نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يېڭىلىق
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ يېڭىلىق ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

gravite-by-renaud-hallee

تور ئارىلاۋېتىپ ئۆزگىچە ئىشلەنگەن بۇ سىننى كۆرۈپ قالدىم. يەنى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە جىسىملارنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە چۈشىدىغانلىقىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر قۇرۇق گەپ. بىراق مەزكۇر سىندا، شۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ھادىسە، يەنى چىققان ئاۋازدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يۈرۈش ئۇدار ھاسىل قىلىنغان، فىلىم ئاپتورىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز…

ھازىرغىچە 1,435 قېتىم كۆرۈلدى

grunge-graffiti

سەنئەت مەۋجۇد بولمىغان كەيپىياتنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەدەنىيەت پۇرىقىچۇ؟ لايىھە مۇھىتىچۇ؟ سىز قوغلىشىدىغان سەنئەتنىڭ ھەمىشە بىر خىل مەۋھۇم شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدىن قايغۇرامسىز؟ ئەنسىرىمەڭ! پەقەت ئېھتىياجلا بولىدىكەن، ھەرقانداق نەرسىدىن سەنئەت پۇرىقىنىڭ گۈپۈلدەپ بۇرنىڭىزغا ئۇرىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايسىز! ھەتتا تۆنۈگۈن ئىشىك تۈۋىگە تۆكۈپ قويغان ئەخلىتىڭىزمۇ سەنئەت پۇرايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟! بېرىپ پۇراپ بېقىڭ ئەمىسە!!!

ھازىرغىچە 1,684 قېتىم كۆرۈلدى

scalado-remove

يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن فوتوگرافلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ كەتتۇق. كۆپىنچىمىز يانفوننى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەتكە تارتقان چېغىمىزدا، ھەمىشە تارتقان سۈرەتنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە سۈپەتلىك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تارتقان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، يا كىشىلەرنى نېرى تۇر دېگىلى بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟

ھازىرغىچە 4,467 قېتىم كۆرۈلدى

siri-for-iphone4

iPhone 4S بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى Siri كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلى، نۆۋەتتە iPhone4 مۇھىتىدىمۇ ئىشلەيدىغان قانۇنلۇق Siri مۇ بارلىققا كەپتۇ. گەرچە مۇقىملىقىنى ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق 4S سېتىۋېلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا بىر ياخشى تەسىرات مۇھىتى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن، تۆۋەندە iPhone4 كە Siri نى قانداق ئورنىتىشنى كۆرۈپ باقايلى.

ھازىرغىچە 3,692 قېتىم كۆرۈلدى

play-games-in-windows

تورخۇماردا ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن «سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل» يادىڭىزدىمۇ؟ ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى ھە؟! بۈگۈن كۆپچىلىك بىرگە كۆرىدىغان بۇ يېڭى تېخنىكىمۇ شۇنىڭدەكلا ئوخشاش قالتىس!

ھازىرغىچە 6,146 قېتىم كۆرۈلدى

produced-by-burning-match-photography

روسىيە يېكاتېنبۇرگلىق بىر فوتوگراف كۆيۈۋاتقان سەرەڭگە تېلىدىن ئىلھام ئېلىپ، سەرەڭگە تېلىنى ئىشلىتىپ ئوت يالقۇنى ۋە چىققان تۈتەك(ئەلۋەتتە يەنە ياخشى بىر كامېرامۇ بار)تىن پايدىلىنىپ بىر يۈرۈش ئىنتايىن يۇقىرى تەسەۋۋۇردا لايىھەلەنگەن ئىجادىي فوتو-سۈرەت ئەسىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان، تۆۋەندە بۇ نادىر ئەسەرلەردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىپ ئۆتەيلى…

ھازىرغىچە 3,883 قېتىم كۆرۈلدى

diy-private-display

قانداق قىلغاندا ئېكراننى پەقەت ئۆزىمىز بىرلا ئادەم كۆرەلەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟ بىر دانە پوپايكا توقۇپ بېشىمىز بىلەن ئېكراننى قوشۇپ چۈمكىسەكچۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە قاملاشمىغانلا بىر ئىش…

