نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > باش بەت

X-Man رىۋايىتى Wolverine ئويۇنى - ئەسلى فىلىمدىن ئۆزگەرتىلگەن جەڭ ئويۇنى

«X ئۇرۇش جەڭچىسى» فىلىمىنى بەلكىم خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدىنقى يىلدا قويۇلغان Wolverine فىلىمىمۇ ناھايىتى قالتىس ئىشلەنگەن بىر فىلىم دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ئويۇن دەل يۇقارقى Wolverine فىلىمى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ Wolverine بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا بولىدۇ، ئويۇننىڭ مەيلى NPC ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئۈنۈمى بولسۇن، كىشىنى رازى قىلماي قالمايدۇ….

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,707 ئادەم ئولىشىپ بولدى

400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى

ھېكايە ۋەقەلىكىدە Ryu دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىگە ماڭغان چاغدا، Ken ئۇنىڭغا ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ مېڭىشنى ئېيتىدۇ، پۈتكۈل ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئۈنۈمى ھەقىقىي ئويۇنغا يۈكسەك دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىۋېتىلگەن….

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,818 ئادەم ئولىشىپ بولدى

روسىيەلىك تورداشلار كىرىشتۈرۈپ چىققان قىزىقارلىق سىن - Pac-Man VS Super Mario

بۇ بولسا روسىيەدىكى داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتى Tviglo دىن تارقالغان ئەسەر بولۇپ، پۈتكۈل ئەسەر ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇر ۋە كۈلكە تۈسىنى ئالغان، مەزكۇر سىندا پۇرچاق يېگۈچى(Pac-Man) بىلەن مارىيو(Super Mario) ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان قىزىقارلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن، قايتىدىن ھاياتلىق بېرىلگەن بۇ پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە زادى كىم يېڭىپ چىقار؟ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,644 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تەڭپۇڭلۇق ئويۇنى(三维平衡球)

ئۈچ ئۆلچەملىك تەڭپۇڭلۇق ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدە، مەزكۇر تىپتىكى ئويۇنلارنى كۆپچىلىك بەلكىم ئىلگىرى ئويناپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇداقىسى بۇرۇنقىدەك ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس، بۇ قېتىم كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان توپ، يەنى كاللا ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئويۇننى ئۇنچە ئاسان تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئويۇننىڭ رەڭگارەڭ لايىھەلىنىشى، خىلمۇ-خىل ئۆتكەللەرنىڭ ئادەمنىڭ قىززىقتۇرۇشى بۇ ئويۇننى ئوينىغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشىدۇر!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,248 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ئۆيدە ئولتۇرۇپلا F1 ھەيدەش - مۇنداق ئۈنۈمدە ئويۇن ئوينىسا نېمىگەن ھوزۇر ھە؟!

كومپيۇتېردا ئاپتوموبېل ئويۇنلىرى ئويناش ئاللىبۇرۇن ئومۇملاشقان بىر ئىش. بىراق كومپيۇتېردا بىزگە مۇسابىقە ئاپتوموبېلىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگىنى پەقەتلە تۆت دانە يۆنىلىش كۇنۇپكىسى، ناۋادا ھەقىقىي ئاپتوموبېلغا ئولتۇرۇپ ھەيدىگەندەك ئۈنۈمدە ئوينىغىلى بولسا قالتىس بولاتتىدە؟
بىراق بەزىلەر ئاللىبۇرۇن بۇ خىل ئۈنۈمدىن ھوزۇرلىنىشنى باشلىغاندەك قىلىدۇ، سۈرئەت تېزلەتكەندىكى ئۈنۈم بەك قالتىسكەن، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى قانچە پۇلدۇ؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,728 ئادەم ئولىشىپ بولدى

تاڭسېڭ ۋە تۆت شاگىرتىنىڭ غەرپكە نوم ئېلىش سەپىرىدىكى پاراڭلار

تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى توققۇز يەردە توققۇز 81 خىل مۈشكۈلاتنى تاماملاپ ئاران تەستە تاتھاگاتا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىگە ھەقىقىي نومنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ…شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قىزىقارلىق ئىشلار باشلىنىپتۇ…

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 2,350 ئادەم ئولىشىپ بولدى

YouTube دا بىر كۈندە كۆرۈلىشى 1مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن سىن

تەڭداشسىز تەسەۋۋۇر، ئاجايىپ لايىھە!!! ئارتۇق گەپ قىلماي، كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ بېقىڭلار، پۈتكۈل قۇرۇلمىنى لايىھەلەش ۋە قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 2,013 ئادەم ئولىشىپ بولدى

