نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كەلگۈسى
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كەلگۈسى ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

a-day-made-of-glass

2011-يىلى، Corning شىركىتى بىر دانە A Day Made of Glass ناملىق كەلگۈسى سەزمە ئېكرانغان تولغان بىر كۈنلۈك ئائىلە تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن سىننى ئىشلەپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك تېخنىكىسى سەنئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشلىتىلىشىنى نامايەن قىلغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەرشارىدىكى نەچچە مىليونلىغان تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، مەزكۇر سىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى A Day Made of Glass 2 نى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئەينەك ماتېرىياللىرىنىڭ تۇرمۇش، مائارىپ، داۋالاش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قوللىنىلىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى…

ھازىرغىچە 3,217 قېتىم كۆرۈلدى

play-games-in-windows

تورخۇماردا ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن «سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل» يادىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى ھە؟! بۈگۈن كۆپچىلىك بىرگە كۆرىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىمۇ شۇنىڭدەكلا ئوخشاش قالتىس!

ھازىرغىچە 6,146 قېتىم كۆرۈلدى

exodesk-the-future-of-desk-computer

ئىلگىرى «ھەقىقى ئۈستەل كومپيۇتېرى Microsoft Surface 2.0» نىڭ سېتىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. Samsung ئورگان تور بېكىتى رەسمىي ھالدا 23 دۆلەتكە ۋە رايونلاردا Microsoft Surface 2.0 قاچىلانغان كومپيۇتېرلارنى سېتىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۈستەل كومپيۇتېرى دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما قارىماققا 40 ديۇيملۇق تاختا تېلىۋېزورغا ئوخشايدىكەن، تامغا ئېسىپ قويسىمۇ ياكى تەكشى جايغا قويۇپ قويسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما بۇ خىل تىپتىكى كومپيۇتېرنىڭ باھاسى 8400 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن…

ھازىرغىچە 2,280 قېتىم كۆرۈلدى

camera-in-future

گەرچە ئۇقۇم فوتو-ئاپېراتى ھازىرقى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئانچە يىراق كەلگۈسىدە بولمىسىمۇ، بىراق بەزى تەرەققىياتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەقەززاسىنى كۈچەيتمەي قالمايدۇ. خۇددى مەزكۇر سىندىكى فوتو-ئاپېراتتەك، كامېرا بېشى بىلەن ئاپېرات سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلانغان، كامېرا بېشىنى خالىغان جايغا قويۇپ قويۇپ ئۆزىمىز خالىغان ھالەتكە تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن رەسىمگە تارتساقلا بولدى…

ھازىرغىچە 3,347 قېتىم كۆرۈلدى

sony-virtual-reality-movies

Sony ياۋروپا فىلىم تەتقىقات خىزمەتخانىسى يېقىندا ئۈچ بۆلۈم تەقلىدىي كىنو سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، فىلىمگە كامېرا مۇقىملاشتۇرغۇچ، كۆپ خىل EyeToy كامېراسى، PlayStation Move كونتروللىغۇچىسى، نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ھەرىكەتنى بىرمۇ-بىر نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قوراللار ئىشلىتىلگەن. پۈتكۈل فىلىمگە پەقەت كۆرۈنمە ئۈنۈم تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ياكى كارتون شەكلىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىغان…

ھازىرغىچە 8,220 قېتىم كۆرۈلدى

productivity-future-vision-2011

كەلگۈسىدە، ئەقلىفون ۋە ئىسىم كارتوچكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە بەلكىم جىق پەرق بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى سىز بىۋاستە تېگىشكەن ھەرقانداق جىسىمدا سېزىمچان ئېكران بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن! قەغەزنىڭ ئورنىنى كىتابچىگە ئوخشايدىغان تاختا كومپيۇتېرلار ئىگەللىشى مۇمكىن. بۇلۇت سۇپىسى ئاللىقاچان مەزمۇن ئۇزىتىشتىكى ئاساسلىق يۈزلىنىش بولۇپ قالدى، ئاۋاز ۋە ئىشارەت تونۇش تېخنىكىسى، كۈچەيتىلگەن 3D پرويېكسىيە تېخنىكىسىمۇ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى…

