[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 20-فېۋرال]

سەنئەت مەۋجۇد بولمىغان كەيپىياتنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەدەنىيەت پۇرىقىچۇ؟ لايىھە مۇھىتىچۇ؟ سىز قوغلىشىدىغان سەنئەتنىڭ ھەمىشە بىر خىل مەۋھۇم شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن قايغۇرامسىز؟ ئەنسىرىمەڭ! پەقەت ئېھتىياجلا بولىدىكەن، ھەرقانداق نەرسىدىن سەنئەت پۇرىقىنىڭ گۈپۈلدەپ بۇرنىڭىزغا ئۇرىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايسىز! ھەتتا تۆنۈگۈن ئىشىك تۈۋىگە تۆكۈپ قويغان ئەخلىتىڭىزمۇ سەنئەت پۇرايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟! بېرىپ پۇراپ بېقىڭ ئەمىسە!!!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 18-فېۋرال]

ئىلگىرىمۇ FIFA 2012 دىكى Bug سەۋەبلىك چىققان كۈلكىلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، ئەمما Bug دېگەن بۇ نەرسە توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان نەرسىكەن. بۈگۈن يەنە كۆپچىلىككە كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغايدىغان پۇتبول ئويۇن Bug توپلىمىنى ئېلىپ كەلدىم، تاماق يەۋاتقاندا ياكى چاي ئىچىۋاتقاندا كۆرۈپ قالماڭ، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 14-فېۋرال]

مەن قانچىلىغان كلاسسىك دۇنياۋى كىنو-فىلىملەرنىڭ بىر ياخشى رېژىسورنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىر ئادەمنىڭ كىنو كۆرۈش مىقدارى ۋە ئۇنىڭ كىنو ساھەسىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى چوقۇم ئوڭ تاناسىپ تۈزگەن بولىدۇ! يەرگە ياتقۇزۇلغان پالاز شەكىللىك ئېيىق يەتكۈدەك كىنو كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭمۇ بىر ياخشى رېژىسور بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 10-فېۋرال]

John Nolan نىڭ «Nolan’s Cheddar» ناملىق ئەسىرى، كىچىك چاشقان بىر دانە پىشلاقنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە توختىماي غاجاشقا باشلاپتۇ، غاجاپتۇ…غاجاپتۇ…غاجاپتۇ…. بۇ چاشقان چوقۇم ئادەتتىكى پىشلاقنى يېمىدى، ياكى بۇ چاشقان چوقۇم ئادەتتىكى چاشقان ئەمەس! ھېكايە گەرچە ئازراق شۈبھىلىك بولسىمۇ، ئەمما مۇزىكا ئىنتايىن جايىغا كىرىشتۈرۈلگەن…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 6-فېۋرال]

بىر تەكەببۇر سودىگەر، پارىستىكى بىر ئاشخانىدا كافىي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن پورتمالىنىڭ يېنىدا ئەمەسلىگىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت-ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان سودىگەرنىڭ كۆڭلىدە بىر رەزىل نىيەت پەيدا بولىدۇ، بىراق مەقسىتى كەينى-كەينىدىن بىتجىت بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىگە بالا تېرىۋالغىلى تاس قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن بىر دىۋانە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 3-فېۋرال]

2003-يىلى سونىي Imageworks ئالاھىدە ئۈنۈم شىركىتى «ChubbChubbs» ناملىق بىر دانە قىسقا كارتون فىلىمى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا كارتون فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەلدى، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە بولسا، «ChubbChubb نىڭ روژدېستىۋا بايرىمىنى قۇتقۇزۇشى» دېگەن نامدا ئىككىنچى بۆلۈم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. گەرچە بۇ كارتون فىلىملەر قويۇلغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، بىراق ئارىمىزدا يەنىلا تېخى كۆرۈپ باقمىغانلار بولۇشى مۇمكىن…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 1-فېۋرال]

