نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > باش بەت

planet-kepler-22b

NASA تەرەپنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا بىر يېڭى پلانېتا بايقالغان، ھالبۇكى بۇ يېڭى پلانېتا ھەرقايسى تەرەپلەردىن قارىغاندا، يەرشارى بىلەن ئاجايىپ ئوخشىشىدىكەن، ھەتتا سۇ ۋە جانلىقلارنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، قارىماققا يەرشارىنىڭ بىر قورساق ئۇكىسىدەكلا…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,912 ئادەم ئولىشىپ بولدى

cut-the-rope

Cut The Rope(ئارغامچا كېسىش) ئويۇنى بولسا iOS/Android سۇپىسىدىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن ئالقىشلىق ئويۇن بولۇپ، ياسىلىشى ئىنتايىن نەپىس، قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى مېۋىچى نىنجا، غەزەپلەنگەن قۇشقاچلاردىن قېلىشمايدۇ، بازارغا چىققان قىسقىغىنە 12 كۈندىلا ئۈچ مىليون يۈرۈش سېتىلغان بولۇپ، ئادەمنى قىززىقتۇرۇش كۈچىمۇ خېلىلا يۇقىرى، بىر قېتىم ئويناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,598 ئادەم ئولىشىپ بولدى

love-program

مەلۇم بىر كۈنى چىرايىنىڭ  ئوڭ – سولى ئۆچكەن بىر خېرىدار ئىنسانىيەتنىڭ تەرتىپىنى قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دېتاللار شىركىتىگە كىرىپ كەلدى، ئۇ ئىنژېنېردىن ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ سېستىمىسى ھەمىشە قېتىۋېلىپ، كىشىلەرگە زېرىكىشلىك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ  ھەممىسى نېمە سەۋەبتىنكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,921 ئادەم ئولىشىپ بولدى

2012-films-preview

2011-يىلىدا نۇرغۇن نادىر كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. 2012-يىلىدىمۇ ئىنتايىن قالتىس فىلىملەر قويۇلىدىغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ چوڭ تىپتىكى كىنولاردىن 44 دانە فىلىمنىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. بەلكىم بۇ تەشۋىقات فىلىملىرى ئارقىلىق قايسى فىلىملەرنى كىنوخانىغا بېرىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقى ھەققىدە كۆڭلىمىزدە بىرەر سان بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,948 ئادەم ئولىشىپ بولدى

joseph-herscher-the-page-turner

ھورۇن ئادەملەرنى بوش چاغلىماڭ، بەزىدە ئۇلارنىڭ قولىدىن ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان ئىشلار كېلىشى مۇمكىن! تۇرقىدىن قارىسا گومۇشلا كۆرۈنىدىغان بۇ سەنئەتكارنىڭ ئىسمى Joseph Herscher بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل قۇرۇلمىنى كەشىپ قىلغان. يەنى ئۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇغاندا قولىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولۇپ، پەقەت قەھۋە ئىچىشكە باشلىغان ھامان، ئۇ كەشىپ قىلغان قۇرۇلما ئاپتوماتىك بەت ئۆرۈشكە باشلايدىكەن…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 6,242 ئادەم ئولىشىپ بولدى

hello-windows

Windows نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى بەلكىم سىزگە چوقۇم ناتونۇش ئەمەس، ئەمما تولۇق نۇسخىسىنىڭ تەمى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇشى مۇمكىن! ياپونىيەلىك مۇزىكانت ゲドライバー نىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيىتى، ئاڭلاۋاتقان چېغىڭىزدا كومپيۇتېر قوزغىلالمايۋاتقاندەك تەسىر بولدىمۇ يوق؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,990 ئادەم ئولىشىپ بولدى

czech-talent-show

ئەسلىدە WALL-E مۇ ئۇسۇل ئوينىيالايدىكەن ئەمەسمۇ؟! چېخ تالانتلىقلار سەھنىسىدە بىر مەيدان كلاسسىك مىخانىك ئۇسۇل ئوينالغان، تاكى سىن باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە بەلكىم ئۆزىڭىزنى WALL-E تۇرىۋاتقان ئاشۇ ماشىنا ئادەملەر ۋە تۆمۈر-تەسەك دۆۋىسىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن!!!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,727 ئادەم ئولىشىپ بولدى