ھازىرغىچە 5,005 قېتىم كۆرۈلدى

quantum-levitation

كۆپچىلىك بەلكىم فانتازىيە تەسىۋىرلەنگەن كىنولاردا كەلگۈسىدىكى ھاۋادا لەيلەيدىغان ماشىنا ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ Tel Aviv University مەكتىۋىدىكى كۋانت لەيلىمە تەجرىبىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش يۈز بېرىپ، بىز بىلەن ھەقىقى لەيلىمە تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان. كەلگۈسىدە، بەلكىم ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى تامامەن مۇمكىن!!!

ھازىرغىچە 5,626 قېتىم كۆرۈلدى

kinect-for-windows-video

مىكروسوفتنىڭ Kinect تېخنىكىسى شۈبھىسىزكى بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، Wii ۋە Sony Move نىڭ كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ چىرايلىق تېخنىكا نۆۋەتتە پەقەت Xbox360 ئويۇنچۇقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتا، PC ئىشلەتكۈچىلەر قوشۇنىغا تەۋە بىزلەر بولساق، بۇنىڭدىن تولىمۇ مەيۈسلىنىپ تۇرۇپتۇق…

ھازىرغىچە 3,864 قېتىم كۆرۈلدى

stefan-morrell-sci-fi-cg

سەنئەتكار Stefan-Morrell پۇزۇر لايىھەلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىياسىنى تاماملاپ چىققان، ئېھتىمال كۆپچىلىكمۇ بىر قىسىم فانتازىيەلىك فىلىم ياكى كارتونلاردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كەلگۈسىدىكى شەھەرلەرنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ!

ھازىرغىچە 1,206 قېتىم كۆرۈلدى

ئۈچ مىنۇتلۇق، ئەمما ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ”Window to the World“ ناملىق سىن! مەزكۇر سىندا، تويوتا شىركىتى ئاپتوموبېلنىڭ كەينى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە دەرىزە ئارقىلىق، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى باسىدىغان بىر خىل مۇھىت تەمىنلىگەن. بۇ دەرىزە ئارقىلىق سىز رەسىم سىزالايسىز، سىرتقى ئۇچۇرلارنى بىلەلەيسىز، ھەتتا كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق iPhone دىكىدەك ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشەلەيسىز! ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى تۇرمۇش بەلكىم بىزدىن ئانچە يىراقتا بولماسلىقى مۇمكىن…

ھازىرغىچە 2,683 قېتىم كۆرۈلدى

Rimino بولسا شىۋېتسىيەلىك لايىھەلىگۈچى Amid Moradganjeh تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بىر تۈرلۈك ئېلىكترونلۇق قەغەز كۆچمە ئۈسكۈنىسى. كۆرۈنمە يۈزگە ھېچقانداق كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئەكسىچە ئىشلەتكىنى ئېلىكترونلۇق قەغەز بولۇپ، باسما ماتېرىيال ياكى تەشۋىقات ئېلانىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. فانتازىيە تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، يانفون ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە، تېمپراتۇرا، يورۇقلۇق، پۇراق قاتارلىقلارنى سېزىش ئىقتىدارى باركەن…

ھازىرغىچە 1,284 قېتىم كۆرۈلدى

سەھەردە ئويغانغىنىڭىزدا، كارىۋىتىڭىز، تازىلىق ئۆيى ياكى ئاشخانىڭىز ھەممىسى سېزىمچان ئېكران بىلەن بېزەلگەن بولسا، سىزگە ئەڭ يېڭى ھاۋارايى ئۇچۇرى، قاتناش ئۇچۇرى، كۈندىلىك خەۋەرلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرسە، مەيلى شەخسىي ئاپتوموبېل ياكى ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بولسۇن، ھەر ۋاقىت سىزگە قاتناش ئەھۋالىنى تەمىنلەپ تۇرسا، كۈندىلىك خىزمەتتە، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى سەزمە ئېكران ئارقىلىق خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرالىسىڭىز، مانا بۇ ھەقىقىي كەلگۈسى تۇرمۇشتىن دېرەك بېرىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 1,475 قېتىم كۆرۈلدى