نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تور بايلىقلىرى > يازما مەزمۇنى

AI+CDR+PSD+PDF قاتارلىق فورماتلاردىكى ھۆججەتلەرنىڭ 缩略图 يامىقى(Win7 نىمۇ قوللايدۇ)

AI+CDR+PSD+EPS قاتارلىق فورماتلاردىكى ھۆججەتلەرنىڭ 缩略图 يامىقى(Win7 نىمۇ قوللايدۇ)

AI ،CDR ،FH ،PSD ،PDF ،EPS قاتارلىقلار بولسا، ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈرەت لايىھە فورمات ھۆججەتلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا بىزگە PSD ۋە PDF فورماتىدىكى ھۆججەتلەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. Windows تا ئادەتتە نورمال ھالەتتە بۇ فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قورالدا ئېچىپ كۆرمىسەك، BMP، JPG قاتارلىق فورماتتىكى ھۆججەتلەرگە ئوخشاش كىچىكلەتمە شەكىلدە(缩略图) كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىگەن، تۆۋەندىكى ياماقنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ياماق Microsoft نىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 7 بىلەنمۇ ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىدۇ.

بەلكىم Photoshop قاتارلىق لايىھەلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلار ئۈچۈن، بۇ ئىقتىدار نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بەزىدە توردىن چۈشۈرگەن تەييار PSD قېلىپلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئاتايىتەن Photoshop نى قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ، ناۋادا بۇ ياماق سېستىمىغا سەپلىۋېتىلسە، PSD نى ئېچىش ئۈچۈن كەتكەن نۇرغۇن ئارتۇق مەشغۇلات ۋە ۋاقىت تېجىلىشى مۇمكىن، مەيلى قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ياماقنى بىر قەدەر پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلايمەن.

ماس كېلىدىغان سېستىما: WindowsXP/Vista/Windows7

ئەسكەرتىش: توردىكى بەزى ماتېرىياللاردا Windows نىڭ بارلىق نەشىرىگە ماس كېلىدۇ دېيىلىپتۇ، مەن بۇ يەردە پەقەت Windows 7 دىلا سىناپ كۆرۈپ باقتىم، باشقا مەشغۇلات سېستىمىسىدا سىناپ باقمىغاچ، ئەمەلىي سىناش نەتىجىسىنى تەمىنلەشكە ئامالسىزمەن، ناۋادا سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تورداشلار بولسا، سىناش نەتىجىسىنى تەمىنلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:
ياماقنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 5 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Windows 7 نىڭ sendto ئورنىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىر bat ھۆججىتى بار ئىدى .پەقەت تاپالمىدىم ، نۇرمال ئېچىشتا بۇ ئۇرۇننى كۆرگىلى بولمايدىكەن .سىزدە بارمىدۇ ؟

    • torhumar :

      运行 غا shell:sendto دەپ يېزىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

  2. پېرخون : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ …. ئەجەپ ياخشى …. مەن WindowsXP دا سىنىدىم … ئۇتۇقلۇق بولدى ،،، مەن بۇرۇن دەل مۇشۇندا بىر ياماق يوق بەك كۆپ جاپا تارتقانتىم .. ئەمدى ياخشى بولدى ،،، رەھمەت سىزگە !

    • torhumar :

      ئەرزىمەيدۇ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ ئەلۋەتتە :smile:

  3. m427 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟ ماڭىمۇ بەك لازىم ئىدى؟خاپا بولماي ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.mutalip427@qq.com






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)