[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 31-يانۋار]

بۇ قانداق قەغەز؟ ناۋادا بۇ قەغەزدە مەسىلە يوق دەپ قارالسا ئۇنداقتا ئاۋۇ قەلەم زادى قانداق قەلەمدۇ؟ فىزىكىچىلار قېنى سىلەر؟! 30 سكونتتىن كېيىن چوقۇم داڭ قالىسىز، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرسى تېخىمۇ ئادەمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 7-يانۋار]

ھەرقانداق بىر پەيتنى نەچچە 10000 ھەسسە ئاستىلاتقاندىن كېيىن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە خەتەرلىك بىلىنىدىغان ھەرىكەتلەرنى كامېرا ئىچىدە ئاستىلاتقىنىمىزدا تىنچ ۋە قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان مەنزىرىلەرنى بايقايمىز؛ ئەسلىدە تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئەزەلدىن دىققەت قىلمايدىغان كىچىك نۇقتىلارمۇ ئاجايىپ سىرلىق ۋە نەپس كۆرۈنىدۇ.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 26-دېكابىر]

ھېچقانداق ئالاھىدە چاپلاشتۇرىدىغان نەرسە ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تاش بىلەن تاشنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرسا قانداق ھادىسە يۈز بېرىدىغاندۇ؟ سەنئەتكارلار ساپ سۈركىلىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى تاشلارنى سىرلىق ھالدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ چىققان، ئەسلىدە قاتار يېتىپ كەتكەن قۇرام تاشلارغا شۇ ھامان «جان» كىرگەن! گەپنى جىق قىلماي دەرھال بۇ تاشلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشايلى!!!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 23-دېكابىر]

مۈشۈك ھازىر كىشىلەر ئەڭ كۆپ باقىدىغان ئەرمەك ھايۋاننىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بەزىدە قىلىقلىرىنىڭ تاتلىقلىقىغا قاراپ كىشى ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالىدۇ. ناۋادا مۇشۇ مۈشۈكلەرنىڭ ئەسنىشىگە ئادەم ئاۋازى بېرىلسە قانداق بولار؟!! ئەلۋەتتە، ئاۋۇ ياقتىن كۈلكە ئاۋازى كېلىۋاتىدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 20-دېكابىر]

يېقىندا ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېگىزدىن تارتقان بىر قىسىم يەرشارى مەنزىرىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يەرشارىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 9-دېكابىر]

فرانسىيە ئات بەيگە مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ مەستانىسى فرانكىلىن زابېرت بىر دانە قۇرۇلمىسى تۆمۈر پالۋان(钢铁侠)نىڭ كىيمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۇ پۈركۈش ئارقىلىق ئىتتىرىلىدىغان سومكا ياساپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ”Flyboard“ دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئالاھىدە سومكا ئارقىلىق خۇددى دېلىفىنغا ئوخشاش سۇغا ئەركىن شۇڭغۇپ چىققىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇچقۇچى پەقەت پۇتىنى كۈچلۈك ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان مەخسۇس ئاياقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزسىلا بولىدىكەن. ئىتتىرىش قۇرۇلمىسى يۇقىرىغا ئۆرلىتىش ئېنىرگىيىسىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يەنە ئىككى قولدا بوشلۇقتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئىنتايىن ياخشى ساقلاشقا بولىدىكەن.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 7-دېكابىر]

يۇقىرى تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەنگەن ئىجادى فانتازىيەلىك قىسقا فىلىم: تەلۋىلەشكەن ئاقارتقۇچى. فىلىمنىڭ ئۈنۈمى ئەينەنلىككە بەك يېقىنلاشقان، ئاجايىپ قالتىس چىققان دېيىشكە بولىدۇ! گەرچە بۇ پەقەت نەچچە مىنۇتلۇق قىسقا فىلىم بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمى ھەرگىزمۇ ھوللىيۋودنىڭ فىلىملىرىدىن قېلىشمايدۇ، ھەقىقەتەن پۇزۇر! فىلىمنىڭ خاتىمىسىمۇ ھوللىيۋودچە ئۇسلۇبتا ئىنتايىن ئۆزگىچە ئاخىرلاشتۇرۇلغان!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 23-نويابىر]

