ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ناۋادا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…
مەزكۇر سىننى ھەپتە ئالدىدا توردا ئۇچراتقان ئىدىم، قارىسام بۇ سىن ھەققىدىكى تالاشمىلار تا ھازىرغىچە تۈگىمەيۋېتىپتۇ. بەزىلەر بۇنى راستكەن دەيدۇ، بەزىلەر يالغان دەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ سوتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنمىش. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر سىن بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، ناۋا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، سىن، فىلىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/the-girl-dead.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەقلىفوندىكى ئەڭ ئېسىل توركۆرگۈ – Opera Mobile 10(يانفوندا ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرۈش)
- كېيىنكى يازما > ناۋادا ۋاقىت ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستىلىتىلسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- بىر ناخشا 11 كىنو – ھوللىيۋدچە ئۇسلۇبتا كىرىشتۈرۈلگەن ۋەشھەت كىنو كۆرۈنۈشلىرى! كىم كىرىشتۈرگەن MV دۇ بۇ؟!
- ئېغىرلىقىنى يوقىتىش – دۇنيا بويىچە ئەڭ يېنىك مۇزىكا! ماشىنا ھەيدىگەندە ئاڭلاشتىن ساقلىنىڭ…
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- ئىمكانسىز ۋەزىپە4: ئەرۋاھ ھەرىكىتى(Mission: Impossible – Ghost Protocol) نى توردا كۆرۈش
- كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)

چۇقۇم يالغان ئادەمنى كىچىك ماشنا سوقسا كۆپۈنچە ئەھۋالدا چاقنىڭ ئاستىغا ئەمەس ئالدى تەرەپكە قاتتىق قاڭقىتىپ ئۇچۇرۋىتىدۇ..
سىز كىنولاردىكى كۆرۈنۈشكە ئاساسەن بۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ!
120 توغرا دەيدۇ، سىزمۇ كۆپىنچە دېگەن گەپنى قوشۇپ قويۇپسىز، دېمەك يەنە ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا يۇقارقىدەك ھادىسە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار.
مەنمۇ كۆرگەنىدىم ….
توۋا…. راستەك قىلىدۇ ….
مەنچە بۇ راست بولغان ۋەقە ئىكەن!
ھېچقانداق ساختىلىق يوق، سىننىڭ مەزمۇنى ۋە ئاۋازلىرى تەبىئىي.
مىنىڭچىمۇ چۇقۇم راسىتكەن. ھىچ بىر ساختىدەك قىلمايدۇ
ئەگەر ساختا بولغان بولسا، سىن ئۈزۈلۈپ چىقاتتى.يەنى بىردەم ئوڭ تەرەپتىن، بىردەم سۆل تەرەپتىن، بىردەم يېقىن، بىردەم يىراق ھالەتتە چىقاتتى. كىنولارنى كۆرسىڭىز ساپلا ئۈزۈك كۆرۈنۈش ھالەتتە. ئارتىسلار ئىگىزدىن سەكرىسىمۇ، ئىگىز يەردىكى سەكرەشكە تەمشىلگەن ھالەتتىن كېيىنلا، كۆرىنىش يەرگە توككىدە چۈشكەن ھالىتى كۆرىنىدۇ، ئارىلىقتىكى بوشلۇقتا ئۈچۈپ چۈشكەن ھالىتى كۆرسىتىلمەيدۇ. تاماشىبىنلا ئارتىسنى راستىنلا ئىگىز يەردىن سەكرەپ چۈشتىمىكىن دەپلا گۇمان قىلىپ قالىدۇ، خالاس.
بۇ سىننى كۆرسىڭىز باشتىن ئاخىر ئۈزۈك يېرى يوق. بۇنداق ئۇدا كۆرۈنىدىغان فىلىمنى ياسىماقمۇ بەك تەس. ياسىغان تەغدىردىمۇ يەنىلا چېنىپ قالىدۇ.
