نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

كلاسسىك 3D مۇشتلىشىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى – Tekken

كلاسسىك 3D مۇشتلىشىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى - Tekken

Tekken – خەنچە نامى 铁拳 دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن بەلكىم 80 -يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ھېچقايسىغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا مۇشۇ ئويۇننى ئويناپلا چىقىپتىكەنمەن، بۈگۈن دېسكا سومكامنى رەتلەۋېتىپ، ئەينى چاغدا 10 سومغا سېتىۋالغان 600MB سىغىمدىكى تۆمۈر مۇشت ئويۇنىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇنى Windows 98 دىن باشقا سېستىمىدا ئوينىغىلى بولمايتى، تور ئارىلاش ئارقىلىق ئەسلى ئويۇننىڭ بىر قىسىم ئارتۇق كۆرۈنۈشلەر چىقىرىۋېتىلگەن 20MB لىق نۇسخىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بۇ يەردە بىر نۇسخا قالدۇرۇپ قوياي…

كىچىك چاغلىرىمدا مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ ئويۇنچۇقخانىغا كۈندە بېرىۋالاتتىم، پەقەت ئىككىلا ئويۇنچۇقتا بۇ ئويۇن ئورنىتىقلىق ئىدى، ئويناش ئۈچۈن سائەتلەپ ئۆچىرەت تۇراتتۇق، ماڭا ئەمدىلا نۆۋەت كەلگەندە بولسا، دادام كېلىپ قۇلىقىمدىن تۇتۇپلا ئەچىقىپ كېتەتتى، كېيىن ئويۇنچۇقخانىنىڭ خوجايىنىمۇ دادامنى تونۇپ كېتىپ، دادامنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆرسىلا، خەيزى، نى لاۋبا لەيلې، كۇەي پاۋلا دەيتى، بەدەر قاچاتتىم، تەلىيمگە ئارقا ئىشى بوپ قالغىنى…

ئويلاپ باقسام بۇ ئويۇنغا تا ھازىرغىچە مېھرىم بار ئىكەن، شۇ چاغدىكى ئويناش تۇيغۇم ۋە قولۇم تا ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى كېلىدىكەن(بىر قىسىم گۇمپلارنى چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا). ئۆزۈمگە تەمەننا قويغىنىم ئەمەس، ئەگەر ھەقىقى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانىدىكى شارائىت ۋە مەن تونۇش شۇ كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرىلىشى ھازىر قىلىنسا، خېلى خېلى ئادەمنى يېڭىۋېتىشىم بار. پو ئېتىۋاتىسىز؟ ھا ھا، پۇرسەت بولسا كۇنۇپكا تاختىسىدا بولسىمۇ تۇتۇشۇپ باقارمىز، قېنى ئەمىسە ئىشتەي ساقلاپ تۇرغانلار مەرھەمەت.

ئەسكەرتىش: چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگىنى Tekken ئۈچىنچى ئەۋلاد، توردا يەنە 2-ئەۋلادنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ، بىراق بۇ يەردە تەمىنلەپ يۈرمىدىم. بۇ كومپيۇتېردا ئوينايدىغان نەشىرى بولۇپ، سىغىمى ئارانلا 20 نەچچە MB كېلىدۇ.

ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئەسلىدىنلا PC نەشىرىدىكى ئويۇن بولمىغاچقا، بۇنىڭغا بىردانە تەقلىدى مۇھىت قوشۇۋېتىلگەن، بۇ مۇھىتنى قوزغىتىپ تۇرۇپ، 文件 تىزىملىكىدىن 运行ISO نى تاللاپ، ئاندىن roms نى قوش چېكىپ ئېچىپ، 铁拳3精简版 نى قوش چېكىۋەتسەكلا بولدى، 15 سكونت ئەتراپىدا ساقلىغاندىن كېيىن نورمال ئويناشقا بولىدۇ، باشقا تەڭشەش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكى ئاشۇ ئادرېستا بار، بىرمۇ-بىرمۇ تەرجىمە قىلىپ يۈرمىدىم، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Tekken ئويۇنىنى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com | تەقلىدكۈچنى تەڭشەش | زاپاس چۈشۈرۈش مەنزىلى

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 20 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. uyghurbeg : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاقتىڭىز بولسا، ئاۋۇ 97 دا بىر تۇتۇشۇپ باقساق… :cool:

    • torhumar :

      پۇرسەت بولسا چوقۇم تۇتىشىمىز~

    • مۇڭلان :

      كېيىنكى كۈنلەردە تۇتىشىپ باقساق بولغۇدەك .

  2. مۇشاۋىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار 97 نى ياخشى بىلمەيدۇ..ئەمما يازمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئويۇندا پەيزى بار.

