ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۆمۈچۈك پالۋان 4 بۇ يىل 5-ئايدا قويۇلىدىكەن. ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمى قويۇلغاندىن تارتىپ، بۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن تاماشىبىنلار ئاز ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزىنى ئاشۇنداق بىر ئۆمۈچۈكنىڭ كېلىپ چېقىۋېلىشىنى چۈشەپ چىقىدىغان تورداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە! ئۇنداقتا ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدىن پەيدا بولغان چۈشلىرىمىزنى, تۆۋەندىكى «ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى» ئويۇنى ئارقىلىق بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمامدۇق؟
ئويۇن چۈشەندۈرىلىشى:
«ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى» ئويۇنى بولسا، ئۆمۈچۈك پالۋاننى ئاساسى تېما قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل ھەرىكەتلىك ئويۇن بولۇپ، ئوينىغۇچىلار تۆت خىل ئوخشىمىغان ماكاندا، تۆت خىل ئوخشىمىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئوخشاش بولمىغان ئۆمۈچۈك ئادەمنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، رەزىل قىلمىشلار بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىدۇ.
ئويۇندا بىزگە تۆت خىل ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە پېرسوناژ سەپلەپ بېرىلگەن بولۇپ، يەنە ئويۇن ئويناش جەريانىدا Spider Emblems(ئۆمۈچۈك ئوردېنى؟)غا ئېرىشەلەيمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆمۈچۈك ئادەمنىڭ ئىقتىدارلىرىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرالايمىز.
ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
* Operating system Windows 7/XP/Vista;
* Intel Pentium IV processor with a clock speed of 2.4 GHz / AMD 3500 +;
* 2 GB of RAM;
* Video Card NVIDIA GeForce 8800/ATI Radeon X1900;
* Sound card compatible with Direct X;
* DirectX 9;
* Keyboard and mouse.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
قاچىلاش ھاجەتسىز، چۈشۈرۈپ بىۋاستە Winrar ياكى 7zip ئارقىلىق پرىستىن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ.
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ئويۇن نامى: ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)
ئويۇن نەشىرى: قاچىلاش ھاجەتسىز(يېشىل) خەنچە نەشىرى
ئويۇن سىغىمى: 5.9GB
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ACT، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/spider-man-sd.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار، ئىشىنىمەنكى ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ!
- كېيىنكى يازما > Montage(مونتاژ؟) ئۈنۈمىدە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش قورالى – IMosaic
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9: قارا ھەرىكەت2» نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
- بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق ئورۇنلاپ چىققان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» نىڭ باش مۇزىكىسى

كۆرۈنۈشلىرىگە قارىسام خېلى ئېسىلدەك قىلىدۇ جۇمۇ؟ قېنى بىر چۈشۈرۈپ باقاي، تەدبىركار ئەپەندىگە رەھمەت.
يەنە دىۋان قالماپتۇ…شۇنداق بولسىمۇ بۇنى بىر ئويناپ باقاي…
لىكىنزە، مۇشۇ ئۆمۈچۈك چىقىۋالغانغا ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بولسا ،مەن بۇ چاغقىچە نەچچە پاشا، ھەرە…ئىشقىلىپ جىق پالۋانلارغا ئۆزگىرىپ كىتەتتىم جۇمۇ
ئەمما، بۇ يېقىندا ئويۇن ئوينىغۇدەك ئىمكان يوق …
مەخسۇس ئويۇن ئويناپ قالسام دەپ ئالاھىدە سەپلىگەن كومپىيۇتېر بار ئىدى. مۇشۇنداق نۇرغۇن ئويۇنلار قاچىلاقلىق تۇرۇپتۇ. ئوينايدىغانغا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. يەنە ئاشۇ تەككىن3 بولىدىكەن. دېگەن ۋاقىتتا قويۇپلا باشقا ئىشقا ماڭغىلى بولىدىغان. ئانچە مۇنچە شۇنى ئويناپ قويۇۋاتىمەن
تورخۇمار ئەپەندى WordPress نىڭ گوگلى ئىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشقا ياردىمى تىگىدىغان قىستۇرمىلار بارمۇ؟
مەن چۇشۇرۇشنى باشلىدىم جۇما …راستىنى دىسەم مەنمۇ چۇشۇمدە ئاشۇندا چۇشلەرنى جىق كۇرىمەن … ھى ھى ھى
راس ئاشۇندا بولىدىغان بولسا پالۋانلار بىلەن جەسەتلەر جىقىيىپ كىتەتى … پالۋانغا ئۆزگەرگەنلىرى ئۆزگىرەپ ئۆزگىرەلمىگەنلىرى ئۆلەپ …
ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئويۇنىنى ئوينىغانلىقىم يادىمدا، ماۋۇسنىڭ كونۇپكىسى ئارقىلىق تامدىن تامغا سەكرەپ، دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىگە تور چاپلاپ كۆرەلمەس قىلىپ قويۇپ مۇش بىلەن تازا سالىدىغان يەرلىرى قىززىق ئىدى.
ئۇزۇن بوپتۇ ئۇيۇن ئوينىمىغىلى . ھەي.. ياشلىق..
预告سىنى بەك پەيزى ئىشلەپتۇ ھە… مەن تېخى Shankنى تۈگەتمىدىم ….
ماۋۇ ئىككى بوۋاي نەدىن كەلدى
ئازغىنىكەم6G كىلىدىكەن نەچچە كۈن ساقلايمىز بۇنى چۈشۈرۈشكە ……
بۇ ئۇيۇننى مىنىڭ بىر دوستۇم ئوينايدۇ ،بەك نوچى
مەنغۇ كىنوسىنى كۆرۈپ ئويۇنىنى ئويناپ باقماپتىمەن
ئىمتىھان تۈگىسە ئويناپ باقمىسام!
مۇشۇنىىڭغا ئوخشاش قىلىپ كىنو ئىشلىگەن بولسىچۇ .. ھەجەپ پەيزى چىقىپتىكە~
ئىشقىلىپ ئۇيۇن دىسە بىر يەرلىرىم ھەجەپ بۇپ كېتىدۇ دىسە
بولمىسا ئادەتتە خېلىلا ئالدىراش …
نوچىسى سۈۋەرەك پالۋانغا يەتمەيدۇ