[363 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
تالانت ئىگىلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس جۇمۇ؟ تۆۋەندىكىسى بىر پارچە 1000000 ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدىغان سىرلىق رەسىم بولۇپ، ھەقىقەتەن شۇنچىلىك كۆپ 0 بارمۇ بۇنى بىلمىدىم. بىراق بۇنى لايىلىھەگەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە قايىل بولماي تۇرغىلى بولمىغۇدەك. ناۋادا سىزگىمۇ شۇنداق ئۆزگىچە بىلىنگەن بولسا، تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇماڭ…
[374 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
چەتئەللىك بىرسى بەدىنىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ بېشىنى 180 گرادۇس بۇرىيالايدىكەن . بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئىلگىرى پەقەت كىنو-فىلىملەردىلا ئۇچراتقىلى بولاتتى، ناۋادا نورمال ئادەمنىڭ مېڭىسىنى بۇنداق قايرىسا ئېنىقلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەرگىز چەتئەللىكلەرنى دوراپ سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
[377 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
جروست ئېففىكتى (Droste Effect) بولسا بىر خىل قايتىلانما شەكىلدىكى كۆرۈنمە ئۈنۈم بولۇپ، سۈرەتتىكى كىشىلەر تۇتۇپ تۇرغان جىسىمدا، ئوخشاش يەنە شۇ كىشىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان جىسىمنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى بار، بۇ ئۈنۈم مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ ماڭىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئالدىن ئەسكەرتىمەنكى، بۇ سۈرەتلەرگە ئۇزاقراق تىكىلىپ ئولتۇرسىڭىز، بەلكىم ئۆزىڭىزنى بارغانسىرى سۈرەتنىڭ …..
[434 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
يەرشارى تېمپراتۇرىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسسىپ كېتىشى، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، روسىيە قۇرۇلۇش ئىش بېجىرىش ئورنى بىر دانە « لەيلىمە مېھمانساراي » شەكلىدىكى كېمە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىسمىنى « نوھ كېمىسى » قويغان. لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئىمارەت كەلگۈسىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر خىل …..
[434 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
«رىۋايەت»لەردىكى « نېرۋىدىن كاردىن چىقىرىش مۇزىكىسى »نى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى، ناۋادا يۈرىكىڭىز تازا ياخشى بولمىسا ياكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىڭىز تۆۋەن بولسا، ئەڭ ياخشى ئاڭلىمايلا قويغىنىڭىز ياخشى. بىراق مۇشۇنداق دېسەم، ئەجەپلىنىپ ئاڭلاپ باقىدىغانلار يەنىلا چىقىشى ئېنىق. بىراق مەسىلە چىقسا مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ؟ ئەلۋەتتە بىرەرسىنىڭ ئەدىۋىنى بېرەي دېسىڭىز، بۇ …..
[441 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ ھىندىستانلىق بۇرادەر زادى قانچىلىك مەشىق قىلدى بىلمىدىم، ۋە ياكى بۇياقتا تۇغۇلۇشىدىنلا مايمۇننىڭ گېنى بارمۇ ئۇنىسى نامەلۇم، تېخى ئىسمى Monkey King مىش. نېمە ھېلىقى پاركور دەمدۇ، يەنە بىر نېمە گۇمپىسى دەمدۇ، بۇ كىشىنىڭ ئالدىدا جىق گەپ قىلمىسا بولغۇدەك. قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەقمەيدانغا كېلەيلۇق…
[460 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
چەتئەلنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملىرىدە، دائىم يوشۇرۇن ۋە ئۆزىنى كۆرۈنمەس ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغان ھەر خىل پېرسوناژلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مەسىلەن، دۇنياغا داڭلىق خاررىي پوتتېر فىلىمى، خاككېر ئىمپرىيىسى قاتارلىقلاردا بۇ خىلدىكى كۆرۈنمەس ئادەملەرنىڭ ئىزناسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مانا ھازىر ئاخىرى دۆلىتىمىزدىنمۇ، لىيۇبولىن ئىسىملىك ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان بىر «خىسلەتلىك پالۋان» چىقىپتۇ…
[468 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
تېخى يېقىندا تورخۇمار دوستلار دۇنيادىكى ئەقلىي قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىچە تىك-تاك ئويناش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس قېلىشقانىدى. ئەمما، يېقىندا كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان شىمالىي مۇز ئوكياندىكى پىنگىۋېن بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىدا، ھەر قانداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىك-تاك توپچىمۇ تىرناق تاتىلاپ تۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىغۇدەك!!!
[471 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر بار، ئۆزىنى نىقابلاش قا شۇنداق ئۇستا. سىز بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى مەيلى قەيەردىلا ئۇچراتماڭ، ئۇ شۇ جاي بىلەن شۇنداق ياخشى ماسلاشقان ۋە جىسىپلاشقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى بىز ئادەتتە نېمە دەپ ئاتاپ قوياتتۇق؟
[508 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كىچىك ۋاقتىمىزدا، مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى يولنى ئىشچىلارنىڭ دائىم دېگۈدەك رېمونتلاپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. بىراق تاكى مەن ئالىي مەكتەپكە كەتكۈچە بۇ يوللار تېخىچە يېرىم رېمونت ھالىتىدە تۇرىۋەردى. گەرچە، بۇ بۇزۇق يول بىر قانچە ئادەمگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنچىلىك جاپادا ھەم ئۇزۇندا پۈتىدىغان ئىش ئىكەنلىگىنى ئويلىغىنىمدا، ئىچىم …..
[523 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ بولسا بىر ئىمارەتكە سايە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئورۇندالغان 3D چىراغ ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنى بولۇپ، سىننىڭ ئۆزىدىنلا ئاجايىپ يۇقىرى ستېرېئولۇق تۇيغۇنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، ناۋادا نەقمەيداندا بولىدىغان بولسا گەپ توغرا كەلمىگۈدەك! بۇ 3D تېخنىكىسى توغرىسىدا تېخى تەپسىلى ماتېرىيال يوق، قايسى شىركەتنىڭ ئىكەنلىگىمۇ ئېنىق ئەمەس، Video نىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى تېخى ئۇقمىدۇق، بىلىدىغانلارغا باھا كۆزنىكى …..
[644 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
« ئەرۋاھ قورۇقىدىكى مەخپىيەتلىك » ئويۇنى بولسا، بىر تۈرلۈك تورداشلار تەرىپىدىن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ۋە كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان سىرلىق ئويۇننىڭ بىرى! بىر سىرلىق قورۇقتا ئىنتايىن غەلىتە بىر خىل كەشپىيات بارلىققا كېلىش ئالدىدا، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ بۇ سىرلىق قورۇقتىكى ھەر قايسى ئۆيلەردىن پارچە-پارچە زاپچاسلارنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى زاپچاسلارنى …..
باللا ئاۋۇ 1 - سىن بولسا Dirt3 ئويۇنىنىڭ ھەقىقىي ئادەملىك تەشۋىق فىلىمى . ئىشەنمىسەڭلار ئاشۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭلار .