قالتىس كىشىلەر ئاز ئەمەس، ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قالغاندا راكېتا ياساپ ئۇچۇرۇپ ئوينايدىغان كىشىلەرمۇ باركەن
ئامېرىكىلىق Derek Deville ئىسىملىك بىرەيلەن، بىكارچىلىقتا قاتتىق ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قىلىدىغان ئىش تاپالماي ئۆزى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كىچىك راكېتادىن بىرنى ياساپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا Qu8k دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 4.25 مېتىر، تەخمىنەن 145 كلوگرام كېلىدىكەن، بۇ زېرىكىپ كەتكەن ئامېرىكىلىق ھەتتا كونتروللىغۇچ ۋە ئىتتىرىش سۇپىسى قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ تولۇق ياساپ چىقىپتۇ…
ئەيتاۋۇر 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، Qu8k ئوڭۇشلۇق ھالدا نېۋادا شىتاتىدىكى Black Rock قۇملۇقىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپتۇ، 92 سكونت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ 36KM ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا يېتىپ بېرىپتۇ ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا يەرگە قونۇپتۇ، راكېتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرا بولسا نۇرغۇن نادىر كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ يېنىپ كەپتۇ…
تۆۋەندە بىرلىكتە بۇ «ساراڭ» ئامېرىكىلىق ياسىغان راكېتانى كۆرۈپ باقايلى:

ياسىلىش جەريانى:




ئۆزى ياساپلا قالماي، يەنە ئۆزى قويۇپ بېرىپتۇ تېخى:




بىر ئامېرىكىلىق ئۆزى يالغۇز بىر راكېتا ياساپ چىقىپتۇ، قارىغاندا بىز نەۋرىمىزنىڭ ئەۋرىسىنىڭ چەۋرىسىگە مەدەت تىلەپ ئولتۇرساق بولغۇدەك!
راكېتا سۈرەتكە ئېلىپ چۈشكەن سىن:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، ئەسەر، تېخنىكا، خەۋەر، سىرلىق، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/rocket-qu8k.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- كېيىنكى يازما > ئالامەت قىزىقارلىق ئىشلەتكەن پاراۋانلىق ئېلانلىرى، ئىشىكتىن چىققاندا يەنىلا يالغۇز چىقماسلىق ئاقىلانىلىكتۇر!
- سىز بىز ئاڭلىمىغان ئىشلار جىق ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىبەي دۇفۇلار ھەممىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرمىش…
- 52 ياشلىق مويسىپىت 12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر دانە بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلان تەقلىدچىسى ياساپ چىقىپتۇ…
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- بېيجىڭدىن پىيادە مېڭىپ ئۈرۈمچىگىچە كەلگەن گېرمانىيەلىك! بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇزاق يول…
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!



مەن نىمە دىگەن يامان
دىۋان مىنىڭ بولدى . ئەمدى مەندىن تالاشماڭلار.
ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچىرمايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن ئنسانلاردە،،،نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ ،،،ھەي بۇتەرەپتە راكىتا تۈگۈل بىرتال ئوقنى خىيالىمىز غا كەلتۈرۈپ بولغىچە ،مېڭىمىز گە ئوزىلا كىلىپ بولىشى ………….
راكىتاسىنىڭ ئوق بېشى يەرشارىنىڭ تېشىدا لەيلەپ يۇرۇيدۇ، ئەتە-ئۆگۇن بىرەر سۇننىي ھەمراھنىڭ بېشىنى ئېتىلدۇرۋەتمىگۇيدى
راسمۇ بۇ يا؟ بەزىلەرنىڭ چۈشىمىكىن دەيمەن بۇنى، بولمىسىغۇ مىنىڭمۇ بىرنى قويۇپ بەرگۈم بار ئىدى!
مۇشۇ ئەركىن دۆلەتتىكى كىشلەرگە بەك ھەۋسم كېلدۇ مېنىڭ.
خەق بەك يامانمۇ نېمە؟
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ ، ئايقا چىقىپ كەتتى يىراق.
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق،دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
ھەممە نەرسە تەييارغۇ بازاردا سىزمۇ قىلالايسىز . شۇ ئاشۇ راكىتانى ئاسمانغا چىقردىغان كالا ۋە قىزىقىش يوق. ئىچكىردىكى بىر مەكتەپنىڭ بالىلرنىڭ قويۇپ بەرگىنى كۆرگەن . لېكىن بۇلاردەك مەخسۇس ئەمەسكەن.
دۆلەت بىلەن مۇناسىۋتى يوققۇ
ئاسمانغا چىقىردىغانغا كالا كەتمەس … ؟ كاللا كىتە … ؟
بۇ يەردە ئۇنى قويۇپ بەرسەك بېناغا سانجىلىپ قالارمىكىن…
يېقۇلغۇغا نىمە ئىشلەتكەندۇ
يىقىلغۇغا پىرىسلانغان بىنىزىن ئىشلىتىڭ