IE6 نىڭ دەپنە مۇراسىمى نەقمەيدان ئەھۋالى

ئىلگىرىكى خەۋىرىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، IE6 تور زىيارەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن 8 يىل مۇلازىمەت قىلىپ، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا كالېفورنىيە Google باش شىركىتىدە ئۆلدى. IE6 گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوغلى IE7 ۋە قىزى IE8 يەنىلا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدۇ.
Google نى IE6 نى قەستلەپ ئۆلتۈردى دېگىلى بولماس، چۈنكى IE6 دىن ئىبارەت بۇ ئاجىز كېسەلچان بوۋاينىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن يېتەرسىزلىك ۋە دەۋىر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئۆرپ-ئادەتلەر ساقلانغان، شۇڭا بۇ پېشقەدەم رەھبىرىمىزنى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۇزاتتۇق دېسەك بىر ئاز مۇۋاپىق. Google پەقەت IE6 نىڭ شاللاپ چىقىرىۋېتىلىش قەدىمىنى ئازراق تېزلىتىپ بەردى خالاس.

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 683 ئادەم ئولىشىپ بولدى

تورت ياساش ئۇستىسىنىڭ كارامىتى - مۇنداق تورت ياسىغاننى كۆرگەنمۇ؟

ئارىمىزدا تورت يەپ باقمىغانلارمۇ يوققۇ دەيمەن. ئەلۋەتتە كۆپىنچەيلەن ئاغزىمىزدىكى ئاشۇ ئېسىل تەمنىڭ قانداق ياسىلىپ چىقىدىغانلىقىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم قىزلار تورت ياساشقىمۇ خېلى ئۇستا. بىراق يېقىندا بىر تورت ياساش ئۇستىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ياسىغان تورتلىرىنى يېگىلى بولمايدىكەن، ئەمما تورغا چىققىلى، ئويۇن ئوينىغىلى بولىدىكەن!!!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 882 ئادەم ئولىشىپ بولدى

تور بېكەت بېزەشتىكى نادىر ماتېرىيال - ئايكون دۇنياسى!

بىر تور بېكەت ئۆزىنىڭ ئىجادى يازمىلىرى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئۆزگىچە بېزەلگەن سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا باشقا تور بېكەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكىسى چەتئەلدىكى ئىشتىن سىرتقى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، تور بېكەت لايىھەلىگۈچىلەر ۋە بېزىگۈچىلەر ئۈچۈن چوقۇم ياخشى خام ماتېرىيال بولالىغۇسى!

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 693 ئادەم ئولىشىپ بولدى

ۋاقىتلىق ئېلخەت - 10 مىنۇتلۇق E-mail ئىشلىتىپ باققانمۇ؟

بەزىدە توردا ھەرخىل مۇلازىمەتلەرگە تىزىملاتقان چېغىمىزدا، مەسىلەن ئىزدەش تور بېكىتىدىن مەلۇم بىر MTV نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخىسىنى ئىزدىگىنىمىزدە، بۇ بايلىق مەنبەسى مەلۇم تور بېكەتتىن چىقىپ قالىدۇ، بۇ تور بېكەتتىن بۇ MTV نى چۈشۈرۈش ئۈچۈن سىز ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئارقىلىق تىزىملىتىشىڭىز ۋە شۇ تور بېكەت ئەۋەتكەن ئاكتىپلاش(激活) ئۇچۇرى يوللانمىسىنى ئېچىپ، بەلگىلىك ئۇلانمىنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتقا ئۆتەلەيسىز.بەزى تور بېكەتلەردە قايتا تىزىملىتىش توغرا كەلگەندە ئوخشاش E-mail ئادرېسى كىرگۈزۈشنى رەت قىلىدۇ.بۇ چاغدا ئاشۇ تور بېكەتكە تىزىملىتىش ئۈچۈن يەنە بىر E-mail تىزىملىتىش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق، قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 396 ئادەم ئولىشىپ بولدى

Google خادىملىرىنىڭ «چىرىكلەشكەن» تۇرمۇشى

دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Google شىركىتىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى ئاللىقاچان 500 مىليارت فونستىرلىڭدىن ئېشىپ كەتتى.تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك بولغاندا، بۇنداق چوڭ بىر شىركەتنىڭ خادىملىرى چوقۇم ئالدىراشچىلىقىدا چوڭقۇرراق تىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە جىددى خىزمەت قىلىشى مۇمكىن.ئەمىلىيەتتە Google نىڭ ئامرېكىدىكى باش شىتاب ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەت مۇھىتى، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماسلىق بىلەن نام چىقارغان: خىزمەتچىلەرنىڭ مەخسۇس خىزمەت كىيىمى يوق، نېمىنى كىيىشنى ياخشى كۆرسە، شۇنى كىيىدۇ، ھەتتا خوجايىننىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىمۇ قالايمىقان چېچىلىپ كەتكەن ئويۇنچۇقلار تىزىقلىق.

无觅相关文章插件,快速提升流量

بۇ يازمىغا ھازىرغىچە 1,377 ئادەم ئولىشىپ بولدى