يېقىندا YouTube دا قان پۇراپ تۇرىدىغان بىر سىن كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن، مەزكۇر سىن بولسا، ھىندىستان تالانتلىقلار سەھنىسى پروگراممىسىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بولۇپ، 10 نەچچە نەپەر ھىندىستانلىق زەبەردەستلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدىكى قىيىن ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاپ ئۈچ نەپەر باھالىغۇچى ۋە پەستىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىۋەتكەن! ھىندىستان ھەقىقەتەن خىسلەتدار كىشىلەر يىغىلغان جاي جۇمۇ؟!!!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 1-نويابىر]

مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ ئاپتورى ئەنگلىيەلىك 17 ياشلىق ئۆسمۈر Jamie Bell بولۇپ، بۇ بىر قېتىملىق تولۇق ئوتتۇرا گۈزەل-سەنئەت دەرسىنىڭ تاپشۇرۇقى ئىكەن، ئەمما بۇ بالا ئۈچ ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ 2100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم سىزىپ چىققان، ۋە كېيىنكى كىرىشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ ئۈچ مىنۇت 21 سكونتلۇق «دۇنيا تارىخى(A Brief History of Pretty Much Everything)» ناملىق ئەسىرىنى تاماملاپ چىققان، بېرىلگەن ئاۋاز ئۈنۈمى ۋە كامېرا ئۈنۈمى ئىنتايىن كەسپىي چىققان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقتا ئۇ تولۇق نومۇر ئالغان.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 15-ئۆكتەبىر]

كىنو-فىلىم ئىچىدە خاسىيەتلىك ئادەمگە ئايلىنىش پەقەت نەچچە مىنۇتلۇقلا ئىش، ئەمما رېئال تۇرمۇشتا خاسىيەتلىك ئادەمگە ئۆزگىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. 35 ياشلىق فىلىپىنلىق ئەر خولبېرت.چاۋېز خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ قىياپىتىگە كىرىش ئۈچۈن، 16 يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئاستى ئىڭىكى، بۇرنى، كالپۇك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭشاتقان، يەنە پۇتىنىمۇ تۈزلىتىپ قارىماققا تېخىمۇ قاۋۇل ۋە كۈچلۈك كۆرۈنىدىغان قىلغان…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 18-سېنتەبىر]

بۇ بەلكىم يەنىلا مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇنچىلىك چىرايلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن كاللىغا ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئېيتماي بولمىغۇدەك. مەزكۇر بىليارت تاختىسىدا بىليارت ئوينىغان چېغىڭىزدا، ئېغىر تاشلار خۇددى سۇ ئۈستىدە لەرزان كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، پۈتكۈل مەنزىرە ئاجايىپ قالتىس ۋە فانتازىيىلىك تۈسكە تولغان! قېنى كىم بۇ خىل بىليارت تاختىسىنىڭ پىرىنسىپىنى دەپ بېرەلەيدۇ؟
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 2-سېنتەبىر]

ناخشا-مۇزىكا بۇ دۇنيانىڭ تىلىنى ئورتاق باغلاپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەزكۇر MV مۇ YouTube غا ئېلان قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىكى چېكىلىشى نەچچە مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ناخشىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ناخشىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئايىقىغىچە، تۆۋەن، ئوتتۇرا ئاۋازدىن يۇقىرى ئاۋازغىچە ۋە ھەرخىل سازلار، تەقلىدى ئاۋازلارغىچە ھەممىسى ناخشىچى Alaa Wardi بىر ئادەم تەرىپىدىن ئورۇنلانغان، ھەتتا ئوڭ-سول ئاۋاز يولىنىمۇ ئۆزى تاماملىغان…

گايتىسكامدىن باشقىسى كۆڭۈل بۆلمىدى ئۇيغۇرغا جۇمۇ! قەشقەرگە كەلگەن بولسا ھېيىگاھنىڭ ئالدىدىن لەغمەن ئېلىپ بېرەتتىم ئۇنىڭغا! جوبىسقۇ ئۆلىۋالدى ئۇيغۇرچىنى قىلىپ بولالماي! گوگىل بولسا ئە نى ئۇلاپ قويۇپ كۆرۈنمەس قىپ قويدى! ئىشقىلىپ يەنىلا مىكروسوفىتنى