نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > سىرلىق
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ سىرلىق ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

boardwalk-empire-effects-secret

ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «ئەسلىدە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن» ناملىق يازما ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىنو-فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئىشلەتكەن تېخنىكىسىغا قاراپ، بۇلار كىنو ئىشلەشكە ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۈگۈن كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئىمپېرىيەسى ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىغا ئىشلەتكەن بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى.

ھازىرغىچە 2,828 قېتىم كۆرۈلدى

scalado-remove

يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟

ھازىرغىچە 4,467 قېتىم كۆرۈلدى

the-secret-history

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەردە تارىخنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ، ياكى بولمىسا، تارىخنىڭ ئېقىن سۇلىرىغا غەرق بولۇپ كىشلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بەزى ھېكايىلەر ئۇيدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، مەقسىتى بولسا ،تارىخى شەخسلەرگە ئاجايىپ غارايىپ تۈسلەرنى قوشۇشتىن ئىبارەت خالاس. ئەمما بەزى ھېكايىلەر، تارىخىي شەخسلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بەك زىچ بولۇشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىلەر بولسا تارىختا كىشلەر تەرىپىدىن خاتا تەشۋىق قىلىنغان بىر قىسىم ھەيران قالارلىق ھېكايىلەر…

ھازىرغىچە 6,643 قېتىم كۆرۈلدى

a-kit-for-sketching-electronics

بۇ قانداق قەغەز؟ ناۋادا بۇ قەغەزدە مەسىلە يوق دەپ قارالسا ئۇنداقتا ئاۋۇ قەلەم زادى قانداق قەلەمدۇ؟ فىزىكىچىلار قېنى سىلەر؟! 30 سكونتتىن كېيىن چوقۇم داڭ قالىسىز، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرسى تېخىمۇ ئادەمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟!

ھازىرغىچە 7,336 قېتىم كۆرۈلدى

apple-ipad-is-the-secret-of-how-to-keep

ئالما شىركىتى iPad نى رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللىقاچان بىر قىسىم پروگرامما ئاچقۇچىلارغا بۇ سىرلىق يېڭى مەھسۇلاتنى خۇپىيانە كۆرسەتكەن بولۇپ، سىرتقى دۇنياغا بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. iPad كە پروگرامما تۈزۈپ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بىرەيلەن مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسىغا، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا iPad بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ھازىرغىچە 3,706 قېتىم كۆرۈلدى

slow-motion-collection

ھەرقانداق بىر پەيتنى نەچچە 10000 ھەسسە ئاستىلاتقاندىن كېيىن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە خەتەرلىك بىلىنىدىغان ھەرىكەتلەرنى كامېرا ئىچىدە ئاستىلاتقىنىمىزدا تىنچ ۋە قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان مەنزىرىلەرنى بايقايمىز؛ ئەسلىدە تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئەزەلدىن دىققەت قىلمايدىغان كىچىك نۇقتىلارمۇ ئاجايىپ سىرلىق ۋە نەپس كۆرۈنىدۇ.

ھازىرغىچە 11,143 قېتىم كۆرۈلدى

dishes

بۇ بولسا بېلگىلىيەلىك Jean-Francois De Witte ئىسىملىك مەلۇم بىر فوتوگرافتىن كەلگەن يېڭىلىق بولۇپ، Dishes ناملىق مەزكۇر بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرىدە، فوتوگراف ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى پېرسوناژ – ئاشخانىدىكى قاچا-قۇچا، ۋىلكا، قوشۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە چېتىپ، بىر قارىسىلا تونۇۋالغۇدەك ھەرخىل ھايۋانات، گۈل-گىياھ ۋە ئادەملەرنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ چىققان، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان كۆرۈش ئۈنۈمى ھازىرلىنىپلا قالماستىن، يەنە مول بولغان سەنئەت پۇرىقىغا تويۇنغان دېيىشكە بولىدۇ…

ھازىرغىچە 1,935 قېتىم كۆرۈلدى

stone-art-near-the-sea

ھېچقانداق ئالاھىدە چاپلاشتۇرىدىغان نەرسە ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تاش بىلەن تاشنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرسا قانداق ھادىسە يۈز بېرىدىغاندۇ؟ سەنئەتكارلار ساپ سۈركىلىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى تاشلارنى سىرلىق ھالدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ چىققان، ئەسلىدە قاتار يېتىپ كەتكەن قۇرام تاشلارغا شۇ ھامان «جان» كىرگەن! گەپنى جىق قىلماي دەرھال بۇ تاشلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشايلى!!!

ھازىرغىچە 2,827 قېتىم كۆرۈلدى

the-dutch-prison

خېلى بۇرۇنلا توردا سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ گونلاندىيەدە سوتلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقى، كېيىن تۈرمە شارائىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشىلىقى تۈپەيلى مۆھلىتى توشقاندا تۈرمىدىن ئايرىلىشقا قىيماي قالغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، بۈگۈن توردىن گوللاندىيەدىكى بىر ئادەتتىكى تۈرمىنىڭ بىر قانچە پارچە سۈرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشقا قىيماي قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن…

ھازىرغىچە 8,893 قېتىم كۆرۈلدى

overlook-the-earth-from-space-station

يېقىندا ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېگىزدىن تارتقان بىر قىسىم يەرشارى مەنزىرىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يەرشارىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن.

ھازىرغىچە 6,533 قېتىم كۆرۈلدى

mexico-doll-island

مېكسىكىدىكى قونچاق بالا ئارىلى(يەنە ئويۇنچۇق ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ Isla De Las Muecas) ئىزچىل بىر خىل غەيرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئارالنى ئوراپ تۇرغان يېقىن ئەتراپتىكى قاناللار، نۇرغۇن قەدىمكى رىۋايەت ۋە ھېكايىلەر بار. قونچاق بالا ئارىلى Teshuilo كۆلىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۈچ قىزچاق بۇ ئارالدا بىرسى يارىلىنىپ، يەنە بىرسى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن، مەزكۇر ئارالمۇ جىن چاپلاشقان ئارال دەپ دۆلەت ئىچى سىرتىدا خېلىلا نامى بارمىش….

ھازىرغىچە 6,584 قېتىم كۆرۈلدى

quantum-levitation

كۆپچىلىك بەلكىم فانتازىيە تەسىۋىرلەنگەن كىنولاردا كەلگۈسىدىكى ھاۋادا لەيلەيدىغان ماشىنا ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ Tel Aviv University مەكتىۋىدىكى كۋانت لەيلىمە تەجرىبىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش يۈز بېرىپ، بىز بىلەن ھەقىقى لەيلىمە تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان. كەلگۈسىدە، بەلكىم ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تامامەن مۇمكىن!!!

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 5,626 قېتىم كۆرۈلدى