[10 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
چەتئەلدە كود قاتىللىرى ياخشى كۆرىدىغان 64K Intro دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مۇسابىقە تۈرى بار، بۇ مۇسابىقىدە كېڭەيتىش ۋە پرېسلاش تېخنىكىسىنىڭ چېكىدىن پايدىلىنىپ، بىر دانە 64KB لىق سىغىمدىكى ئاددى ئىجرا بولىدىغان ھۆججەت تۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، كارتون ، ئاۋاز، 3D مودېللارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئاندىن ئاخىرىدا كىمنىڭ ياسىغان نەرسىسى ئەڭ ئاقسا …..
[36 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
گرافىك تەتقىقاتى ۋە پروگراممېر Jorge Jimenez يېقىندا ئادەمنىڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان سىننى ئېلان قىلغان. مەزكۇر سىندا ئەڭ يېڭى تېرە رەڭلەش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىندىكى ئادەمنىڭ يۈزىگە قاراپ راست ئادەم ياكى كومپيۇتېر دا بىر تەرەپ قىلىنغان سۈرەت ئىكەنلىگىنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس ئىكەن…
[76 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
گەرچە ئالما شىركىتى iPad3 ۋە iPhone5 نى تېخى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ۋە بۇ يېڭى مەھسۇلاتلار توغرىلىق ھېچقانداق تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللىك تورداشلار ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ئىنتايىن قالتىس لايىھەلەنگەن فانتازىيە لىك يېڭىچە iPad نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ، تۆۋەندە بۇ سىرلىق ۋە ئۆزگىچە چىققان مەھسۇلاتنى بىرلىكتە كۆرۈپ …..
[82 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئەگەر باشقا ئالاھىدە مەسىلە كۆرۈلمىسە، يەنە نەچچە سائەت ئىچىدە Windows8 Beta نەشىرى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يازمىمىزدا Windows8 نى قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلارنى قالدۇرغان ئىدۇق. بىراق يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېگەننى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ …..
[86 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Windows8 پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Metro كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلغان، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە ئېلىپ بارغان چوڭ بىر قېتىملىق ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلاد Windows قانداق بولار؟
[89 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
85-يىلىدىكى «ياش ھولمېس»تا ئىپادىلەنگەن ئىنتايىن ئاددى CG ئوبرازىدىن باشلاپ «ئاۋاتار»دىكى ئاجايىپ پۇزۇر تاشقى پلانېت مەنزىرىسىگىچە، كىنو – فىلىم تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كەلدى. فىلىمدە ئاددى قىلىپ 10 نەچچە يىل مابەينىدىكى كىنو-فىلىم CG تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەنگەن. ئارىسىدىكى بىر قىسىم فىلىملەر شۇ دەۋر كىنوچىلىقىنىڭ شاھىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىر كۆرۈپ …..
[91 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئەسلىدە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن » ناملىق يازما ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىنو – فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئىشلەتكەن تېخنىكىسىغا قاراپ، بۇلار كىنو ئىشلەشكە ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۈگۈن كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئىمپېرىيەسى ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىغا ئىشلەتكەن بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم …..
[95 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، …..
[103 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
2011-يىلى، Corning شىركىتى بىر دانە A Day Made of Glass ناملىق كەلگۈسى سەزمە ئېكرانغان تولغان بىر كۈنلۈك ئائىلە تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن سىننى ئىشلەپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك تېخنىكىسى سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى نەچچە مىليونلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەزكۇر سىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى …..
[107 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى Siri كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى، نۆۋەتتە iPhone4 مۇھىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان قانۇنلۇق Siri مۇ بارلىققا كەپتۇ. گەرچە مۇقىملىقىنى ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق 4S سېتىۋېلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا بىر ياخشى تەسىرات مۇھىتى بولالايدۇ …..
[111 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ قانداق قەغەز؟ ناۋادا بۇ قەغەزدە مەسىلە يوق دەپ قارالسا ئۇنداقتا ئاۋۇ قەلەم زادى قانداق قەلەمدۇ؟ فىزىكىچىلار قېنى سىلەر؟! 30 سكونتتىن كېيىن چوقۇم داڭ قالىسىز، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرسى تېخىمۇ ئادەمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟!
[115 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
تورخۇماردا ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن « سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل » يادىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى ھە؟! بۈگۈن كۆپچىلىك بىرگە كۆرىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىمۇ شۇنىڭدەكلا ئوخشاش قالتىس !
2-سىندا بالون ئېتىلىپ كەتمىگەن بولسا قانچە ھەيدەر ئىدى بۇ ئاداش