نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > Flash ئويۇن
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ Flash ئويۇن ] غا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ultimate-assassin2

مەزكۇر ئويۇن ئاددىلىقىغا باقماي ئادەمنى ئوبدانلا ھاياجانغا سالىدۇ . ئويۇندا سىز مەلۇم قاتىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيسىز. ئەلۋەتتە بايقىلىپ قالماسلىق شەرتى ئاستىدا ، بەلگىلەنگەن نىشاننى ئوجۇقتۇرغاندىن كېيىن سىستېما كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە قېچىپ قۇتۇلىسىز. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئاددى, ئەمما ناھايىتى قىيىن. قېنى تورخۇمارلار، بەسلىشىپ باقمامدۇق؟!

ھازىرغىچە 5,958 قېتىم كۆرۈلدى

one-and-one-story

مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىنىمىزدە، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى يېڭى بىر ھېكايىمۇ باشلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى ئۇلىشىپ دېگۈدەكلا ئېيتىلىدۇ ۋە بىزنىڭ يېتىلىشىمىزگە ئىزچىل ھەمرا بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ھېسسىيات بولغىنىدا، چۈنكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ھېكايىلەر ئېيتىلىپ تۇرغاچقا، بىز بارا-بارا قاسراق تاشلايمىز، باشقىلار بىزگە سەل قارىمايدىغان ھالەتكە كېلىمىز. مۇھەببەت خۇددى ساندۇق ئىتتىرىش ئويۇنىغا ئوخشاش، ئىككى شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىنتىلىش، ھەمكارلىق، ۋە شۇنىڭدەك ئىككىيلەنگەن ئورتاق تەۋە بولغان ھېكايىلەرنى ئىتتىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر ئويۇندىن ئۆزگىچە زوق ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ھازىرغىچە 3,804 قېتىم كۆرۈلدى

spiderman-cityraid

بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىز ئارامغا چىقىپ قاتتىق خوشلۇققا چۆمدىغۇ دەيمەن. گەپكە كەلسەك، ئۆمۈچۈك پالۋانمۇ شۇ خوشاللىقتا ئەتىدىن باشلاپ ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ ئۈلپەتداشلىرى بىلەن ئازراقتىن ئويناپ قويغان ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھازىر غەرق مەست بېيمېندا چۆرگىلەپ يۈرەمىش، قېنى ئارامغا چىققان تورداشلىرىمىز، ناۋادا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانىمىز ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئامان ئېسەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشكە بىر ياردەم قىلىۋەتمەمسىلەر؟

ھازىرغىچە 2,642 قېتىم كۆرۈلدى

ئۆي تىزىش ئويۇنىنى ھەممىمىز كىچىك چېغىمىزدا ئويناپ باققان، بىراق ماۋۇنىڭدەك دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى تېخى تۇنجى كۆرۈشۈم! بۇ سەۋىيەدىكى ماھىرلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالساق، نەپەسنى چوڭقۇرراق ئېلىش ياكى كۆزنى چىمچىقلىتىشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھەرىكەت بولۇپ قالغۇدەك. قېنى ئاۋال بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…

ھازىرغىچە 1,898 قېتىم كۆرۈلدى

بۈگۈن ئارام كۈنىدە تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن، ئىنتايىن ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بىر Flash ئويۇن – كۇڭمىڭ قۇلۇپى(interlocked) ناملىق ئويۇننى ئېلىپ كەلدىم. ئويۇندا بىز زىچ جىپسىلاشتۇرىۋېتىلگەن زاپچاسلارنى ستېرولۇق تۇيغۇغا ئاساسەن ئەپچىللىك بىلەن ئايلاندۇرۇش، يۆتكەش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ ئۆتكەل ئاتلاش مەقسىدىگە يېتىمىز، يېنىك ئويۇن مۇزىكىسى قوشۇلۇپ كىشىگە تېخىمۇ ئازادە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ…

ھازىرغىچە 2,411 قېتىم كۆرۈلدى



قەغەز يۈزىنى تەگلىك قىلىپ ئىشلەنگەن ئويۇنلار، كىشىگە ئىزچىل بىر خىل يېنىك ۋە ئازادە تۇيغۇ بېغىشلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئوينىغاندىمۇ ئۆزىمىزنى شۇنداق ئەركىن ھېس قىلىمىز. Paper Venture ناملىق مەزكۇر ئويۇنمۇ شۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە…

ھازىرغىچە 1,809 قېتىم كۆرۈلدى

ناۋادا 20 سكونت بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى قالتىسكەنمەن دەپ ئويلىسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا 30 سكونتقىچە بەرداشلىق بېرەلىسڭىز، ئۇنداقتا سىزنى ھەرگىزمۇ بوش چاغلىغىلى بولمىغۇدەك، ناۋادا 50 سكونتتىن ئاشسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنى بىر تۇغما تالانت ئىگىسى دەپ تەرپلەشكە ھەقلىقمەن، ناۋادا 1 مىنۇتتىن ئاشۇرىۋېتىپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىنسانلار تىپىغا تەۋە ئەمەسكەنسىز، ئاستا جىممىدە يۇرتىڭىز مارسقا قايتىۋېلىڭ!

ھازىرغىچە 9,418 قېتىم كۆرۈلدى

ئىنتايىن ئۇماق لايىھەلەنگەن Flash ئويۇن - ئۈچ قوزىچاقنىڭ ئۆيىگە قايتىشى

ئالدىنقى قېتىم تاشقى پلانېت كىشىلىرىگە ياردەملىشىپ يەرشارىدىن كالا ئوغرىلىغان ئىدۇق، ئەمما تاشقى پلانېت كىشىلىرى قايتقاندا قوتاننىڭ ئىشىگىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ بىلمىدۇق، ئۈچ قوزىچاق ئۆيىدىن چىقىپ ئېزىپ قېلىپ تا ھازىرغىچە قايتىپ كېلەلمەيۋېتىپتۇ. گەرچە قوزا ئىزدەش ئېلانى چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ قوزىچاق تېخى يەسلى يېشىغا توشمىغان بولغاچ، تېخىچە ئۇلانبايدا ئېزىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ، قېنى تورخۇمار دوستلار بىرلىكتە غەيرەتكە كېلىپ بۇ ئۈچ قوزىنى ئۆيىگە ئامان ئېسەن ياندۇرۇپ كەلمەمدۇق؟

ھازىرغىچە 2,620 قېتىم كۆرۈلدى

ئەستايىدىللىق ۋە چاققانلىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت ئوغرىلىرى(Alien Thief)

ئالدىنقى قېتىم «يا ئوقى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتقۇزۇش» ناملىق كىچىك Flash ئويۇننى يوللىغاندىن كېيىن، خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا كۆپچىلىك ئاساسەن بۇ ئويۇننى ئويناپ تۈگىتىپمۇ بولدى. بۈگۈن يەنە تورداشلارنىڭ خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن، يەنە بىر كىچىك Flash ئويۇن – تاشقى پلانېت ئوغرىلىرى(Alien Thief) ناملىق ئويۇننى ئالغاچ كەلدىم، ئويۇننىڭ جىددىلىك دەرىجىسى گەرچە ئالدىنقىسىدەك بولمىسىمۇ، بىراق قىززىقتۇرۇش دەرىجىسى ھەرگىزمۇ ئالدىنقىسىدىن تۆۋەن ئەمەس.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 1,696 قېتىم كۆرۈلدى