ئەسلىدە مۇنداقكەندە؟! ھوللىيۋود كىنو ئېلان-تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىرلار
ھوللىيۋود فىلىملىرىنى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلىرىمىز ئادەتتە ھەرۋاقىت ئۆزگىچە رەڭدار لايىھەلەنگەن ھوللىيۋودچە فىلىم تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، ناۋادا سىز تەپسىلىي ئەسلەپ باقسىڭىز، ھەر قېتىم يېڭى بىر فىلىم چىقماقچى بولغاندا، سىزدە بۇ تەشۋىقات رەسىمى ئىلگىرى بىر يەردە كۆرگەندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ خاتا تۇيغۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوخشاش تۈردىكى فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنى ئىشلىگەن چاغدا، قارىماققا ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك بىر خىل لوگىكىلىق پىكىر يۆنىلىشىدە لايىھەلەپ چىقىدۇ.
فىرانسىيەدىكى Christophe Courtois ئىسىملىك بىر بلوگ نۇرغۇن ھوللىيۋود فىلىملىرىنىڭ تەشۋىقات رەسىملىرىنى يىغقان ۋە تۈرلەر بويىچە سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئوخشاش تۈردىكى لايىھەلەرنى بىر-بىرىگە چاپلاپ چىقىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمىنى دائىم ئۇچرايدىغان 14 خىل لايىھە يۆنىلىشى بويىچە رەتلەپ چىققان. مەسىلەن تەبىئەت ۋە ھايۋانات تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات رەسىمى كۆك رەسىمنى ئاساس قىلسا، مۇھەببەت فىلىملىرى ئاساسەن پېرسوناژلار بىر-بىرىگە دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغان ھالىتىدە لايىھەلەنگەن، شۈبھىلىك فىلىملەر بولسا كۆز قارىچۇقىنى چوڭايتقان ھالەتتە لايىھەلەنگەن.









- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئېلان، تەسەۋۋۇر، فىلىم، فىلىم ئۇچۇرى، كىنو، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/the-secret-behind-hollywood-movie-posters.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالامەت قىزىقارلىق ئىشلەتكەن پاراۋانلىق ئېلانلىرى، ئىشىكتىن چىققاندا يەنىلا يالغۇز چىقماسلىق ئاقىلانىلىكتۇر!
- كېيىنكى يازما > تاق/قوش كىشىلىك ئويناشقا بولىدىغان، كۆرۈنمە يۈزى پۇزۇر چىققان يەنە بىر نادىر ئويۇن: گاتلىڭ پىلىموتى
- بىر ناخشا 11 كىنو – ھوللىيۋدچە ئۇسلۇبتا كىرىشتۈرۈلگەن ۋەشھەت كىنو كۆرۈنۈشلىرى! كىم كىرىشتۈرگەن MV دۇ بۇ؟!
- زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- «سىرلىق ئۆمۈچۈك پالۋان The Amazing Spider-Man» فىلىمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى
- ئۆزگەرلەر3(变形金刚) فىلىمىنىڭ ئىشلىنىش تېخنىكىسى ھەققىدە – CG دىن تۆمۈر مەخلۇقلارغىچە بولغان جەريان
- دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس كۆرۈنمە ئۈنۈمدە ئىشلەنگەن ئاخىرقى زامان تەسۋىرلەنگەن قىسقا 3D فىلىم: خارابە(Ruin)
- «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- 变形金刚 فىلىمىنىڭ ئۈنۈمىنى ھېس قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان تىپىك 3D كۆرۈنۈش، قالتىس ئىشلەپتۇ!





دىۋان…
بۈگۈن دىۋان تالىشىدىغانلار يوق ئوىشىمامدۇ؟؟
قېلىپقا سېلىپ لاھىلەيدىكەندە بۇلارمۇ
بۇ فىرانسيلىكە قول قويدۇم .
راس شۇنداقكەن ھە ،،،، مەن بايقىماپتىكەنمەن .
ئەسلىدە مۇنداقكەندە…………
مەنمۇ ئەمدى بىلدىم بۇ ئىشلارنى
ئامىرىكىلقلارمۇ بىر خالتىنىڭ ئىچىدە سەكرەيدىكەن ئەسلىدە!
ئەنگىلىيەدە ئوقۇيدىغان فىرخان ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان بالا ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش ئارقىلىق ھوللىۋود دۇنياسىنىڭ ئارقا-كۆرنۈشىنى پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلىغان ۋە 8 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە پىرامىدا،بىر كۆز،ئادەم يۈزىنىڭ يېرىم قىسىمى،rain,مۈڭگۈز قاتارلىق بەلگە،سۈرەت،ئىسىملەرنىڭ نۇرغۇنلىغان ھوللىۋود فىلىملىرىگە ئۇستىلىق بىلەن ىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى،فىلىملەرنى،ئېلان تەشۋىقاتلارنى كۆرگەن 50% كۆپ كىشىدە چۈشكۈنلۈك،ھورۇنلۇق،جىنسى ئويغىنىش،زەھەر،رەپ قاتارلىق پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى تىببى،پىسخىكا قاتارلىق كەسپى ساھەلەر بويىچە ئىسپاتلاپ چىققان.بۇ تېمىدىكى نۇرغۇنلىغان لاھىيەلەر ئەمىلىيەتتە ئۇستىلىق بىلەن شۇ خىل پىسخىكا روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن.زوراۋانلىق،جىنسىي تەرغىپ،تۇمان،كۆز قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغانىكەن،كۆرۈپ شۇ فىلىملەر ئىسىمگە كەپ قالدى.
ئۇنداق بولسا بۇنى ئالدىراپ بىرسىگە كۆرسەتمىگۈلۈككەن.
ئاشۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى بىزمۇ كۆرۈپ باقمايلىكمۇ بۇرادەر،مۇمكىن بولسا ئادرىسىنى يوللاپ قويۇڭە.