دەرس ۋاقتىدا تېلىفون سۆزلەشكەندە دىققەت قىلىڭ، بولۇپمۇ ياۋۇز مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىدە…
كۆپىنچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يانفون ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا كۆپىنچىمىز يانفونىمىزنىڭ داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە تۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كۈندىلىك ئالاقىمىزنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بەزىدە دەرس ۋاقتىدا جىددى تېلىفون كېلىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ، ناۋادا سىز ئوقۇشتىن سىرت سودا قىلمىسىڭىز ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ پورتمالى يۈتۈپ كەتمىگەنلا بولسا، ئەڭ ياخشىسى دەرس ۋاقتىدا تېلىفون بىلەن ھەپىلەشمەڭ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكىدەك ئاچچىغى يامان مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىدە تېخىمۇ شۇنداق…
بۇ سىننى كۆرۈپ بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىزگە «ئەڭ ياخشىسى مەن دەرس ئۆتكەندە سىنىپتا تېلىفونىڭنى ئېتىۋەت، ناۋادا 5000 سومدىن يۇقىرى يانفون بولسا، بىر ھەپتە بالىلارغا كۆز-كۆز قىلىپ سايرىتىۋالساڭ گېپىم يوق، ناۋادا ئۇنىڭدىن ئەرزان يانفون بولسا ئەڭ ياخشىسى يانجۇقۇڭغا مەھكەم سېلىپ دەرسىمنى ئاڭلا» دېگەن گېپى يادىمغا كېلىپ قالدى. ئىلگىرى مەنمۇ دەرس ۋاقتىدا بىر قېتىم دوستۇمدىن جىددى تېلىفون كەپ قېلىپ، بېشىمنى پارتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئاۋازىمنى شۇنداق بوش قىلىپ 5 مىنۇتتەك پاراڭلىشىپ بولۇپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، مۇئەللىم يېنىمغا كېلىپلا قاراپ تۇرۇپتىكەن. بىر دەم قارىۋېتىپ: «شۇنداق قىلىپ كەچتە نەدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق؟» دېگەنتى، سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. بەلكىم ئولتۇرغانلارنىڭمۇ بېشىدىن بۇنداق كەچۈرمىشلەر ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، قېنى بىرگە قىسقىچە ئەسلەپ باقمامدۇق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېلىفون، دەرس، مۇئەللىم، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/teacher-angry.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقسىز ۋىرۇسخورلار يەنە بار – ESET NOD32 ۋىرۇسخورى يەنە 90 كۈنلۈك ھەقسىز تەمىنلەندى!
- كېيىنكى يازما > WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە
- NOKIA نىڭ يېڭى يانفونى قانداقراقتۇ؟ بىر تورداشنىڭ Nokia Lumia 800 نى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقايلى
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- غوجىئاكاڭ ناۋادا مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالسا، تۈزۈم دېگەننى قايتىدىن بېكىتىپ چىقمىسام ھېساب ئەمەس!
- ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، دەرغەزەپكە كېلىش، كۈلۈشىنى ياكى يىغلاشنى بىلمەسلىكنىڭ قانداق پەرقلىرى بار؟
- يانفوندا تارتقان سۈرەتتىكى ئارتۇق ئېلىمېنتلارنى خالىغانچە ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجايىپ سىرلىق تېخنىكا!
- A5 تىپلىق iDevice لارنى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش – iPhone 4S/iPad2 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
- Cut The Rope ئارغامچا كېسىش – iPhone/Android تىكى بەش يۇلتۇزلۇق تەۋسىيە ئويۇن(HTML5 نۇسخىسى)

يا پىر، مەنمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى مەرگەنگە ھەيران قالدىم…
مەخسۇس مەشىق قىلغان گۇيمۇ نېمە ئۇ…
بىزنىڭ يېزىنىڭ شاڭجىڭ كۈرۈپ قالمىغىيدى!!!يىغىندا….
مىنىڭ تىلفۇنۇممۇ مۇئەللىمنىڭ قولىدا قۇربان بولغان، سىنىپتا ئېغىر پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام تارتىۋالغانىدى. شۇ ئېلىۋالغانچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مىنى ئىزدە دەپ سوقۇپ كەتتى.
ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۆتە ساپاسىزكەنغۇ ؟
بۇغۇ ئالى مەكتەپتە يۈزبەرگەن ئىشلارئىكەن ، تولۇقسىزيىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يانفۇن ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى ،دەرس ۋاقتىدا ،بولۇپمۇ ئۆزىنى قىزىقتۇرالمىغان دەرسلەردە .مەن ئىلمىي بۆلۈمگە چىققاندىن بىرى بىرقانچەئايال ئوقۇتقۇچى مۇسادىرە تېلېفۇن ئېلىپ كىردى ،كۆزلىرى ياش ھالدا ..سۇرۇشتۇرسەم ساپلا ئائىلىسىدىكى چوڭلارنىڭ تېلېفۇنلىرى ئىكەن ..
بىزنىڭ سىنىپتىمۇ مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسى بولغان دەك قىلغان بۇرۇن …
چوڭ سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتساق مۇئەللىمنىڭ تېلفۇنى سايراپ كەتكەنتى، مەنمۇ ئۇلاپلا تېلغۇننىڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ چىقىرىپ قويغىنىم ئىسىمدە … ھى ھى ھى
مۇختەر مالىمما ؟
ھا ھا ھا! نەق ئۆزى!
ئەڭ ياخشىسى دەرىس ۋاختىدا جىم ئۇلتۇرۇپ دەرىس ئاڭلىغان ياخشى
ئۇقۇغۇچى بۇلسڭىز دەرىستىنمۇ مۇھىم نىمە ئىشىڭىز بار سىزنىڭ
…گەپلىرىڭىز تولىمۇ قىززىق-ھە سىزنىڭ ؟!
ئەڭ يامىنى ھەربى قىسىمدا يانغۇن ئويناۋىتىپ تۇتۇلۇپ قاغانلار …