نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ئىچ پۇشۇقى چىقىرىدىغان ياخشى ئويۇن – سامۇراي2: قىساس ئېلىش

سامۇراي2: قىساس ئېلىش(Samurai II: Vengeance) بولسا ئەسلىدە iPhone سۇپىسىدىكى نادىر ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئويۇن PC غا ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئوڭاي بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزىمۇ پەقەت 20M كېلىدىغان ئويۇن گەۋدىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ…

ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئويۇننىڭ سترولۇق ئۈنۈمى ۋە ھەرىكەت ئۈنۈمى بىز ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى. گەرچە ئويۇننىڭ ئومۇمى جەھەتتىن «پارىس شاھزادىسى» ئائىلىسىدىكى ئويۇنلارغا سېلىشتۇرۇشقا بولمىسىمۇ، بىراق ھېچ بولمىسا خىزمەتتىن ھېرىپ چارچىغاندا بىردەم ئىچ پۇشۇقى چىقارغىلى، ئۆيدىكى كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ غەلۋىسىنى بىردەملىك بېسىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويۇننىڭ سىغىمى پەقەت 28MB كېلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.

ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. چۈشۈرۈش پرېستىن يېشىمىز
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولىدۇ

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دە چۈشۈرۈش):

سامۇراي2: قىساس ئېلىش |    مەنبە: torhumar.com

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 11 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دېگەن قانداق نەرسىدۇ زادى … :evil:

  2. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىنى بىر ئويناپ باقمامدۇق

  3. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئويان ئوياندەك ئويانكەن جۇما! ۋەھشى ئىشلەپ قويۇپتۇ بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى ئۈزىۋىتىدىغان پۈتۈن بەدەننى باشنىڭ ئوتتۇرسىدىنلا ئىككى پارچە قىلىۋىتىدىغان كۆرۈنۈشلىرى بەك پەيزى لازىيلىنىپتۇ تىخى مۇشۇنداق يەرلەردە ئاستا كۆرىنىش چىقىدىكەن، لىكىن شۇ ئازراق كەمچىللىكى كۇنۇپكىنى بىسىپ بىردەمدىن كىيىن ئاندىن ئىشلەيدىكەن

  4. ئويۇن ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    28MB لىق كورتەك ئويۇنلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرمەيمىز… :idea:

  5. جۇشقۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۇشۇرۇپ ئىچىم پۇشقاندا ئويناپ قويمايمەنمۇ ،-ھە ؟؟؟؟

  6. ئىزدەن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئويۇنچۇق ئويناش بىلەن زادى خوشام يوق تە مېنىڭ !

  7. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايفوننىڭ ئويۇنىنى تەپسىلىي كۆچۈرۈپ كېلىش كېرەك ئېدى ئەسلى… AngryBirdse ، Plants and Zombies دېگەن ئويۇنلاردىكىدەك

  8. نۇرلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئويۇنغا قىزىقمايمەن….ئەڭ ياخشىسى چېكىنەي.

  9. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ پاھ! بۇ سامۇراي ئويۇنىنى ئاخخرى ئويناپ تۈگىتىۋەتتىم 3- بۆلۈمى چىقسا يوللاپ قويالا ئۇنىمۇ ئويناپ قوياي پەچەت ئويۇنكەن بۇ!

  10. ئاغىنىلەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تازا قاملاشتۇرالمىدىم بولدى ئوينىماي :???:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)