يولغا خىش باسىدىغان پرىنتېر؟؟؟ چەتئەللىكلەرنىڭ يولنى قانداق ئوڭشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ!
كىچىك ۋاقتىمىزدا، مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى يولنى ئىشچىلارنىڭ دائىم دېگۈدەك رېمونتلاپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. بىراق تاكى مەن ئالىي مەكتەپكە كەتكۈچە بۇ يوللار تېخىچە يېرىم رېمونت ھالىتىدە تۇرىۋەردى. گەرچە، بۇ بۇزۇق يول بىر قانچە ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنچىلىك جاپادا ھەم ئۇزۇندا پۈتىدىغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئويلىغىنىمدا، ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالاتتى…
ناۋادا، مۇشۇنداق يول ئوڭشايدىغان ئۈسكۈنىدىن بىرسى بولسا، بىراقلا ئوڭشىۋەتسە بولماسمۇ؟ قارىغاندا، بۇ خىيالىممۇ كاللىسى ئۆتكۈر ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولۇنغاندەك قىلىدۇ…
قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ بۇ يولى بىزنىڭ مەھەللىدىكى يولدىن خېلىلا رەتلىك ۋە ئۆلچەملىك چىققاندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر قانچە ئادەملا كېتىدىغان ئىشكەن. ئىككى ئادەم ئالدى تەرەپتىن ياتقۇزىلىدىغان خىشلارنى تىزىپلا بەرسە، بۇ تەرەپتىن تاراسلىتىپ يول يۈزىگە خىش بېسىپ چىقىدىكەن، ھەقىقەتەن يولغا خىش باسىدىغان پرېنتېرنىڭ ئۆزىكەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق، قىزىقارلىق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/road-printer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىسقا كارتون فىلىم – گروففالو(The Gruffalo)
- كېيىنكى يازما > پەرزەنتلەرنى مۇنداق تەربىيلىمەيلى! ياخشى ئاتا-ئاتا تەربىيلەشنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرى…
- سىز بىز ئاڭلىمىغان ئىشلار جىق ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىبەي دۇفۇلار ھەممىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرمىش…
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- ئاجايىپ قالتىس سىفىرلىق رەسىم سىزىدىغان قەلەم! CG لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسقاتقۇدەك!
- كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ئاجايىپ نەپس دۇنيا خەرىتىسى!
- ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ ئىشلار! تاساددىپىيلىق دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيسىزغۇ دەيمەن؟!
- مەكتەپ ھاياتىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!




rasim eqilmidi. ongxap koysingiz bolgudak. .
يولغا خىش باسىدىغان پرىنتېر؟؟؟
توۋا، تەرەققىيات بۇنداق بۇلىۋەرسە، ئاخىر زامانمۇ تېزلا يېتىپ كەلگىدەك….
ئەجەب رەتلىك باسىدىكىنا ؟!
بۇنداق ئۈسكۈنىدە خىش ياتقۇزسا بەل ئاغرىمىغىدەك.
ئىشلەمچىلىنىڭ كۈنى تىخمۇ تەسلىشىپ كەتكۈدەك!
ئارقىدىكى 压路机 بولسا ئالدىدىكى 打路机 كەندە
قالتىس ئويلاپ قويۇپتۇ-يا بۇخەقلەر!
چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .
خىزمەتچىلەر تىزىپ بىرىۋاتقاندەك قىلامدۇ يا …. ماڭا شۇنداق كۈرۈندىمۇ
راس خىشمىدۇ يا، كاۋچۇكمىدۇ؟
سەھرالىقكا …. مەن ساندان مەسىلىسىنى ھەل قىپ قويدۇم . سىزنى ساقلاپ قالدىم …
مانا-مانا…كەلدىم
ئاپامغا دىمەي تۇراي
ئەمدى يول ياسايدىغان يەردە ئىشلىسىمۇ تىخنىكا كەتكۇدەك
ماۋۇ ماشنا ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇنەۋەر كېسەكچى ئىكەن