[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 18-فېۋرال]

ھەركىمنىڭ ئاڭلايدىغان ناخشا-مۇزىكىسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ. كۆپىنچىمىز ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا بىر خىل مۇڭلۇق مۇزىكىلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمىز، بولمىسا ماينى چىڭ دەسسەپ سالىدىغان ئىش چىقىدۇ، بەزىلىرىمىز بولسا شوخ DJ ناخشىلارنى ئاڭلىغاچ High قىلىپ مېڭىشقا ئامراق. تۆۋەندىكىسى بىر يۈرۈش رەتلەنگەن ماشىنىدا ئاڭلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ناخشىلار، ئەلۋەتتە، ھەممىسى سىزنىڭ ئىشىتىھايىڭىزغا ماس كېلىشى ناتايىن، ئەمما ماشىنىدا ئاڭلىمىسىڭىزمۇ، ئاپتوبۇستا ئاڭلاپ قويسىڭىز زىيان قىلمايدۇ…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 27-يانۋار]

تورخۇماردا ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن «سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل» يادىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى ھە؟! بۈگۈن كۆپچىلىك بىرگە كۆرىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىمۇ شۇنىڭدەكلا ئوخشاش قالتىس!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 19-يانۋار]

ئەرەبلەر پۇلىنىڭ كۆپلىگىگە باقماي يەنە ئاجايىپ تەلۋىلىك بىلەن نام چىقارغان. مەزكۇر سىندا، ئۇلار ھەرخىل ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلارنى تاشيولدا پىقىرىتىپ ئويناپلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل پىقىرىتىشنى بىر تەلۋىلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋەتكەن! كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، ئۇلار يولدا باشقا ماشىنىلارنىڭ بار يوقلىقىغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمايدىكەن، تېخى بۇنى ئاز دەپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئەسلا تاقىمايدىكەن، ماشىنىنى ھەيدەۋېتىپ قولىنى چىقىرىپ پۇلاڭلىتىشلىرى تېخى ئاندىن…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2012-يىل 7-يانۋار]

8000 تال تاماكا قېپى بىلەن نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم بىكار قالغان ستۇدېنتلار بۇ سوئالغا ئۇقۇشماي بىر تال Lamborghini ماركىلىق ئاپتوموبېل ياسىغىلى بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ سالغان، ئاقىۋەت…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 14-دېكابىر]

گەرچە ھازىر ئاپتوموبېللارغا GPS ئۈسكۈنىسى بېكىتىش ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم 10 چاقى بار چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبېللارغا نىسبەتەن GPS ئۇنچە بەك ياخشى نەرسىمۇ ئەمەس. ئەنگلىيەدىكى بىر يۈك ئاپتوموبېلى شوپۇرى يول يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي GPS يول باشلىغۇچقا تاشلاپ بەرگەچكە، بىر تار كوچىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا 26 سائەت قاپسىلىپ قېلىپ مىدىرلىيالمىغان…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 18-نويابىر]

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتوموبېل ئېلانلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭىچە بىر مەزمۇن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا بىز كۆپچىلىك بىلەن تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن KIA ماشىنىنىڭ ئېلانىلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئولىشىۋېلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۈگۈنكى مەزكۇر ئېلانمۇ دەل KIA ئاپتوموبېلىنىڭ يېڭى ئېلانى بولۇپ، KIA شىركىتى تىرناق ياساش ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، 25 كۈن ئىچىدە 900 دىن ئارتۇق تىرناققا رەسىم سىزىپ كىرىشتۈرۈپ چىققان ۋە يېڭى ئاپتوموبېلى Picanto ئۈچۈن ئېلان فىلىمى قىلىپ بېكىتكەن.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 16-نويابىر]

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى مۇشۇ ۋاقىتلاردا، خۇددى دېيىشىپ قويغاندەكلا «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» دىن كېيىن مۇسابىقە ئاپتوموبېلى ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى سەركەردە دەپ نام ئالغان 极品飞车 ئويۇنى ئۆزىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىلمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Need for Speed ئويۇنى «极品飞车16:亡命天涯(ئېنگلىزچە نامى Need For Speed: The Run)» ئاخىرى ئېلان قىلىندى!
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 19-ئۆكتەبىر]

