[15 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا، Inflow Inventory شىركىتى باش شىركەت Archon Systems توردا بىر قېتىملىق Windows8 Logo لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تورداشلار ئۆزى Windows8 ئۈچۈن لايىھەلىگەن Logo لارنى مۇسابىقە خالىغانچە قاتناشتۇرسا بولاتتى. بۇ ئىش كېيىن Microsoft نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورگان تەرەپ Logo ئەندىزىسىنى ئاشكارىلىغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە …..
[44 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
2012- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، يەنى بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز كۈنى، NOKIA شىركىتى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خەنزۇچە يېزىق نەشىرىدىكى Windows Phone 7.5 (مانگو) سىستېمىسى سەپلەنگەن نوكىيا ئەقىللىق تېلېفۇنلىرى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
[80 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بەس-بەستە چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا باشلىدى. چۈنكى مىكروسوفت تېخى يېقىندا Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، فەقىر تەدبىركارمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا Windows 8 Consumer Preview نىڭ 32 بىتلىق خەنچە نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم…
[82 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى (Windows 8 Consumer Preview)، نەشىر نومۇرى: 8250.0 بولغان Windows مەشغۇلات سېستىمىسى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. بۇ نەشىرىدە ئىلگىرى Windows8 سىناق نەشىرىگە قارىغاندا ئازراق ئۆزگەرتىشلەر بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلغان سېستىما فونتى دېگەندەك…ئۇنىڭدىن باشقا، قاچىلاش كۆرۈنمە يۈزىدىمۇ ئازراق ئۆزگەرتىشلەر بار.
[82 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئەگەر باشقا ئالاھىدە مەسىلە كۆرۈلمىسە، يەنە نەچچە سائەت ئىچىدە Windows8 Beta نەشىرى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يازمىمىزدا Windows8 نى قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلارنى قالدۇرغان ئىدۇق. بىراق يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېگەننى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ …..
[83 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئەتە كەچ، يەنى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن كېيىن، Windows8 Beta نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ. Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللايدىغانلىقىدەك خۇش-خەۋەرنى ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئاڭلىغان بولساق كېرەك؟ شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ سېستىمىنى بىرىنچى بولۇپ سىناشقا تەقەززا بولىۋاتقان تورداشلار نۇرغۇن. شۇڭا بىر قىسىم زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىسقا قىلىپ قالدۇرۇپ …..
[86 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Windows8 پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Metro كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلغان، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە ئېلىپ بارغان چوڭ بىر قېتىملىق ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلاد Windows قانداق بولار؟
[89 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، Windows8 توغرىسىدىكى يېڭى خەۋەر لەرمۇ ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۈگۈن مىكروسوفت Building Windows 8 بلوگىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە دېيىشىچە، Windows8 كە تېخىمۇ كۆپ تىلنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمىزمۇ بار ئىكەن…
[193 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
مىكروسوفت(Microsoft) ئالدىنقى ئايدا بىر قانچە دانە سىننى ئېلان قىلىپ، Windows8 نىڭ بىر دانە كونا سەپلىمىلىك لەپتوپتىكى قوزغىلىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، ئۈنۈمى خېلىلا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، يېڭى ئېلان قىلىنغان Macbook Air نىڭ Lion سېستىمىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ، قارىغاندا، ئۇزۇندىن بېرى كۆپچىلىكنى قىيناپ كېلىۋاتقان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى مەسىلىسى ئاخىرى …..
[247 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئالدىنقى كۈنى مىكروسوفت Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرىنى تارقاتتى. خېلى كۆپ قىسىم تورداشلارمۇ شۇ ھامان بۇ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ باقتى. ئىشىنىمەنكى، خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار Windows 8 بىلەن iOS ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر گە قىزىقىدىغۇ دەيمەن. مىكروسوفت Windows 8 تە كىشىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان نۇرغۇن يېڭى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ، مەيلى قاتتىق دېتال جەھەتتە …..
[250 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۈگۈن سەھەردە، مىكروسوفت BUILD چوڭ يىغىنىدا ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 نى ئېلان قىلدى! بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى Windows 8 پروگرامما ئاچقۇچىلار سىناق نەشىرى بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىغا نىسبەتەن ھەقسىز چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن، چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئاكتىپلاش تەلەپ قىلمايدۇ…
[354 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، مىكروسوفت تۇنجى قېتىم سىرتقى دۇنياغا ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 8 نىڭ مەشغۇلات كۆرۈنۈشلىرىنى ئاشكارىلىدى. قارىماققا بۇدا مىكروسوفت Windows 8 ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ 25 يىللىق تارىخقا ئىگە مەشغۇلات سېستىمىسى Windows قا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقچىدەك قىلىدۇ. ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، Windows8 نىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى، تاختا كومپيۇتېرلار بىلەن ئۈستەل …..
toyata نىڭ كەمرىي مۇ يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ، يا چەتئەلىنىڭ ئەسلىسى نۇسخىسى شۇنداق شاشامۇ.