نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > ئويۇن
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ئويۇن ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

thereisacanal

ماۋزۇدا ئازراق ئادەم قورقۇتۇپ قويدۇم ھە؟! ھاھاھا! ئىلگىرى تورخۇماردا يوللانغان «جەڭگاھ3» ئويۇنى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ئېلان فىلىملىرى ئېسىڭىزدىمۇ؟ يېقىندا توردا بىر قىسىم ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ئۆزى رول ئېلىپ ئىشلىگەن بىر فىلىم قاتتىق مودا بولغان بولۇپ، YouTube دىن كەلگەن بۇ فىلىمدە ئىككى نەپەر «جەڭگاھ3» تىكى پېرسوناژنىڭ كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن، ئويۇندىكى بارلىق ئېلىمېنتلار فىلىمدە ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن، ھەتتا ئىشلەتكەن قورال-جابدۇق، كامېرانىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى، ئاستا كۆرۈنۈش قاتارلىقلار…

ھازىرغىچە 6,310 قېتىم كۆرۈلدى

shank2

بىر يىلنىڭ ئالدىدا تورخۇماردا Shank ناملىق بۇ ئويۇننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن چېغىمدا، نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە چۈشۈرۈپ ئويناپ ياخشى باھالىرىنى بېرىشكەن ئىدى. يېقىندا بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى قىسمى Shank 2 ئېلان قىلىنىپتۇ. ئورگان تەرەپ EA نىڭ دېيىشىچە، بۇ Shank بىرنى ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ قويغان ئويۇن بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر خىل ئويۇن ئىكەن…

ھازىرغىچە 3,166 قېتىم كۆرۈلدى

doom-for-ti

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدا، ئۆي تىزىش ۋە ھېلىقى يىلاننىڭ ئويۇنلىرى بار بىرەر نەرسە بولىدىغان بولسا سائەتنى توشقۇزىۋېتەتتۇق؛ ھازىر قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدىكى شۇ كىچىك ئويۇنچۇقلار ھېچنىمە ئەمەسكەنتۇق جۇمۇ! ھازىر، گىرافىك يۈزلۈك ھېسابلاش ماشىنىسىدىمۇ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدىغان بوپ كېتىپتۇ، ئۆي تىزىش، مارىيو ئويۇنلىرىدىغۇ قەتئىي مەسىلە يوق، ھەتتا CS تەڭ قوراللىق جەڭ تىپىدىكى ئويۇنلارنىمۇ بىمالال ئوينىغىلى بولىدىكەن، ئاھ!!!! بىزنىڭ ئاشۇ سەبىي بالىلىقىمىز…

ھازىرغىچە 3,721 قېتىم كۆرۈلدى

real-shootout-video

مەزكۇر سىندا باشلىنىشىدىلا قوراللىق بىر مەيدان كەسكىن جەڭ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەتتا كىشىگە شۇ نەقمەيداندىن كۆرۈۋاتقاندەكلا تەسىر بېرىدىكەن. 50 سكونت ئەتراپىدىكى ئاۋۇ بالاڭزىنى تامغا ئۈستۈرىۋەتكەندە كۆزى ئالىيىپلا قالدى، ئاندىن ئەڭ كەينى تېخىمۇ قىززىق! ۋەزىپە تۈگىدى دەپ ئايروپىلاننىڭ كېلىشىنىمۇ ساقلىماي قورالنى راكېتا قىلىپ مىنىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتامدۇ نېمە؟!

ھازىرغىچە 8,238 قېتىم كۆرۈلدى

cut-the-rope

Cut The Rope(ئارغامچا كېسىش) ئويۇنى بولسا iOS/Android سۇپىسىدىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن ئالقىشلىق ئويۇن بولۇپ، ياسىلىشى ئىنتايىن نەپىس، قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى مېۋىچى نىنجا، غەزەپلەنگەن قۇشقاچلاردىن قېلىشمايدۇ، بازارغا چىققان قىسقىغىنە 12 كۈندىلا ئۈچ مىليون يۈرۈش سېتىلغان بولۇپ، ئادەمنى قىززىقتۇرۇش كۈچىمۇ خېلىلا يۇقىرى، بىر قېتىم ئويناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…

ھازىرغىچە 3,598 قېتىم كۆرۈلدى

dubstep-electrophonic-music

بۇ دۇنيادا تالانتلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ، ھەتتا ھازىر نەگىلا قارىسىڭىز تالانتلىقلار ئاۋۇپ كەتتى، بۈگۈن ھەتتا ئويۇن ئۈستىدىكى قورال ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن قالتىس مۇزىكا ياساپ چىققان تالانتلىقلارنىمۇ كۆرۈپ باقايلى. مەلۇم بىرەيلەن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8(使命召唤8)» دىكى قورال ئاۋازىدىن پايدىلىنىپ Dubstep ئېلىكترونلۇق مۇزىكىسى ياساپ چىققان! قورال ئاۋازىنىڭ ئەسلىدە كىشىنى بىزار قىلىدىغان تەرىپىدىن باشقا مۇنداق جايلىرىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟!

