نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تېخنىكا
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ تېخنىكا ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

a-short-history-of-cg-characters-in-movies

85-يىلىدىكى «ياش ھولمېس»تا ئىپادىلەنگەن ئىنتايىن ئاددى CG ئوبرازىدىن باشلاپ «ئاۋاتار»دىكى ئاجايىپ پۇزۇر تاشقى پلانېت مەنزىرىسىگىچە، كىنو-فىلىم تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كەلدى. فىلىمدە ئاددى قىلىپ 10 نەچچە يىل مابەينىدىكى كىنو-فىلىم CG تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەنگەن. ئارىسىدىكى بىر قىسىم فىلىملەر شۇ دەۋر كىنوچىلىقىنىڭ شاھىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىر كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ھازىرغىچە 737 قېتىم كۆرۈلدى

boardwalk-empire-effects-secret

ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «ئەسلىدە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن» ناملىق يازما ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىنو-فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئىشلەتكەن تېخنىكىسىغا قاراپ، بۇلار كىنو ئىشلەشكە ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۈگۈن كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئىمپېرىيەسى ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىغا ئىشلەتكەن بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنىكىسى.

ھازىرغىچە 2,828 قېتىم كۆرۈلدى

scalado-remove

يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟

ھازىرغىچە 4,467 قېتىم كۆرۈلدى

a-day-made-of-glass

2011-يىلى، Corning شىركىتى بىر دانە A Day Made of Glass ناملىق كەلگۈسى سەزمە ئېكرانغان تولغان بىر كۈنلۈك ئائىلە تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن سىننى ئىشلەپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك تېخنىكىسى سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى نەچچە مىليونلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەزكۇر سىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى A Day Made of Glass 2 نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك ماتېرىياللىرىنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالاش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى…

ھازىرغىچە 3,217 قېتىم كۆرۈلدى

siri-for-iphone4

iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى Siri كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى، نۆۋەتتە iPhone4 مۇھىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان قانۇنلۇق Siri مۇ بارلىققا كەپتۇ. گەرچە مۇقىملىقىنى ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق 4S سېتىۋېلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا بىر ياخشى تەسىرات مۇھىتى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن، تۆۋەندە iPhone4 كە Siri نى قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.

ھازىرغىچە 3,692 قېتىم كۆرۈلدى

a-kit-for-sketching-electronics

بۇ قانداق قەغەز؟ ناۋادا بۇ قەغەزدە مەسىلە يوق دەپ قارالسا ئۇنداقتا ئاۋۇ قەلەم زادى قانداق قەلەمدۇ؟ فىزىكىچىلار قېنى سىلەر؟! 30 سكونتتىن كېيىن چوقۇم داڭ قالىسىز، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىرسى تېخىمۇ ئادەمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن. كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟!

ھازىرغىچە 7,336 قېتىم كۆرۈلدى

play-games-in-windows

تورخۇماردا ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن «سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل» يادىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى ھە؟! بۈگۈن كۆپچىلىك بىرگە كۆرىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىمۇ شۇنىڭدەكلا ئوخشاش قالتىس!

ھازىرغىچە 6,146 قېتىم كۆرۈلدى

internet-with-the-power-cat

ئۆينى بېزىگەندە كۆپ ھالدا مۇشۇ سىم تارتىش ئىشلىرىنى تولۇق ئويلىشىپ بولالمايدىكەنمىز. پىلانىمىزدا بىر ئۆينى كومپىيۇتېر قويىدىغان قىلىپ لايھەلەيدىكەنمىز. ئەمما كېيىنچە يەنە باشقا ئۆيگە كومپىيوتېر قۇيۇش خىيالى كېلىپ قالىدىكەن. ۋە ياكى تور ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. سىمسىز تور(WiFi) قىلىشقۇ بولىدىغان ئىش. ئەمما باشقىلار تورىڭىزنى ئىشلىتىۋېلىش ياكى تور سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئاۋارىچىلىقتىن خالى بولالمايدىكەنمىز…

ھازىرغىچە 5,359 قېتىم كۆرۈلدى

doom-for-ti

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدا، ئۆي تىزىش ۋە ھېلىقى يىلاننىڭ ئويۇنلىرى بار بىرەر نەرسە بولىدىغان بولسا سائەتنى توشقۇزىۋېتەتتۇق؛ ھازىر قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدىكى شۇ كىچىك ئويۇنچۇقلار ھېچنىمە ئەمەسكەنتۇق جۇمۇ! ھازىر، گىرافىك يۈزلۈك ھېسابلاش ماشىنىسىدىمۇ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدىغان بوپ كېتىپتۇ، ئۆي تىزىش، مارىيو ئويۇنلىرىدىغۇ قەتئىي مەسىلە يوق، ھەتتا CS تەڭ قوراللىق جەڭ تىپىدىكى ئويۇنلارنىمۇ بىمالال ئوينىغىلى بولىدىكەن، ئاھ!!!! بىزنىڭ ئاشۇ سەبىي بالىلىقىمىز…

ھازىرغىچە 3,721 قېتىم كۆرۈلدى

what-is-forced-perspective-photography

كۆرۈش سەزگۈسىنى مەجبۇرلاش بولسا بىر خىل ئۆزگىچە تېخنىكا بولۇپ، ئۇ ئوپتىكىلىق خىيالى تۇيغۇ ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان جىسىمنى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ چوڭ ياكى تېخىمۇ كىچىك ھالەتتە سېلىشتۇرما ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئاساسلىق فوتوگرافلىق، كىنو ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىنغان ئوبىكىتنى كىچىكلىتىش ئارقىلىق، كۆرگەن ئادەمگە بىر خىل خاتا تۇيغۇ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ…

ھازىرغىچە 7,174 قېتىم كۆرۈلدى

joseph-herscher-the-page-turner

ھورۇن ئادەملەرنى بوش چاغلىماڭ، بەزىدە ئۇلارنىڭ قولىدىن ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان ئىشلار كېلىشى مۇمكىن! تۇرقىدىن قارىسا گومۇشلا كۆرۈنىدىغان بۇ سەنئەتكارنىڭ ئىسمى Joseph Herscher بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل قۇرۇلمىنى كەشىپ قىلغان. يەنى ئۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇغاندا قولىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز بولۇپ، پەقەت قەھۋە ئىچىشكە باشلىغان ھامان، ئۇ كەشىپ قىلغان قۇرۇلما ئاپتوماتىك بەت ئۆرۈشكە باشلايدىكەن…

ھازىرغىچە 6,242 قېتىم كۆرۈلدى

exodesk-the-future-of-desk-computer

ئىلگىرى «ھەقىقى ئۈستەل كومپيۇتېرى Microsoft Surface 2.0» نىڭ سېتىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. Samsung ئورگان تور بېكىتى رەسمىي ھالدا 23 دۆلەتكە ۋە رايونلاردا Microsoft Surface 2.0 قاچىلانغان كومپيۇتېرلارنى سېتىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۈستەل كومپيۇتېرى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما قارىماققا 40 ديۇيملۇق تاختا تېلىۋېزورغا ئوخشايدىكەن، تامغا ئېسىپ قويسىمۇ ياكى تەكشى جايغا قويۇپ قويسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما بۇ خىل تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ باھاسى 8400 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن…

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 2,280 قېتىم كۆرۈلدى