تور ئارىلاپ بىر تور بېكەتتىن دۇنياۋى داڭلىق فىلىم «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ بەزى ئەجەللىك خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ چىققىنى كۆردۈم، ئاندىن كۆپچىلىكنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئۆزۈم ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تورغا يوللاپ سىلەرگە سۇندۇم…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 30-يانۋار]

ھايۋاناتلارنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەندە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ناۋادا سىزنى بىر دانە ئېچىرقاپ كەتكەن ئىت بىلەن بىر قەپەسكە سولاپ قويسا قانداق كەيپىياتتا بولىسىز؟ سىز بەلكىم، ئۇنىڭغا بىر ئامال قىلىپ يېمەكلىك تېپىپ بېرىشىم مۇمكىن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ سان كۆپەيسىچۇ؟ ناۋادا سىزنى 10، ھەتتا 100 دانە ئېچىرقاپ كەتكەن ئىت بىلەن بىر ئۆيگە سولاپ قويسا قانداق قىلىسىز؟ بۇنچىۋالا كۆپ ئىتقا يېمەكلىك تېپىپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ خېلىلا قىيىن، تېنىڭىز چوقۇم شۈركىنىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 28-يانۋار]

مەن ئۆزۈمنىڭ ھورۇنلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، ناۋادا ماۋۇ ھورۇن ئاداشتەك ئازغىنە ئالاھىدە ئىقتىدارىم بولغان بولسا، ئۆزەمگە چۇشلۇق ئاددى، ئەمما مەنىلىك غايىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋالاتتىمكەن. بۇ دەل سىز بىزدەك ھورۇنلار ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش بولسا كېرەك؟
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 25-يانۋار]

غەرپكە ساياھەت فىلىمىدىكى ئەرشنى مالىمان قىلىش ناملىق ۋەقەلىك ھەممىمىزنىڭ يادىمىزدا بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئەۋلىيا پېشۋاسى ۋۇكۇڭنى سەككىز قۇرى ئوچىقىغا سېلىپ يەتتە يەردە يەتتە 49 كۈن كۆيدۈرىدۇ. بىراق ئاخىرىدا ۋۇكۇڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانماستىن بەلكى ئوچاقنى پارتىلىتىپ چىقىپ ئەرشنى مالىمان قىلىپ ھەممىنى سارەسىمىگە سېلىۋېتىدۇ، ئەگەر ئەينى چاغدا ئەۋلىيا پېشۋاسى ئازراق خىمىيە ئۇققان بولسا بەلكىم شۇ پېشكەلچىلىكلەرمۇ يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 23-يانۋار]

ئايال: ئادەتتە سىرتقى شەكلى سەل يۇمۇلاق ،بىلگىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا قايناش نوقتىسىغا يېتىپ ،خالىغان ۋاقىتتا قېتىشىدۇ .مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندا بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئېرىتمە ھالىتىنى ساقلايدۇ .بولمىسا تولىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ ….
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 21-يانۋار]

ۋەھشى مۈشۈك بىلەن ئىككى كالۋا ئىت ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق جەڭ! مەزكۇر سىندىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى كىرىشتۈرۈلگەن ئاۋازدا! بەلكىم سىزگە ئازراق ھاياجان، ئېغىرراق بولغاندا كۈلكە ئاتا قىلىپ سېلىشىمۇ مۇمكىن…

گايتىسكامدىن باشقىسى كۆڭۈل بۆلمىدى ئۇيغۇرغا جۇمۇ! قەشقەرگە كەلگەن بولسا ھېيىگاھنىڭ ئالدىدىن لەغمەن ئېلىپ بېرەتتىم ئۇنىڭغا! جوبىسقۇ ئۆلىۋالدى ئۇيغۇرچىنى قىلىپ بولالماي! گوگىل بولسا ئە نى ئۇلاپ قويۇپ كۆرۈنمەس قىپ قويدى! ئىشقىلىپ يەنىلا مىكروسوفىتنى