سۈرەت تەھرىرلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا راسكەن، مەنمۇ بىر كەسپى فىلىم ئىشلىگۈچى، سۈرەتمۇ ئۈزمەي ئىلىنپتۇ… بۇنداق كىرىشتۈرۈش تىخى قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر ئىش…
خەنزۇچە بەتتىكى بىرى مۇنداق مۇلاھىزە قىپتۇ:
ئۇ قىز ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن،ھېلىقى سۆرەتكە ئېلىپ تۇرغىنى سۆرەت ئېلىشنى توختاتمىغان.نورمال ئەھۋال ئاستىدا،بۇنداق ۋەقەگە ئۇچرىغانلا ھامان كىشى سۆرەتكە ئېلىشنى توختىتىپ،قىزنى بېرىپ قۇتقۇزىشى كېرەك ئىدى.يەنە بىرگەپ،قىزنىڭ يېقىلغان چاغدىكى يۆنىلىشى ئۇدۇل بولۇپ،ماشىنا توختىغاندىن كىيىن توغرىسىغا بولۇپ قالغان،ئۇنىڭدىن باشقا،ماشىنا توختىتىلغان ئارىلىقمۇ ئاران بىر مېتىر،بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ئۇ توربەتلەردە يالغان دىگۈچىلەر كۆپكەن،لىكىن مەن 120 دا ئىشلەش جەريانىدا بۇنداق ماشىنا سوقۇلۇش ھادىسىللىرىنى كۆپ كۆرگەن،ۋەقەنىڭ راست بولۇش مۇمكىنچىلىكى 85% تىن يۇقىرى!
يەنىلا كەسىپ ئەھلىنىڭ تەجرىبىسى مول جۇمۇ
http://v.youku.com/v_show/id_XMjA0NDM4NDky.html
بۇ فىلىمدە ھەقىقىي ئەھۋال باركەن باللا…
بۇ ئاشۇ سىننىڭ كېسىلمىگەن تولۇق نۇسخىسىكەن. يەنە قارىسام يەنە شۇ، ساختىلىقىنى سەزگىلى بولمىغۇدەكلا. ئاستىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. ھازىر ئېنگلىزچىنى سويىۋېتىدىغان بىرەرسى گەپنى تەرجىمە قىلىپ چىقسا، ئاندىن بىرلەشتۈرۈپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن قايتا قايتا كۆرۈش ئارقىلىق يالغان دېگەن يەكۈننى چىقادىم.
1. 4 مىنۇت 16.5 سېكىنۇتلۇق يەرگە كەلگەندە قارايدىغان بولسا بۇ قىزنىڭ بىر پۇتى يەردىن ئاللىغاچان يەردىن ئاجراپ بولان، بەدىنى بولسا ماشىنىنىڭ ئالدى ئۈستى تەرىپىگە يېتىلىپ بولغان، بۇنداق بولغاندا ئېنىقلا ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قاڭقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئېنىق.
2.قارايدىغان بولسىڭىز ماشىنىنى تورمۇزلاپ توختىشى ئىنتايىن نورمال. ئۇ قىزنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى قىسىمى ماشىنىنىڭ سرتىغا چىقىرىغلىق، ئېنىقلا چاق بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەنكەن. ئۇنداق بولغاندا ماشىنا ئازراق بولسىمۇ تەۋرىنىشى كېرەك ئىدى. مەن قاراپ تەۋرەنگەنلىكىنى بايقىيالماي قالدىم.
3. ئۇ قىزنىڭ قاچقان يۆلىنىشىمۇ خاتا. ئالدى تەرەپكە قاچسا تام بار تۇرسا ئوڭ سول تەرەپكە قاچسا تورغا بولاتتى ئەسلى.
4. ئۇنداق كىچىك كوچىدا ئامېركىلىق بىر بوۋاي ماشىنىنى ئۇنداق تېز ھەيدىشى ئەقىلگە سىغىدىغاندەك ئەمسە.
يالغان . 1.ماشىنڭ سۈرئىتى بىلەن ئۇ قىز بالا ھەر قانچە بولسمۇ ماشىنڭ ئىچگە كىرىپ كېتىپ بولالالمايدۇ. تېز سۈرئەتتە ماڭغان بولسا كاشىكى ئۇ ماشىنغا بىر نېمە دېسەك .
ھەي بالىلار . مەن قارىساممۇ ئېنىق يالغاندەك … شۇ نەق مەيداندا سىننى ئېلۋاتقان ئادەم نىمە دەپ سىننى توختاتماي ئېلىۋېرىدۇ ؟ ئۇ قىز مەنچە ئۆيگە كىرگەندە ئېنىق سىن ئېلۋاتقان ئادەمنى كۆرىشى كېرەك ،چۈنكى ئۇ قىز بالىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئالغان يېرى بار . مەيلى قانداقلا بولسۇن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار . چاقچاقتىن جاقجاق چىقىدۇ دىگەنىكەن كونىلىرىمىز .
ئىشقىلىپ راسىت بولسۇن، يالغان بولسۇن، ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار، ئېشىپ كەتكەن چاخچاقلارنى قىلمىغان ئەۋزەل