ھازىرغىچە 5,162 قېتىم كۆرۈلدى

borderlands

ئىگىسىز زېمىن(Borderlands) گەرچە 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدىكى PC ئويۇن ھەۋەسكارلىرى چوقۇم ئويناپ باقمىغان ۋە ياقتۇرۇپ قالىدىغان FPS ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز ماتورىمۇ ئوخشاش تۈردىكى FPS ئويۇنلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بىر خىل كارتونلاشقان ئوبرازلار ئويۇندىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرغىچە 4,151 قېتىم كۆرۈلدى

lego-life-of-george

بىردانە تاختا كومپيۇتېر/زېرەك يان تېلېفونغا بىر نەچچە App ئويۇن قوشۇلسا، كېيىنكى ئەۋلاد ئويۇنلارنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا بىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئويۇنچۇق مەۋھۈم مۇھىتتىن ئايرىلسا، ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولارمۇ؟ ناتايىن…

ھازىرغىچە 3,049 قېتىم كۆرۈلدى

50-games-in-one-video

دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم قىزغىن ئويۇن ھەۋەسكارلىرى بىر بۆلەك نادىر MV ئىشلەپ چىققان، سىننىڭ ئۇزۇنلىقى ئۈچ مىنۇت 32 سكونت كېلىدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بېرىقى ۋە ئالدىمىزدا بازارغا سېلىنماقچى بولغان جەمئىي 50 خىل ئويۇندىن تەركىب تاپقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئويۇنلاردىكى بىر قىسىم نادىر كۆرۈنۈشلەر ۋە تەشۋىقات فىلىملىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ كۆرۈنۈشلەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ باقايلى، سىز قايسىلىرىنى ئويناپ بېقىپتىكەنسىز؟ قايسى ئويۇنلارغا بەكرەك قىززىقتىڭىز؟

ھازىرغىچە 2,971 قېتىم كۆرۈلدى

android-ios-game-ant-crusher

زېرەك يان تېلېفونلاردىكى ئويۇنلارنىڭ ياسىلىشى بارغانسىرى راستتەك چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجىبا كىچىك كەسلەنچۈك بىلەن ئافرىقا پاقىسىمۇ بۇلارنى راستلا قۇرۇت دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟ ياكى ئىگىسى بۇلارغا نەچچە كۈنگىچە تاماق بەرمەي ئاچ قويغانمىدۇ؟

ھازىرغىچە 3,591 قېتىم كۆرۈلدى

2011-game-video

2012-يىلى مۇشۇنداق تېزلا يېتىپ كەلدى. 2011-يىلىدىكى PC ۋە XBox ئويۇن بازىرىنى IT ساھەسىدىكى ئەڭ قىززىغان بازار دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بىر يىلدا مەجبۇرىيەت چاقىرىقى ۋە جەڭگاھ3 كە ئوخشاش نادىر ئويۇنلار ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىل ئاخىرىسىدىكى تەقەززالىقىنى بىراقلا قاندۇردى. يېقىندا، YouTube دا بىر دانە ئەسلەتمە سىننىڭ چېكىلىشى پەۋقۇلادە ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىككى مىنۇتلۇق قىسقا سىندا 2011-يىلىدىكى چوڭ ئويۇنلار قايتىدىن بىر يورۇتۇلغان. ئويۇندا تەكرار كۆرۈنۈشلەر ئىشلىتىلمەيلا قالماستىن، يەنە ھەر بىر كېسىلمە كۆرۈنۈشمۇ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ ئويۇنلاردىن قايسىلىرىنى ئويناپ بېقىپتىكەنسىز؟ قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟

ھازىرغىچە 2,834 قېتىم كۆرۈلدى

batman-arkham-city

شەپەرەڭ پالۋاننى ئارىمىزدا كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن؟ ھېچ بولمىسا ئۇزاقى يىلى 8.9 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن IMDB دا 1-ئورۇنغا چىققان ”蝙蝠侠前传2:黑暗骑士“ نى كۆرگەن تورداشلار چوقۇم بار. مەزكۇر ئويۇن بولسا دەل مۇشۇ تىپتىكى ھېكايىلەرنىڭ باش قەھرىمانى شەپەرەڭ پالۋاننى تۇتقا قىلغان ئاساستا ئالدىنقى ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بۇ يىلقى يەنە بىر نادىر ئويۇن «شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى» دۇر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 3,993 قېتىم كۆرۈلدى