نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان Flash ئويۇن – ھور ۋە سېرىق سۇ تۇرۇبىسى(Steam And Brass)

ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان Flash ئويۇن - ھور ۋە سېرىق سۇ تۇرۇبىسى(Steam And Brass)

بۇ بولسا، بىر تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان ۋە كىشىدىن كۈچلۈك زېرەكلىك تەلەپ قىلىدىغان سۇ تۇرۇبىسى ئۇلاش ئويۇنى بولۇپ، نامى – Steam And Brass. گەرچە ئويۇن Flash تا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىز ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر تۈرلۈك 3D ئويۇندا بولۇشقا تېگىشلىك تۇيغۇنى ھېس قىلالايسىز، ئويۇن مول تەسەۋۋۇر ۋە ئاجايىپ ئۆزگىچە بولغان رىقابەت تۇيغۇسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن.

ئويۇندا چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە سىزدىن تۇرۇبىلارنى ئۈنۈملۈك ئۇلاپ، پارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، سىز بولسىڭىز مائۇس ئارقىلىق ھەرقايسى تۇرۇبا يوللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ۋە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمدە ئۇلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. قېنى تورخۇمار دوستلارنىڭ قانچىلىك بىڭسى باركىن؟ بىر ئويناپ كۆرۈپ باقمامدۇق؟



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەسپىم تۇربا ئىشچىسى بولغاچ ، بۇ ئويۇن ماڭا ھېچقانچە بىلىنمىدى … بىر ئوينىغانچە 6-مەيدانغا بېرىپ توختاپتىمەن :mrgreen:

    • ۋارىس :

      سىلە كۆزەڭلانى يۇمۇپلا ئوينىۋەتكۈدەكسىلە ئاداش ئەمىسە بۇنى :lol:

    • شاشبالا :

      مەن تۈگىتەي دەپ قالغاندا كومپيۇتېر قېتىۋالدى، كەينى خېلى تەسكەن جۇما ما ئوياننىڭ

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئۇيۇنكەن جۇمۇ ! بۇنداق ئېسىل ئۇيۇنلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز

  3. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان ئويۇنكەن، كومپيۇتېرىمغا چۈشىرىۋالدىم. بىجىبىرىمدا ئويناپ باقاي.

  4. مىسكىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ بۇرۇن باشقا خىللىرىنى ئويناپ باققان باققانتىم. ماۋۇ تېخىمۇ پەيزىكەن.

  5. تەنھا78 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئوياننى رېنرېن تورىدا تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم جۇما :twisted:

  6. پولات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ، رەھمەت

  7. مەستانە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەچەت نەرسىلەرنى يوللايدىكەنسىز، ھارمىغايسىز! :lol:

  8. ئالامەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسلا پەچەت نەرسىلەر باركەن غۇ..






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)