Pixar دىن يەنە بىر سوۋغا – زوراۋان بۇلۇت ۋە بالا توشۇغۇچى لەيلەك قۇش(Partly Cloudy)
بۇ بولسا، Pixar نىڭ 2009-يىلى ئىشلىگەن، «ئۇچار ئۆي ساياھەت خاتىرىسى» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قوشۇپ ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك ئىنتايىن نادىر 3D قىسقا كارتون فىلىم. فىلىم ۋەقەلىكى يۈكسەك كومىدىيە ۋە ئاجايىپ تەسەۋۋۇر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن، بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك تەۋسىيە دەرىجىلىك كارتونلارنىڭ بىرى…
غەرب رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ، بۇ قۇشنىڭ نامى «لەيلەك(ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىن ئېلىندى)» دەپ ئاتىلىدىكەن ھەمدە بۇ قۇشلار مەخسۇس بالىلارنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمما لەيلەك قۇش توشۇيدىغان بۇ بالىلار زادى قەيەردىن كېلىدىغاندۇ؟ ئەسلىدە، ئاسماندىكى بۇلۇت قاتلىمى ئارىسىدىكى بىر قىسىم بۇلۇتلار، بۇ بالىلارنىڭ ھاياتلىقىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھاياتلىق بەرپا قىلغۇچى بۇلۇتلار ئارىسىدا، بىر دانە ناھايىتى پەرىشان بۇلۇت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ”Gus“ ئىكەن. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ داۋاملىق بىر قەدەر «كەپسىز ۋە زوراۋان» بالىلارنى ياساپ قويىدىكەن، مەسىلەن تىمساق بالىسى، كىچىك قوشقار ۋە كىرپە بالىسى قاتارلىق قورقۇنچلۇق مەخلۇقلار دەل مۇشۇ ”Gus“ تەرىپىدىن ياسىلىپ چىقىلىدىكەن، ئۇنىڭ ھەمرايى Peck بولسا، Gus نىڭ بۇ «نادىر ئەسەرلىرى»نى ئىنسانلار ئارىسىغا توشۇشقا مەسئۇل لەيلەك قۇش ئىكەن. ئەمما Gus نىڭ «ئىجادىيەتلىرى»نىڭ بارغانسىرى تەلۋىلىشىگە ئەگىشىپ، Peck نىڭ بۇ «خەتەرلىك بۇيۇملار»نى توشۇش ۋەزىپىسى بارغانسىرى قىيىنلىشىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پۈتۈن بەدىنى يارا ۋە جاراھەت بېسىپ كەتكەن Peck ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە، Gus ئۇنىڭغا يەنە بىردانە ئاكۇلا بالىسىنى چىقىرىپ بېرىپتۇ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن Peck بولسا، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ئالدى كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپتۇ، يالغۇزلۇق باسقان Gus بولسا كۆڭلى يەنە پەرىشان بولۇپ يىغلاشقا باشلاپتۇ…
مەزكۇر فىلىمنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىشنى خالايدىغان، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم ھەۋەسكارلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ يەردە يەنە Partly Cloudy نىڭ 720P لىق BDRip نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، لازىم بولغانلار چۈشىرىۋالساڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷دا چۈشۈرۈڭ):
720P لىق سۈزۈك نۇسخىسى | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، pixar، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,781 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/partly-cloudy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 腾讯 شىركىتىنىڭ تور نامى – QQ.com ھەققىدىكى ھېكايەت
- كېيىنكى يازما > 25 پارچە تاللانغان ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرى – Wallpaper
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!
- Titanic Super 3D – كىنوخانىدا كىشىگە ھاياجان ئاتا قىلىدىغان 3D نۇسخىدىكى تىتانىك فىلىمى قويۇلىۋېتىپتۇ
- Archetype – ھەيۋەتلىك كۆرۈنمە ئۈنۈمى ھەتتا ھوللىيۋود فىلىملىرىدىن قېلىشمايدىغان فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم
- [كىنو] تۆمۈر مۇشت(铁拳) ئويۇنى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن 3D فىلىم – قانلىق قىساس
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى ئاشۇ بەئەينى تىرىكتەكلا كۆرۈنىدىغان CG پېرسوناژلار

بىر چاغدا كۆرۈپتىكەنمەن، لېكىن قايتا بىر كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندىم… Pixar نىڭ مۇشۇ يېرىنى دەيمىزدە…
شۇنى بىر دەڭە
PS: بۇ كەچتە سىزنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس جۇمۇ
1080 لىكى يوقما؟