ھازىرغىچە 3,468 قېتىم كۆرۈلدى

lego-life-of-george

بىردانە تاختا كومپيۇتېر/زېرەك يان تېلېفونغا بىر نەچچە App ئويۇن قوشۇلسا، كېيىنكى ئەۋلاد ئويۇنلارنىڭ ئۇسۇلى قارىماققا بىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇشقا يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ. ئويۇنچۇق مەۋھۈم مۇھىتتىن ئايرىلسا، ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش بولارمۇ؟ ناتايىن…

ھازىرغىچە 3,049 قېتىم كۆرۈلدى

dishes

بۇ بولسا بېلگىلىيەلىك Jean-Francois De Witte ئىسىملىك مەلۇم بىر فوتوگرافتىن كەلگەن يېڭىلىق بولۇپ، Dishes ناملىق مەزكۇر بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرىدە، فوتوگراف ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى پېرسوناژ – ئاشخانىدىكى قاچا-قۇچا، ۋىلكا، قوشۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە چېتىپ، بىر قارىسىلا تونۇۋالغۇدەك ھەرخىل ھايۋانات، گۈل-گىياھ ۋە ئادەملەرنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ چىققان، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان كۆرۈش ئۈنۈمى ھازىرلىنىپلا قالماستىن، يەنە مول بولغان سەنئەت پۇرىقىغا تويۇنغان دېيىشكە بولىدۇ…

ھازىرغىچە 1,935 قېتىم كۆرۈلدى

stone-art-near-the-sea

ھېچقانداق ئالاھىدە چاپلاشتۇرىدىغان نەرسە ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تاش بىلەن تاشنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرسا قانداق ھادىسە يۈز بېرىدىغاندۇ؟ سەنئەتكارلار ساپ سۈركىلىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى تاشلارنى سىرلىق ھالدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ چىققان، ئەسلىدە قاتار يېتىپ كەتكەن قۇرام تاشلارغا شۇ ھامان «جان» كىرگەن! گەپنى جىق قىلماي دەرھال بۇ تاشلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشايلى!!!

ھازىرغىچە 2,827 قېتىم كۆرۈلدى

fountains-of-bellagio

بەللاجىيو فونتانى لوس-ئانژېلىستىكى بەللاجىيو مېھمانخانىسىنىڭ سۈنئىي كۆلگە جايلاشقان. كۆلدە ھەركۈنى بەلگىلىك قېتىم سانى بويىچە نومۇرلار كۆرسىتىلىپ تۇرىلىدۇ. بۇ نومۇرلارغا ھەرخىل مۇزىكا ۋە چىراقلار تەڭكەش قىلىنىپ، لەرزان ئۇسۇلچىدەك ئەتراپتىكى كۆرۈرمەنلەرنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. فونتاننىڭ كەينى قىسمىغا كۆپ مىقداردا سۇ ئاستى تۇرۇبىسى ۋە 1000 دىن ئارتۇق پۈركۈش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ، ئوخشاشلا 4000 دىن ئارتۇق چىراق ۋە مۇزىكىلار سەپلەنگەن….

ھازىرغىچە 3,747 قېتىم كۆرۈلدى

million-point-pen-to-paint

«قەھرىمان» ئىسىملىك بۇ رەسىم، ئاپتور Miguel Endara نىڭ ئاتىسىنىڭ بىر پارچە پورتىرىت رەسىمى(قارىماققا يۈزىنى سىكەننېرگە چاپلاپ تارتقان سۈرەتتەكلا) بولۇپ، ئاپتور پۈتكۈل رەسىمنى سىزىش جەريانىدا تالالىق سىياھ قەلەم ئارقىلىق قەغەز يۈزىگە بىردىن بىردىن چېكىپ سىزىپ چىققان، جەمئىي 32 مىليون دانە چېكىت ئۇرۇلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىلا بىر سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن، پۈتۈپ چىقىش جەريانىمۇ پۈتۈنلەي بىر سەنئەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 4,396 قېتىم كۆرۈلدى