淘宝Tmall سودا شەھەرچىسىدىكى ماللار بىر كۈن يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن! پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار!!!
بۈگۈن 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، توردا تولا داۋراڭ قىلىپ كەتكەن «ئاتالمىش» يۈز يىلدا بىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بويتاقلار بايرىمى ئىكەن! 淘宝Tmall سودا شەھەرچىسى ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ كۆلەمدە ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا، بارلىق ماللار %50 يېرىم باھادا چۈشۈرۈپ سېتىلىدىكەن! ناۋادا يېقىندىن بۇيان بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئويىڭىز بولسا، قاراپ تۇرماي دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ! چۈنكى بۇ ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان پۇرسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!
كۆپچىلىكنىڭ 支付宝 غا كۆپرەك پۇل قاچىلاپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى، بۇنچە كۆپ ئەرزان باھالىق ھەم ئىشەنچىلىك ماللارنىڭ سىزگە نىسبەتەن قىززىقتۇرۇش كۈچى چوقۇم يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ياكى ئوغۇل-قىز دوستىڭىزغا سوۋغات ئېلىپ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش ھەر كىمگە كېلىۋېرىدىغان پۇرسەت ئەمەستە؟! ھاھاھا
پائالىيەت مەنزىلى: بۇ يەرنى بېسىپ ئەرزان ماللار بازىرىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، سودا، سېتىۋېلىش، 淘宝
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/taobao20111111.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 – بىز يەنە بىر قېتىم، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردۇق!
- كېيىنكى يازما > «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 3»(使命召唤8) نىڭ PC نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- سىز بىز ئاڭلىمىغان ئىشلار جىق ئوخشايدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لىبەي دۇفۇلار ھەممىسى ئەسلىدە ئۇيغۇرمىش…
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
- Windows 8 كە يېڭىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ جەمئىي 109 خىل تىلنى قوللايدىكەن
- مالايسىيادا تاماقخانىلاردا چوقۇم Wi-Fi شارائىتى بولۇشى شەرت ئىكەن، بولمىسا تۈرمىگە چۈشىسىزكەن!!!
- ئالما شىركىتى قانداق قىلىپ iPad توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بۇنچە چىڭ ساقلىيالىغان؟
- تاللا بازىرىدىكى ئاشۇ چىرايلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىك سۇ مېيىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى!
- NASA دىكىلەر يەر شارىنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغان قېرىندىشىنى بايقىغان!!!

ئۆزۇمنى ئاتتىم، بىراق پۇل يوق ئايلىنىپ يىنىپ چىقتىم.
ھاھا، ئەلۋەتتە، ئەتراپىڭىزدىكى توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا ھېرىسمەن كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى پۇرسەت چەكلىكتە
مەن كىيىم ئىزدەپ باقاي
راستما؟
مەنمۇ ئەتتىگەن قارىسان نى پىچەت نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئالاھېدە تۆۋەن تۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنمەي بېرىپ كارتامنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇپ كەلدىم ….
بۈگۈن قارىسام تورخۇماردا يالىڭاچ خوتۇنلارنىڭ ئېلانلىرى توشۇپ قاپتۇ
بۇ ئىشەنچىلىك بازارمۇ يا ؟ تاۋباۋ ئەمەسكەن ، ئىشەنچ قىلاممايۋاتىمەن ، بولمىسا مەنمۇ بىرەر توچەي بىر نەرسە سىتىۋالاي دىگەن …
بۇ تاۋدىنمۇ ئىزەنچىلىك بازار ، تاۋباۋدىكى چاربازا چىلار بۇ يەردە يوق ، ھەممىسى شىركەتلەشكەن دۇكاندارلار
ئاپلا… مەن ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ بۇ تىمىنى…
مال ساتامدىكەن ياكى ئادەممۇ ؟ قارسام ھەممىسى ئادەمكەنغۇ؟