى كەينى-كەينىدىن بىتجىت بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىگە بالا تېرىۋالغىلى تاس قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن بىر دىۋانە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,753 ئادەم ئولىشىپ بولدى

siri-for-iphone4

iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى Siri كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى، نۆۋەتتە iPhone4 مۇھىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان قانۇنلۇق Siri مۇ بارلىققا كەپتۇ. گەرچە مۇقىملىقىنى ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق 4S سېتىۋېلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا بىر ياخشى تەسىرات مۇھىتى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن، تۆۋەندە iPhone4 كە Siri نى قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,692 ئادەم ئولىشىپ بولدى

assassins-creed-revelations

بۇ قىسىمىدا رىۋايەتسىمان قەھرىمانىمىز Ezio يەنە بىر قەھرىمانىمىز Altair نىڭ ئىزىنى بويلاپ ھەقىقەت ئىزدەش سەپىرىنى باشلايدىكەن. بۇ قېتىمقى ئاساسىي جەڭ3 مەيدانى ئوسمان تۈركلىرى ئېمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى ئىستامبول بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە رەقىبىز يەنىلا سىرلىق ئىبادەتخانا چەۋەندازلىرى بولىدۇ…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,056 ئادەم ئولىشىپ بولدى

the-chubbchubbs

2003-يىلى سونىي Imageworks ئالاھىدە ئۈنۈم شىركىتى «ChubbChubbs» ناملىق بىر دانە قىسقا كارتون فىلىمى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەلدى، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە بولسا، «ChubbChubb نىڭ روژدېستىۋا بايرىمىنى قۇتقۇزۇشى» دېگەن نامدا ئىككىنچى بۆلۈم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. گەرچە بۇ كارتون فىلىملەر قويۇلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدا يەنىلا تېخى كۆرۈپ باقمىغانلار بولۇشى مۇمكىن…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,310 ئادەم ئولىشىپ بولدى

lord-of-the-rings-bug

تور ئارىلاپ بىر تور بېكەتتىن دۇنياۋى داڭلىق فىلىم «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ بەزى ئەجەللىك خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ چىققىنى كۆردۈم، ئاندىن كۆپچىلىكنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئۆزۈم ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تورغا يوللاپ سىلەرگە سۇندۇم…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 11,122 ئادەم ئولىشىپ بولدى

xatirem

ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قارلۇق شىركىتى خاتىرەم نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزى تۈزۈپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق خاتىرەمنىڭ پەقەت iPad نۇسخىسىلا بولۇپ، iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىگە نىسبەتەن، خاتىرەم بىلەن ئۇچرىشىش شارائىتى يوق ئىدى. بۈگۈن بۇ ئەپنىڭ iPhone نەشىرى App Store دا رەسمى ئېلان قىلىنىپتۇ. ئەمدى iPhone/iPad شارائىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ قىينىلىپ ئولتۇرمايسىز، ھەتتا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھاجەتسىز…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 5,402 ئادەم ئولىشىپ بولدى

a-kit-for-sketching-electronics

بۇ قانداق قەغەز؟ ناۋادا بۇ قەغەزدە مەسىلە يوق دەپ قارالسا ئۇنداقتا ئاۋۇ قەلەم زادى قانداق قەلەمدۇ؟ فىزىكىچىلار قېنى سىلەر؟! 30 سكونتتىن كېيىن چوقۇم داڭ قالىسىز، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرسى تېخىمۇ ئادەمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 7,336 ئادەم ئولىشىپ بولدى

uyghur-rss-reader-for-ios

iOS سېستىمىسى ئىشلەتكەن iPhone/iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللاش ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىگىنى دېمىسەممۇ كۆپچىللىككە ئايان. ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، iOS ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە RSS ئوقۇغۇچ ناملىق بۇ App نىڭ دەسلەپكى نۇسقىسى تاماملاندى، مەزكۇر ئوقۇغۇچ  iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تور كۆرگۈ ئاساسىدىكى ئەپ بولۇپ، ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تۈرمىدىن قاچۇرۇش، ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش ھاجەتسىز…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 2,846 ئادەم ئولىشىپ بولدى

photos-one-hundred-dogs-dining-scene

ھايۋاناتلارنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەندە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ناۋادا سىزنى بىر دانە ئېچىرقاپ كەتكەن ئىت بىلەن بىر قەپەسكە سولاپ قويسا قانداق كەيپىياتتا بولىسىز؟ سىز بەلكىم، ئۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ يېمەكلىك تېپىپ بېرىشىم مۇمكىن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ سان كۆپەيسىچۇ؟ ناۋادا سىزنى 10، ھەتتا 100 دانە ئېچىرقاپ كەتكەن ئىت بىلەن بىر ئۆيگە سولاپ قويسا قانداق قىلىسىز؟ بۇنچىۋالا كۆپ ئىتقا يېمەكلىك تېپىپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ خېلىلا قىيىن، تېنىڭىز چوقۇم شۈركىنىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 5,434 ئادەم ئولىشىپ بولدى

apple-ipad-is-the-secret-of-how-to-keep

ئالما شىركىتى iPad نى رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللىقاچان بىر قىسىم پروگرامما ئاچقۇچىلارغا بۇ سىرلىق يېڭى مەھسۇلاتنى خۇپىيانە كۆرسەتكەن بولۇپ، سىرتقى دۇنياغا بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. iPad كە پروگرامما تۈزۈپ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بىرەيلەن مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسىغا، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا iPad بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,706 ئادەم ئولىشىپ بولدى

to-travel-barefoot

ياكى يېتەرلىك ۋاقىت يوق، ياكى يېتەرلىك پۇل يوق، شۇنداق تۇرۇپمۇ، بىز يەنىلا ساياھەت قىلىشنى ئالامەت ياقتۇرىمىز، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بۇ ساياھەت پەقەت بىزنىڭ كاللىمىزدا ئارزۇ پېتىلا تۇرۇپ قالىدۇ. ئوخشاش شارائىتتا سېلىشتۇرساق، فوتوگرافلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ مول مەنىگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 2,885 ئادەم ئولىشىپ بولدى

lazy-jedi

مەن ئۆزۈمنىڭ ھورۇنلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، ناۋادا ماۋۇ ھورۇن ئاداشتەك ئازغىنە ئالاھىدە ئىقتىدارىم بولغان بولسا، ئۆزەمگە چۇشلۇق ئاددى، ئەمما مەنىلىك غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋالاتتىمكەن. بۇ دەل سىز بىزدەك ھورۇنلار ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش بولسا كېرەك؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 6,384 ئادەم ئولىشىپ بولدى