one-and-one-story

مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىنىمىزدە، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى يېڭى بىر ھېكايىمۇ باشلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى ئۇلىشىپ دېگۈدەكلا ئېيتىلىدۇ ۋە بىزنىڭ يېتىلىشىمىزگە ئىزچىل ھەمرا بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ھېسسىيات بولغىنىدا، چۈنكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ھېكايىلەر ئېيتىلىپ تۇرغاچقا، بىز بارا-بارا قاسراق تاشلايمىز، باشقىلار بىزگە سەل قارىمايدىغان ھالەتكە كېلىمىز. مۇھەببەت خۇددى ساندۇق ئىتتىرىش ئويۇنىغا ئوخشاش، ئىككى شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىنتىلىش، ھەمكارلىق، ۋە شۇنىڭدەك ئىككىيلەنگەن ئورتاق تەۋە بولغان ھېكايىلەرنى ئىتتىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر ئويۇندىن ئۆزگىچە زوق ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,804 ئادەم ئولىشىپ بولدى

top-15-companies-for-the-youth

كۆڭلىڭىزدە ئاۋال ئالدىنقى ئۈچىنى پەرەز قىلىپ بولۇپ ئاندىن كېلىپ جاۋابىنى كۆرۈڭ! Universum بولسا بىر ياللانما ئۇچۇر شىركىتى بولۇپ، يېقىندا 6700 نەپەر 40 ياشتىن يۇقىرى، بىر يىلدىن سەككىز يىلغىچە خىزمەت تەجرىبىسى بار كەسپى خادىملارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار ئەڭ بېرىشنى خالايدىغان يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ قايسى شىركەت ئىكەنلىگىنى سىتاتسىكا قىلغان، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش شىركەت تاللاشقا يول قويۇلغان…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 2,254 ئادەم ئولىشىپ بولدى

song-collection-20120111

ناخشا يوللىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈن شىيامى تورىدىكى دوستلار ھەمبەھرلىگەن بىر يۈرۈش ناخشىلارنى كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلدىم. ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ خىلدىكى مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇشى ناتايىن. بىراق ياقتۇرىدىغانلار ھامان چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن! تاللانغان بىر يۈرۈش لاتىنچە ناخشىلار توپلىمى، قېنى مەرھەمەت!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,950 ئادەم ئولىشىپ بولدى

forget-i-earth-in

روسىيەلىك سەنئەتكار Dmitry Maximov قىستۇرما رەسىم ۋە فوتوگرافلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇرۇپ، بىر خىل ئۆزگىچە فانتازىيەگە تولغان ئىككى ئۆلچەملىك دۇنيانى لايىھەلەپ چىققان. ئۇ دائىم بىر دانە شار شەكىللىك بېشى بار كىچىك ئادەمنى باش پېرسوناژ قىلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ پېرسوناژ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەقىقىي دۇنيا بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بەزىدە يەنە كىچىك ھەم ئوماق بىر دانە ئالۋاستىمۇ تۇرمۇشتا كىشىگە ئىنتايىن گۈزەل تەسىر بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسلىقى مىسكىنلىك تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، قارىماققا كىشىگە يەنە بىر خىل ئۆزگىچە گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرىدىكەن…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 3,397 ئادەم ئولىشىپ بولدى

stopmotion

مەزكۇر ئىككى قىسىملىق قاتۇرما كارتون بولسا، ياپونىيەدىكى ئىككى نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، قارا دوسكىنى تېما قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن. پۈتكۈل فىلىمگە 3000 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ سۈرەتلەرنى ئارقىمۇ-ئارقا قويۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا ئىجادىيلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىككى قىسىملىق «قارا دوسكا جېڭى» ناملىق قىسقا فىلىم پۈتۈپ چىققان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 4,297 ئادەم ئولىشىپ بولدى