توۋا دەيمەن! بۇنداق تاكسىغا ئولتۇرۇش نەقەدەر قورقۇنۇچلۇقتە ھە؟! ئەتىمالىم بۇ شوپۇر ئاپتوموبېل مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىرا تارتقاچ ماشىنىسىنى يۇيدۇرغىلى ئازراق پۇل غەملىگىلى چىققانمىدۇ؟ ئۇدۇلدىكى قىزچاق بەلكىم ھەرقانچە بەزلىسىمۇ بۇ تاكسىغا ئولتۇرۇشقا پېتىنالماس، ئەپسۇس، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس تاكسىغا ئولتۇرۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولىدىدە؟
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 21-ئىيۇل]

ئۈچ مىنۇتلۇق، ئەمما ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ”Window to the World“ ناملىق سىن! مەزكۇر سىندا، تويوتا شىركىتى ئاپتوموبېلنىڭ كەينى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە دەرىزە ئارقىلىق، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ زېرىكىشىنى باسىدىغان بىر خىل مۇھىت تەمىنلىگەن. بۇ دەرىزە ئارقىلىق سىز رەسىم سىزالايسىز، سىرتقى ئۇچۇرلارنى بىلەلەيسىز، ھەتتا كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران ئارقىلىق iPhone دىكىدەك ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشەلەيسىز! ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى تۇرمۇش بەلكىم بىزدىن ئانچە يىراقتا بولماسلىقى مۇمكىن…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 9-ئىيۇن]

تېخى يېقىندا E3 نىڭ ئويۇن كۆرگەزمىسى ئېچىلغاچقا، ھەر قايسى چوڭ ئويۇنلار بەس-بەستە ئۆزىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. جۈملىدىن بىز تېخى ئالدىنقى كۈنى كۆرۈپ ئۆتكەن «قەدىمى قەۋرىستانلىقتىكى پەرى كۆلەڭگىسى رىۋايىتى»مۇ ھەم شۇنداق. بۇدا ئېلان قىلىنغىنى بولسا، بەيگە ئاپتوموبېلى ئويۇنلىرى ئىچىدە شاھزادە دەپ تەرپلىنىدىغان Need For Speed نىڭ يېڭى نەشىرى 极品飞车16: The Run نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئويۇن ۋەقەلىكى تېخىمۇ جىددى تۈسكە كىرگەن، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا بېرىدىغان ھاياجان تۇيغۇسى بۇرۇنقى نۇسخىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈكتەك قىلىدۇ.
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 6-ئىيۇن]

بەزىلەر، ماشىنىنى مىكرو دۇنيا دېيىشىدۇ. دېمىسىمۇ شۇنداق، چۈنكى ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى كۈندە دېگۈدەك ھەر خىل ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىشلار قىزىقارلىق، تېتىقسىز ھەتتا قورقۇنچلۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىشقىلىپ، قانداق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىز ئالدىن بىلەلمەيمىز. ئۇلار ئۆز رېتى بويىچە يۈز بېرىۋېرىدۇ. گەرچە بۇ بوشلۇق ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول. تۆۋەندە بىر بىر قىسىم كارتىنىلارنى كۆرۈپ باقايلى…
[يازما تەۋەللۇت خاتىرە كۈنى: 2011-يىل 3-ئىيۇن]

بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبېل، دۆلىتىمىزدىكى Yuhan Zhang ئىسىملىك لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئاپتور تېخى ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن ياش يىگىتى ئىكەن، شۇڭا بۇ تەسەۋۋۇرلاردىن ئانچە بەك ئەجەپلىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك…

گايتىسكامدىن باشقىسى كۆڭۈل بۆلمىدى ئۇيغۇرغا جۇمۇ! قەشقەرگە كەلگەن بولسا ھېيىگاھنىڭ ئالدىدىن لەغمەن ئېلىپ بېرەتتىم ئۇنىڭغا! جوبىسقۇ ئۆلىۋالدى ئۇيغۇرچىنى قىلىپ بولالماي! گوگىل بولسا ئە نى ئۇلاپ قويۇپ كۆرۈنمەس قىپ قويدى! ئىشقىلىپ يەنىلا مىكروسوفىتنى