    • torhumar :

      دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ! :evil:

  3. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈمۈر مۇشىت ئۇيۇنىدا تۇتۇشدىغانلار بولسا…

  4. بىلىميار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ مەندە PC دا ئوينايدىغان 700M ئەتىراپىدىكى نۇسخىسى بار ،شۇ ۋاقىتتا قىزىل بايراقتىن ئاتايىتەن ئىزدەپ تاپالماي مەنمۇ قوشنا ياتاقتىكى قىرىنداش مىلەتتىن 50 سومغا سىتىۋالغان ئىدىم .تىخى قىزىل بايراقتىن ئاتايەن USB غا چاتىدىغان باشقۇرغۇچ قولدىن ئىككىنىمۇ ئەكىلىپ دەرسكىمۇ چىقماي ھەپتە ھەپتىلەپ ئويناپ كەتكەنلىرىمىز .ساراڭدەك ئوينايتتۇقدە .ئەڭ يامان يىرى دائىرىلىك تور بولسۇن ياكى ئىتېرنىت تورى بولسۇن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولماييتتى

    • torhumar :

      يۇقارقى نەشىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ دېيىلىپتۇ ۋە قالدۇرغان مەنزىلدە تەڭشەش ئۇسۇلى بار ئىكەن، سىناقتىن ئۆتۈپ قالسا ھەممەيلەن بىرەر قېتىمدىن تۇتىشىپ باقارمىز :lol:

  5. lucky : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىرمۇ دوستۇم بىلەن Tekken2 نى ئويناپ تۇرىمەن.
    دائىم يېڭىۋېلىپ جىلە قىلىمەن ئۇنى، ھا ھا ھا…
    نېمىشقىكىن مۇشۇ ئىككىنچى ئەۋلاد نۇسقىسىغا ئامراق.
    3-نۇسقىسىنى ئانچە ياخشى كۆرمىدىم. (شەخسىي كۆز قاراش)

  6. قادىخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئوياننى راس بى ئە كىشىنىڭ ئويۇنىدەك ئويان دېگىلى بولىدۇ جۇما، بىرگە بىر سېلىشىمز، ئا باشقىلىرىدەك قوشۇن باشلاپ چىقىدىغان، قىيا چىيا ئاۋازى يوق، رېئاللىققا خېلى يېقىن، قالايمىقان، رېئاللىقتا يوق گۇمپىلار بىلەن بېزەلمىگەن، ئادەملىرىمۇ خېلى دانلىق چىقىدۇ، باشقا ئويۇنلاردەك قۇرۇت قوڭغۇز، ئىت مۈشۈكلەر بىلەن مۇشلىشىپ يۈرمەيمىز،
    ئاندا بوسا مەن قادىخاندىن ھە قاسىلىرىغا جەڭنامە كەتتى، ئەكەكلەر ئۆزىنى ئەكەك چاغلىغان توخۇمارلار شاش تۇرۇشالا جۇما… ھا.ھا… :lol:

    • ئۇيغۇربەگ :

      مانا،تور خۇمارلار دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق ھازىرلاندى!…

  7. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەمىنە فەقىرمۇ بوش ئەمەس، ئالدىنقى قېتىم ئويۇنچۇقخانىغا بارغاندا ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇتقانلارغا مۇكاپات بىرىلىدۇ ..دەپ يىزىقلىقكەن، بىر قېتىم ئۇتۇپ قويسام، كىيىن كەلگەندە بەش قېتىمغا ئۆزگەرتىپ قويۇشۇپتۇ چىدىماسلار…

  8. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى ئويۇننىڭ نوچىسى جىما … مۇش شاھى (拳皇(دېگەندەك ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ باققان ، يەنە بۇنىڭغا يەتمەيدۇ . بۇنىڭ 5-سى چىقىپتۇ دەۋاتقان ، قانداق بولدىكىن … كىنوسىمۇ ئىشلىنىپتۇ بۇنىڭ

  9. خالىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزمۇ خېلى ئويناپ قوياتتۇق بۇ ئويۇننى ھى ھى ھى :cool:

  10. Rain : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تىمىنى كىم يۇللىغان مەن چۇشۇردۇم ئەمما ئوينىيالمىدىم!!!ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار QQ+516040366

  11. تاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قاچىلىغان ئىدىم ئەمما قوزىغىتالمىدىم

  12. تاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ ئۇيۇنى قاچىلغان ئىدىم بىراق زادىلا قوزغۇتالمىدىم ياردەم قىلساڭلار چچ 1791664737

  13. سوگەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ باشلانغۇچتا باللار بىلەن دەرىسكە كىرمەي ئويناپ كىتەتتۇق دىشا قويۋەتتى دەپ . ئەسلىتىپ قويدىڭىز..

  14. شەيتان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3D,ئويۇن
    كىنو كۆرگەندە چوقۇم يۈرەك كىسلى بار كشلەر ئامال قىلپ 3Dكىنو كۆرمەسلكى كىرەك،مەنمۇ سەندى كىنو كۆردىغان كۆزئەينەك ئالغانتىم تۇنجى قىتم قورقۇنۇشلۇق فىلىم كۆرۈپ ئۈزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم ،شۇڭا دىققەت قىلشڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن دەپ پىكر قاتناشتۇرغۇچى: ئاقتۇتورى(شەيتان)

  15. ئەرۋاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت مەنمۇ چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە :mrgreen:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)