[638 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Tekken – خەنچە نامى 铁拳 دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن بەلكىم 80 -يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ھېچقايسىغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا مۇشۇ ئويۇننى ئويناپلا چىقىپتىكەنمەن، بۈگۈن دېسكا سومكامنى رەتلەۋېتىپ، ئەينى چاغدا 10 سومغا سېتىۋالغان 600MB سىغىمدىكى تۆمۈر مۇشت ئويۇنىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇنى Windows 98 دىن …..
[639 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Shatter – بولسا بىز ئىلگىرى دائىم ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر دانە توپچە ئارقىلىق خىشلارنى چېقىش ۋە چېقىلغان خىشلاردىن چىققان ھەرخىل كۈچەيتكۈچ(توپچە ئۇزىتىش تاياقچىسىنى ئۇزارتىش، ماگنىتلىق تاياقچىگە ئۆزگەرتىش، ئوق ئاتار توپ تاياقچىسىگە كۆتۈرۈش دېگەندەك)لەرنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئوينايدىغان ئويۇننىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈز ۋە شۇ تېخنىكا ئاساسىدا ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى ئويۇن ھېسابلىنىدۇ، …..
[643 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Normal Tanks بولسا بىر تۈرلۈك 2D ئۆلچەمدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنى، Normal Tanks نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن، ئەنئەنىۋى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىدىكى نۇرغۇن تونۇش سايىلەرنى بايقاش تەس ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى Contra – 魂斗罗 ئويۇنى بىلەن زىچ بىرىكتۈرىۋېتىلگەن، ئۈنۈمىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. بۇ 2010-يىللىق مۇستەققىل ئويۇن بايرىمى(Independent Games Festival)دا ئوقۇغۇچىلار …..
[644 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
« ئەرۋاھ قورۇقىدىكى مەخپىيەتلىك » ئويۇنى بولسا، بىر تۈرلۈك تورداشلار تەرىپىدىن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ۋە كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان سىرلىق ئويۇننىڭ بىرى! بىر سىرلىق قورۇقتا ئىنتايىن غەلىتە بىر خىل كەشپىيات بارلىققا كېلىش ئالدىدا، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ بۇ سىرلىق قورۇقتىكى ھەر قايسى ئۆيلەردىن پارچە-پارچە زاپچاسلارنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى زاپچاسلارنى …..
[644 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى (farmfrenzy) بولسا، بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇن بولۇپ، بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار ئويناپ باققان بولۇشى، ئويناۋاتقان بولۇشى ۋە ياكى يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئويۇننىڭ مۇۋازىنەت دەرىجىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق تەڭشەلگەن، بىر ئۆتكەلدىكى بېرىلگەن ۋەزىپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، يەنە بىر ئۆتكەلگە ئۆتەلمەيسىز، بىكار …..
[646 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
چەتئەلنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىدا بىرەيلەن، بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەڭ سۆيۈپ ئوينايدىغان كلاسسىك FC ئويۇنى « تانكا ئۇرۇشى »نى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق ئۇسۇل بىلەن ئويناپ بەرگەن. بۇ سىندا ئوينىغۇچىنىڭ تېخنىكىسغا ئەمەس، ئاساسلىق ئېكراندىكى بولۇۋاتقان مەنزىرىلەرگە قاراپ ھوزۇرلانساق بولدى.
[651 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئويۇننىڭ قىستۇرما رەسىمىگە قاراپلا قايسى ئويۇن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىپ بولدىڭىز ھەقىچان، توغرا! بۇ دەل بىز كىچىك چېغىمىزدا 街霸 دەپ ئاتىۋالىدىغان، 5-6 ئادەم ئۇتتۇرىۋەتكەننىڭ ئورنىغا چۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدىغان ئويۇن. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، CAPCOM شىركىتىنىڭ پەخىرلىك ئەسىرى بولغان كوچا زومىگىرى (خەنچە نامى: 街头霸王4، ئېنگلىزچە نامى: Street Fighter) …..
[652 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Super Mario (بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن …..
[654 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
قېتىشما ئوق بېشى( Metal Slug )، خەنچە نامى 合金弹头 دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىدىكى كىچىك ئويۇنچۇقخانىلاردا ئاساسەن بىر-ئىككىسى بار ئىدى، ناۋادا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان دېسىڭىز، ئۇ چاغدا كۆپچىلىك سىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم مەزكۇر ئويۇننىڭ …..
[656 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت ئۇرۇشى – خەنچە نامى 植物大战僵尸 ئويۇنى بولسا ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئوماق لايىھەلەنگەن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇل ياكى قىزلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى. بۇداقىسى PopCap چىقارغان ئەڭ يېڭى «ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى …..
[657 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇنى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى « 400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى »گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم « ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2 » بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ …..
[657 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز …..
باللا ئاۋۇ 1 - سىن بولسا Dirt3 ئويۇنىنىڭ ھەقىقىي ئادەملىك تەشۋىق فىلىمى . ئىشەنمىسەڭلار ئاشۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭلار .