[17 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
يېقىندا، «تاشقى ئىشلار سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ فوتوگرافى Thorne Anderson بىر يۈرۈش ئۇرۇشتىن ھالقىغان ئافغانىستان تېمىسىدىكى سۈرەتلەرنى تارتقان، بۇ سۈرەتلەردە ئافغانىستاننىڭ كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، يەنە ئارىسىدىكى بىر پارچە سۈرەتتە، فوتوگراف ھىجاپ ئارتىپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى سۈرەتكە تارتىپمۇ ئۈلگۈرگەن.
[94 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
2008-يىلى «ئوتتۇرا قىسىم دېڭىز چارلاش ئەترىتى» جەمئىي 29 كېمىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، كىرىمى 10 مىليون دوللاردىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ھەسەن بىر ئادەمنىڭ تاپاۋىتىلا 350 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بولسا، ھەسەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى…
[104 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
روسىيەدىن كەلگەن كىشىنىڭ ئاجايىپ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرى، نامى «School Album». فوتوگراف مەكتەپكە كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىنىڭ ئالدىدا ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتقان، بىر پارچىسىدا دوسكىغا مۇرەككەپ گىرافىك ۋە فورمۇلالار، ئوڭ ئۈستى تەرەپكە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان؛ يەنە بىر پارچىسىدا بولسا، دوسكىغا سىزىلغىنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى غايىۋى تۇرمۇش …..
[112 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ياكى يېتەرلىك ۋاقىت يوق، ياكى يېتەرلىك پۇل يوق، شۇنداق تۇرۇپمۇ، بىز يەنىلا ساياھەت قىلىشنى ئالامەت ياقتۇرىمىز، كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بۇ ساياھەت پەقەت بىزنىڭ كاللىمىزدا ئارزۇ پېتىلا تۇرۇپ قالىدۇ. ئوخشاش شارائىتتا سېلىشتۇرساق، فوتوگرافلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ مول مەنىگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ …..
[118 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ھوللىيۋودتىكى فىلىملەر دە، مەيلى قەدىمكى قورال-ياراغ ياكى تېلېفون بولسۇن، ياكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل قوراللار بولسۇن ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ! تۆۋەندىكىسى دەل مۇشۇ بايلىقلار ساقلىنىدىغان ئامبار بولۇپ، ئىچىدىكى ھەر بىر بۆلەك، ھوللىيۋود كىنو لىرىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ بەلكىم، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ئەڭ تولۇق ۋە دادىل ئاشكارىلانغان قورال-ياراغ ئامبىرى …..
[119 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق سوغۇق بولىۋاتىدۇ جۇمۇ؟! ئەمما لەپىلدەپ ياغقان ۋە يېغىۋاتقان قارلار يەنىلا قىشنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى بولۇپ ھېسابلانسا كېرەك. بۈگۈن 23 پارچە گۈزەل قىش قار مەنزىرە فوتو سۈرەت لىرىنى ئېلىپ كەلدىم، ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
[123 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
كۆرۈش سەزگۈسىنى مەجبۇرلاش بولسا بىر خىل ئۆزگىچە تېخنىكا بولۇپ، ئۇ ئوپتىكىلىق خىيالى تۇيغۇ ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان جىسىمنى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ چوڭ ياكى تېخىمۇ كىچىك ھالەتتە سېلىشتۇرما ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئاساسلىق فوتوگرافلىق، كىنو ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىنغان ئوبىكىتنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق، …..
[124 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
روسىيە يېكاتېنبۇرگلىق بىر فوتوگراف كۆيۈۋاتقان سەرەڭگە تېلىدىن ئىلھام ئېلىپ، سەرەڭگە تېلىنى ئىشلىتىپ ئوت يالقۇنى ۋە چىققان تۈتەك(ئەلۋەتتە يەنە ياخشى بىر كامېرا مۇ بار)تىن پايدىلىنىپ بىر يۈرۈش ئىنتايىن يۇقىرى تەسەۋۋۇر دا لايىھەلەنگەن ئىجادىي فوتو-سۈرەت ئەسىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان، تۆۋەندە بۇ نادىر ئەسەر لەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ …..
[144 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئاز دېگەندىمۇ 60~70 يىل بولۇپ قاپتۇ، يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئاشۇ ۋەھشىيانە ھەمدە ئازاپلىق بولغان ئەسلىمىلەر مۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. Sergey Larenkov ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كونا سۈرەتلەر بىلەن ھازىرقى زاماندىكى يېڭى سۈرەتلەرنى ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈپ، ئوخشاش بىر جاي، ئوخشىمىغان ۋاقىت ئارقىلىق ئۇرۇش بىلەن …..
[144 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
گەرچە ئۇقۇم فوتو-ئاپېراتى ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئانچە يىراق كەلگۈسىدە بولمىسىمۇ، بىراق بەزى تەرەققىياتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەقەززاسىنى كۈچەيتمەي قالمايدۇ. خۇددى مەزكۇر سىندىكى فوتو-ئاپېراتتەك، كامېرا بېشى بىلەن ئاپېرات سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلانغان، كامېرا بېشىنى خالىغان جايغا قويۇپ قويۇپ ئۆزىمىز خالىغان ھالەتكە تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن رەسىمگە تارتساقلا …..
[145 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ بولسا بېلگىلىيەلىك Jean-Francois De Witte ئىسىملىك مەلۇم بىر فوتوگرافتىن كەلگەن يېڭىلىق بولۇپ، Dishes ناملىق مەزكۇر بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرىدە، فوتوگراف ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى پېرسوناژ – ئاشخانىدىكى قاچا-قۇچا، ۋىلكا، قوشۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە چېتىپ، بىر قارىسىلا تونۇۋالغۇدەك ھەرخىل ھايۋانات ، گۈل-گىياھ ۋە …..
[154 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
1999-يىلى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت نىيۇيوركتا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا تۆت مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ بىر پارچە سۈرەتنىڭ نامى Rhein II(رېيىن دەرياسى ئىككىنچى نومۇر) بولۇپ، 1981-يىلى ئۈچ مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلغان بىر پارچە نامسىز سۈرەتنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت بىر پارچە سۈرەت كە …..
يۇقارقى ئادرىستىن چۈشمىسە بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ. http://www.dll-files.com/dllindex/dll-files.shtml?d3dcompiler_43