ئۆزگىچە ئىجادىي ئەسەر: بىر يۈرۈش ئارقىمۇ-ئارقا تىزما شەكلىدە تارتىلغان سۈرەتلەر…
تىزما شەكلىدە سۈرەتكە تارتىش دېگىنىمىز، ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر گەۋدىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى سۈرەتكە ئېلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق كۆرۈنۈشلەر بىر پارچە رەسىمگە مۇجەسسەملىنىدۇ. بىر پارچە تىزما شەكىللىك سۈرەتنىڭ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئۇچۇرى، ئاددى بىر پارچە سۈرەتكە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى، بۇ خىلدىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، تۆۋەندە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تارتىلغان بىر يۈرۈش تىزما شەكىللىك سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…




تۆۋەندىكىسى بىر خىل تىزما شەكىلدىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى، ناۋادا كەمچىلىكلەر بولسا، فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
ئاۋال ئۈچ پۇتلۇق جازىدىن بىرنى تەييار قىلىمىز، ئاندىن فوتو-ئاپېراتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ سۈرەتكە تارتىمىز، تارتقاندا ئۇلاپ تارتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمىز، بۇنداق بولغاندا N دانە ئوخشاش مەنزىرىدىكى ئوخشىمىغان ھەرىكەتتىكى جىسىمنىڭ سۈرىتىگە ئېرىشەلەيمىز، ئاندىن PS ئارقىلىق 蒙板 ۋە 抠图 ئىقتىدارلىرىنى(بۇ ئىقتىدارلارنى بىلمىسىڭىز، توردىن ئىزدىسىڭىز دەرسلىكلەر خېلى كۆپ) ئىشلىتىش ۋە بىر قىسىم تەڭشەشلەر ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، فوتو سۈرەت، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/sequence-photography.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > باجىنىڭ غەربتىن قايتقاندىن كېيىنكى بىر قىسىم قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرى…
- كېيىنكى يازما > مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن – «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- ھەقىقىي ئافغانىستان: ھىجاپ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياق
- «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- ئاجايىپ قالتىس سىفىرلىق رەسىم سىزىدىغان قەلەم! CG لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسقاتقۇدەك!
- كومپيۇتېرنىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ئاجايىپ نەپس دۇنيا خەرىتىسى!
- كوچىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان «ھەقىقى» كىنو! YouTube دا چېكىلىشى مىليوندىن ئاشقان ئىجادىي سىن
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!
- پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان ستېرېئولۇق ھايۋاناتلار، كۆزىڭىزنى ۋاللىدە چاقنىتىۋېتىشى مۇمكىن!
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ تېخى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان فانتازىيەلىك iPad مىش!














مەنمۇ بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق رەسىملەرنى تارتقان . nokia n73 يانفۇننى بىر بۇيرۇق بىلەن 10پارچە تارتىدىغان تەڭشەپ ئاغىنەمنىڭ سۇغا موللاق ئاتقان كۈرنۈشىنى مۇشۇنداق تارتقان .
ئوخشىمايدىكەن جۇمۇ ؟ مىنىڭ 10 قېتىم تارتقان رەسىمىم 10 پارچە چىقاتتى . بۇنىڭدا 10 خىل كۈرنۈش بىرپارچە رەسىمدە چىقىپتۇ .
يازمىنىڭ ئەڭ كەينىگە دىققەت قىلىڭ، سىز يەنە ئازراق PS ئويناش ئارقىلىق دوستىڭىزنى بىر پارچە رەسىمدىلا موللاق ئاتقۇزالايسىز
بۇ رەسىملەرنى كورۇپ تولۇقسىزئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى كىتاپنىڭ بەت نۇمۇرى يىزىلغان ئورۇنغا ئاددى رەسىملەرنى يۇقۇرقىدەك سىزىپ ، كىتاپنى ۋاراقلاپ رەسىمىنى ھەركەتلەندۇرۇپ ئوينىغان چاغلىرىم يادىمغا كىلىپ قالدى
ھا ھا ھا
ياز كەلگەندە كۆلچەككە بىرىپ روسچە موللاقتىن بىرنى ئىتىپ شۇنى تارتىپ سىناب باقساق بولغۇدەك …
تازا چىشلەپتىمەنغۇ رەسىملەرنى
ئىم…ما بالا قىززىپ قالدىمۇ نېمە؟
نۇرغۇن ھەركەتلەر بىر پارچە رەسىمگە مۇجەسسەملەنسە ، خېلى ھەيۋەت كۆرىنىدىكەن جۇمۇ
بۇمۇ بىرخىل سەنئەت !
ھازىرىقى فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى بولۇپ كېتىپتۇ.
پۇل جــــــــىـــــــــــــــــــق بولسا، بىرنى ئالساق.
گەپ ئاپراتتا ئەمەس،بىزدە دەيمە..بىزدە!!
تەدبىركار ئەپەندىم.ئۇيغۇرلارنىڭ كارتونىنىمۇ چىقىرىپ قۇيىلى مانداق!
دەۋر سىتودىيسىنىڭ مەن يامان ناملىق ھەركەتلىك كارتونى.
مەنبە:http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=1705
ئاپاراتنى ئىلىپ قويدۇم، بۇنداق ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمە
مەندەكلا تارتىدىكىنا!