نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > مــۇڭ كـۈيــلــەر > يازما مەزمۇنى

«كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى ناخشىسىنىڭ مۇنداقمۇ ۋارىيانتلىرى بار ئىكەن…

ئارىمىزدا «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى: ناتونۇش دولقۇن»مۇ ھازىر دەل پۈتۈن دۇنيادىكى كىنوخانىلاردا بەس-بەستە قويۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر فىلىم توغرىلىق گەپ بولسا، يەنە بىر نەرسە تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى:  He’s a Pirate

فىلىمنىڭ ئاساسى مۇزىكىسىنىڭ نامى He’s a Pirate بولۇپ، Hans Zimmer ئىسىملىك مۇزىكانتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكىنىڭ بىر قانچە خىل ۋارىيانتلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدا ئورۇنلانغان نۇسخىسى، يۇمشاق دېتالنىڭ نامى Synthesia Piano

پىئانىنو نۇسخىسى

كلاسسىك گىتتار نۇسخىسى

گېرمانىيەلىك داڭلىق ئىسكىرىپكا ئۇستىسى David Garrett نىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئىسكىرىپكا نۇسخىسى

ئەلۋەتتە، يۇقارقىدەك ئەنئەنىۋى سازلاردىن سىرت، بىزنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانىمىز iPhone مۇ قاتاردىن قالمىغۇسى. iPhone نەشىرى!

ئاخىرىدا ئۆلچەملىك MP3 نۇسخىسىدىن بىرنى قالدۇرۇپ قوياي. تورداشلارنىڭ يەنە باشقا ۋارىيانتلىرى بولسا باھا ئارقىلىق تولۇقلاپ مېڭىشىنى قارشى ئالىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 47 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. كوڭلۇم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا مۇشۇ كىنونىڭ 1.3بولىمىگىچە ئەۋەتىپ بەسەڭلا بىزمۇ كورەپ باقىلى قاندا بولاكىن
    :evil:

    خى خى

  2. ئاقتۇرۇپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چالدىكەن :oops:

  3. ئايقىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈنۈگۈن چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ھاياجىنىمنى باسالماي كۆرۈپ ساپتىمەن :arrow: ئەممازە تازا ئۇچۇق ئەمەس،كىنوخانىدا كۆرگەنگە يەتمىسىمۇ خېلى بوپ قالىدىكەن ، :razz: http://movie.era.ph/detail/?1766.html

  4. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پىئانىنونىڭ پەچەت چىقىپتۇ. ئوركېستىر بىلەن ئورۇنلىغىنى بەكلا ھەيۋەتكەن. ئايفون ھەقىقەتەن ئۇنىۋېرسال نەرسىدە …

  5. نەفىسە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن كەچتە ئاخىرى بۇ كىنونى كۆرىدىغان بولدۇم -دە ….

  6. ئۈمىد يۇلتۇزى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىملەر سىزنى تەكلىپ قىلدى ..كىنو كۆرۈشكە .سەھرالىق ئەمەستۇ….

    • سەھرالىق :

      فەقىر ھازىر سەھراغا يول ئالدى، مەن كەلگۈچە غەيۋىتىمنى قىلىشماي تۇرىشالا :idea:

  7. نەفىسە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەھرالىق ھازىر نەفىسە دېگەن گەپنى ئاڭلىسا سەھراغا قاچىدىغان بولىۋالدى ئەمەسما!! ئامالسىز ئۆزەم يالغۇز بېرىپ كىلەي دەيمەن :mrgreen: :mrgreen: بىرەرىڭلار بارساڭلار ئېلىۋىلاي بولمىسا، كوللىكتىپ كۆرسەك ئەرزان :lol:

  8. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۇزۇك نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى چىققاندا بىراقلا كۆرەي مەن.. شۇ چاغدىلا خۇماردىن چىققىلى بولىدۇ

  9. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنداق دەپ قويۇڭ! :cool:

  10. نەفىسە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونى ئاخىرى كۆردۈم….. :wink: . ئۇسساپ كېتىپ دەرياغا بېرىپ سۇ ئېچىپ تۇزلۇق سۇ ئىچىۋالغاندەك بولۇپ قالدىما بۇ كىنونى كۆرۈپ…. :eek: قىززىماپتۇ….. :neutral:

  11. نامسىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كىنونى بىر قېتىم كۈرۈپ بولغان بولساممۇ، ھاياجىنىمنى باسالماي ھەممىنى بىر رەت ئاڭلىۋەتتىم

  12. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندەن ئۆمەرجان ئالىم بىلەن خالمۇرات ئۆمەر بىرلىكتە ئورۇندىغان دۇتار تەمبۇر نۇسخىسى بارتى،ۋاقىت چىققاندا يوللاپ قوياي

  13. دىغار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇ كىنونى سىترولۇق دەپ ئاتايىن كۆرگۈنۈمگە رازى بولمىدىم. نەدە ئۇنىڭدىكى سىترولۇق ئۈنۈم، چوڭ بىر ئۆيگە سولاپ قويغاندەكلا! ئۇنىڭدىن Rio بىلەن Kongfu Panda خېلى نوچىكەن! كۆرۈنۈشلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالالايدۇ!

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)