پەقەت 2M كېلىدىغان، ئېلان قوشۇلمىغان، چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان مىكرو 迅雷!
迅雷7 يېپيېڭى كۆرۈنمە يۈز ۋە ئەلالاشتۇرۇلغان ئىقتىدارلار بىلەن قوشۇلۇپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يېڭى ئەۋلاد چاقماق چۈشۈرگۈچىسىدىن ئانچە رازى بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان، شۇ سەۋەپتىن ئورگان تەرەپتىن نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەسلى 迅雷 يادروسى ئاساسىدىكى يېڭى مەھسۇلات – ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈسىنى تۈزۈپ چىقىپتۇ…
ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈچىسى پەقەت 2M كېلىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئېلان قوشۇلمىغان، سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىشى ئىنتايىن تۆۋەن، مەشغۇلات سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن راۋان بولۇپ، ئەسلىدىكى چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە قىلچىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 迅雷 نىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك P2P تور بايلىقى ۋە چۈشۈرۈش تېخنىكىسى دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىمۇ خېلى داڭلىق بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن، نۆۋەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ئاساسلىق يۈك چۈشۈرگۈ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر 迅雷 نىڭ ئارتۇقچە ئىقتىدارلىرىدىن، ئېلانلىرىدىن تولىمۇ بىزار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ يېڭى 迅雷7 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گەرچە كۆرۈنمە يۈز ۋە ئۈنۈم جەھەتتىن زور بۆسۈشلەر بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردا مەشغۇلات سۈرئىتى يەنىلا راۋان ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئىخچاملاشتۇرۇلغان 迅雷 ئىنتايىن ياخشى ئورۇنباسار بولالايدۇ.
ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈچىسى BT ۋە eMule ئۇلانمىلىرىنىمۇ چۈشۈرەلەمدۇ؟
ئىخچاملاشتۇرۇلغان 迅雷 بۇرۇنقىدەكلا HTTP ۋە FTP كېلىشىمىدىكى يۈكلەرنى نورمال چۈشۈرەلەيدۇ. ئەمما، ئومۇمى پروگراممىنى يېنىكلىتىش سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئۆلچەملىك نەشىردىكى 迅雷 بىلەن بولغان پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشى سەۋەبىدىنمىكىن، ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈسىدە، BT ۋە eMule ئۇلانمىلىرىنى چۈشۈرۈشكە بولغان قوللاش قىسقارتىۋېتىلگەن. گەرچە بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق uTorrent ۋە 电驴 يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارلارنى تامامەن تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئەلۋەتتە، ناۋادا سىزنىڭ ئادەتتە توردىن BT ياكى eMule ئۇلانمىلىرىنى كۆپ چۈشۈرۈشكە ئېھتىياجىڭىز چۈشمىسە، پەقەت ئادەتتىكى بايلىق مەنبەلىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن قانائەتلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈسى سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ!
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:
ئىخچاملاشتۇرۇلغان چاقماق چۈشۈرگۈسى | مەنبە: torhumar.com | تولۇق نەشىردىكى 迅雷7
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: BT، eMule، چاقماق، چۈشۈرگۈ، چۈشۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/thunder-mini.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەسلى ئامېرىكا ئەلباشى باراك ئوباما(Barack Obama) داڭلىق HIP-HOP ناخشىچىسى ئىكەن…
- كېيىنكى يازما > ئاغرىقچان جوبز iPad2 نى ئاخىرى ئېلان قىلدى! iPad 2 نى تارقىتىش مۇراسىمى (HDTV) نۇسخىسى
- كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)
- 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
- QQ 2012 Beta1 نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- YouTube نىڭ يىللىق چوڭ سوۋغىسى – Life In A Day(بىر كۈنلۈك ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش) 720P سىنى چۈشۈرۈش
- خىيالى دۇنيادىكى قەلئە – يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تامغا بېسىلمىغان سۈزۈك تەگرەسىملەرنى چۈشۈرىۋېلىڭ
- دۇنيا بويىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز جاي زادى قايسى؟ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغاندا زادى قانچىلىك تېزدۇ؟
- IDM – ئەمدى توردىكى ناخشا-مۇزىكا MTV كىنولارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىينىلىپ يۈرمەيسىز!
- پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە ئۈنۈم ئىشلەتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد 迅雷7.1.8.2294(ئاتەش تۈلكە 4 نى قوللايدۇ)

ۋا دىۋان ماڭا قاپتۇ سەھرالىق ئاكا ھا ھا ھا دەھشەت ئىشكەن جۇما
ھە راس ئويۇن خۇمار دوسلار مەن قەشقەر سەيتى كومپىيوتىر شەھەرچىسىدە دۇككان ئاچىمەن قەشقەرلىك تورخۇمارلار يىقىندا بىر تۈركۈم يىڭى سىستىما
قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللار كەلدى لازىم بولسا ئىزدەڭلار ،ئەگەر مەن تور خۇمارنىڭ ئەزاسى دەپ كەلسەڭلار 1 يۈەن ئەرزان سىتىلىدۇ
qq:1737813738تورغا يوللانمىغان كارامەت دىتاللار جۇمۇ
تورخۇمارنىڭ ئەزاسى دەپمۇ گەپ بامىكەن، تورخۇمارغا ئەزا بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن
ۋوي، بۇ يەردە سودا قىزىپ كېتىپتىغۇ
ھاجاجېــــــــــــــــــــــــــــــم، ماڭ قايىسا، ما تېمىدا ئى شۈنلېينىڭ گېپى بولاپتا دەپ چىسەم، ھېچنىمىدىن ھېچگەپ يوق يايمىلىرىنى يېيىۋاپلىيا؟ يا بى سىلنىڭ دۇككاندىكى ماللىنى موشۇ شۈنلېيدا چۈشۈرەمدۇق؟ ئىــــخ ئاڭ قايلاڭ، ئوغاۋا ئەكەكنىڭ
سودا تورى دەپ قاغان ئوخشىمامدۇق ما يەنى … قوپسا دەيمە قوپسا يايمىلىرىنى يۇغۇشتۇسا . يا بولمىسا پۇل تۇلىسە شاپ دەيمە …
مىنىڭ ئەسلىدىكىنى سۆرىيەلىگەندىكىن شۇنى ئىشلىتىۋىرەي …
دېمىسىمۇ، ئەسلىدىكى 迅雷تولىمۇ ئىچىمنى پۇشۇرىۋەتكەن ئىدى. كومپيۇتىرىمنىڭ يۈكى سەل ئېغىرراقمۇ- قانداق، 4-3مىنۇتتا ئاران قوزغىلىپ بولار ئىدى. بۇ ياخشى بوپتۇ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرەي ئەمىسە
باللا،ماۋۇ 风暴نىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك ئېلانى يوق قويغۇچلارنىمۇ يوللىمامسىلە؟
迅雷播放器 مۇ ئىشلىتىشكە قولايلىق ،ئىشلىتىپ كۈرۈپ بېقىڭ .
QQ نىڭ قويغۇچىمۇ خېلى بوپ قويىدىغۇ. لېكىنزە ما لەپتوپتا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدىيولارنى Windows Media Player دەك تازا ياخشى قويالمايۋاتىدۇ.
مەن ئىزچىل كورىيەنىڭ KMPlayer ىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ماڭا ئوخشاش ، كىنونى نەچچە كۈن ساقلىسىمۇ رازى بولۇپ چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان، توردا كىنو كۆرۈش بىلەن تازا چىقىشالمايدىغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.
ئەگەر خالىسىڭز بۇ قويغۇنى ئىشلىتىڭ vlc-1.1.7-win32.exe بۇ سىزنىڭ ھاجىتىڭزدىن چۇقۇم چىقالايدۇ،ھىچقانداق ئېلان يوق،كومپىيوتىردىكى ۋە توردىكى سۈرەتلىك ۋە ئاۋازلىق نەرسىلەرنى قۇيالايدۇ