مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن – «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»
مەيلى قانداقلا جاي بولسۇن، مەرگەن(狙击手) ئەڭ ئادەم قىززىقتۇرىدىغان پاراڭ تېمىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئەقىللىق، سالماق، چەبدەس ھەمدە رەھىمسىز كېلىدۇ، دۈشمەنگە بىۋاستە ئەجەللىك زەربە بېرىشتىن باشقا، يەنە روھى جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ! كۆپ قىسىم ئوغۇللار ئۈچۈن، مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، مانا ئەمدى ھازىر، سىز ھەقىقى تۈردە مەرگەننىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغان بولدىڭىز!
«مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر» ئويۇنى»(Sniper Ghost Warrior) بولسا، مەرگەن ئاساسى تېما قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. ئويۇندا سىز قارىغا ئېلىش بىلەنلا بولدى قىلسىڭىز بولمايدۇ، بەلكى شامال كۈچى، ئېغىرلىق كۈچى ۋە ئارىلىقنىڭ ئوققا بولغان تەسىر كۈچى ئامىللىرىنى تولۇق ئويلىشىشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ CS ئويۇنىدىكى مەرگەندەك قەيەرگە قەرەللىسەم شۇ يەرگە تېگىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى سىز بۇ ئويۇندا ھەقىقىي بىر مەرگەننىڭ رولىنى ئالىسىز. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە مەرگەن ئويۇنلىرى ئىچىدە، بۇ ئويۇن بىر قەدەر كەسپىي سانىلىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.
مەرگەن ھەققىدىكى كىنو-فىلىملەر
بۇ يەردە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغان بىر قانچە مەرگەن ھەققىدىكى فىلىم بار، بىرى Enemy at the Gates، قولدىن بېرىپ قويمىغۇدەك ئېسىل فىلىمنىڭ بىرى. يەنە بىر فىلىم Shooter، بۇ فىلىممۇ ئىنتايىن ياخشى فىلىملەرنىڭ بىرى. يەنە ئىلگىرى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن «ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ بار. تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئويۇننى ئويناشقا بولغان تەقەززايىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىغۇ دەيمەن.
ئويۇندىن بىر قىسما كەسمە سۈرەتلەر
ئويۇن «مەرگەن: ئەرۋاھ جەڭچىلەر» دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
ئويۇننىڭ كومپيۇتېرغا بولغان سەپلىمە تەلىۋى
Intel Processor – Core 2 Duo E4400 2.0GHz
AMD Processor – Athlon 64 X2 Dual Core 4200+
Nvidia Graphics Card – Geforce 7900 GT
ATI Graphics Card – Radeon X800 XT
ئىچكى ساقلىغۇچ – 2GB
قاچىلاش قوللانمىسى
1. چۈشۈرۈپ ھۆججەت نامى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە(خەنچە ياكى باشقا ھەرپ بولمىسۇن) بولغان بىر مۇندەرىجىگە يايىمىز، قاچىلىغاندىن كېيىن 3.7G بوشلۇق ئىگىلەيدۇ.
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
دىققەت: ئويۇننى قاچىلىغان مەنزىل ئادرېس چوقۇم ساپ لاتىنچە ھەرپ(مەسىلەن، D:\Game) بولۇشى كېرەك، بولمىسا قوزغالغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
توردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، Win7 دا ئويۇننى قوزغاتقاندا، exe ھۆججىتىنىڭ خاسلىقىدىن ماسلىشىشچانلىق ھالىتى(兼容模式)نى XP گە تەڭشەپ قويغاندا، ئويۇننىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
مەرگەن: ئەرۋاھ جەڭچىلەر ئېنگلىزچە نەشىرى | مەنبە: torhumar.com | ئويۇننىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش بولاقچىسى
مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر: ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر | Enemy at the Gates | Shooter
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، ئويۇن، ئۇرۇش، مەرگەن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/sniper-ghost-warrior.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزگىچە ئىجادىي ئەسەر: بىر يۈرۈش ئارقىمۇ-ئارقا تىزما شەكلىدە تارتىلغان سۈرەتلەر…
- كېيىنكى يازما > ھەيران قالماڭ، دۇنيادا سىرلىق ئىشلار ئاجايىپ كۆپ، ئۆزگىرىشچان ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ…
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9: قارا ھەرىكەت2» نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- ھەقىقىي ئافغانىستان: ھىجاپ تېگىگە يوشۇرۇنغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياق
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!



بۇ 笔记本电脑ئىدى زاۋۇتتىن ئەكەلگەن پىتى .شۇڭا كۆرسەتكۈچ كارتا ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سەل قولايسىز ئىكەن ھەم تاپماقمۇ تەسكەن بىزنىڭ يۇرتلىدىن شۇڭا بى مۇشۇنىڭغا ئامال قىلساقكەن

مىنىڭمۇ دىيىنى سىتىۋىلىپ ئوينۇغۇم بار ئەمما ماۋۇ كومپىيۇتىرنىڭ دىسكا قوزغاتقۇچىسى ئوبدان ئىشلىگىلى ئۇنىمىدى
xpدەينىمۇ ئاران ئاران سۆرەۋاتىدۇ .
ئاسان ئويۇن ئەمەس بۇ . سىز ئەڭ ياخشىسى بۇنداق چوڭ ئويۇنلارنى ئويناشتىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈڭ.
6- ئۆتكەلغۇ دەيمەن
Find the documents دەپ قاراپلا تۇردا كىمىدىن چۈشۈپ بولۇپ قانداق قىلىمىز ؟ توردىنمۇ خىلى بىرنەرسە كۆردۈم بۇنى Bug ھىسابلايدىكەن ھەم بىرقانچە خىل ھەل قىلىش چارىسىمۇ باركەن ،لېكىن ئۇلار ئاقمىدى . بۇنى قانداق قىلىش كېرەك ؟
下载قىلىنپ بولغان ھۇججەتنى ئەۋەتكىلى بولارمۇ؟بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار
2سائەت 下载قىلىپ قاچىلىسام نىمە بولدىكىن قاچىلانمىدى
تىرىكىپ جىلە بولۇپ كەتتم
[狙击手:幽灵战士].Sniper.Ghost.Warrior.singleplay.rip.rarھۈججەت بۇلۇپ下载 قىلىندى باشقا تورداشلارنىڭ 下载قىلغىنىڭلار بارمۇ؟
مىنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 2جى ،مەركىزى كۇنتىرول3.2،لېكىن بۇ ئۇيۇن قېتىپلا تۇرىدىيا .. يا بىرنىمىسىنى كام قاچىلىغان بۇلغىيتتىممۇ يا، چۈشىمدۈرۈش بۇيىچە قاچىلىغان بولمىسا
مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا قۇزغالمايۋاتىدۇغۇ تاڭ ماڭا ياردەم قىلغان بۇلساڭلا