نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

تورخۇمارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممەيلەندە شەكىللەنگەن 9 خىل ئادەت، سىزدە قايسىلىرى بار ئىكەن؟

مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بار ئىكەنمىش، يەنى مەلۇم تېما ياكى ماقالىدىكى بىرىنچى ئىنكاسنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ باھاسى 1-ئىنكاسنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولىدىكەن.

تۇنجى باھاغا ئەگىشىش

مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر يازمىنى ئوخشىمىغان ئورۇنغا قويغاندا، كۆپچىلىك ئوخشىمىغان نۇقتىنەرەردە تۇرۇپ بىرىنچى ئىنكاسقا باھا بېرىشىدىكەن، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ نەزىرىدە تۇنجى باھا بىر قەدەر ئورۇنلۇق ھېسابلىنىدىكەن ۋە كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ نۇقتىنەزىرى شۇ باھاغا مەركەزلىشىپ قالىدىكەن.

توختىماي ئېكراننى يېڭىلاش

كۆپىنچە تورداشلار بىر مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىش دەماللىققا يادىغا كەلمىگەندە، توختىماي ئۈستەل يۈزىنى يېڭىلايدىكەن، بەزىلەرگە ھەتتا F5 نى تەبىئىيلا بىردەم بېسىپ تۇرۇش ئادەت بولۇپ شەكىللىنىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ خىلدىكى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەشغۇلات كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىكەن. ئەمما مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ خىل مەشغۇلات Windows تىكى explore.exe ناملىق مۇلازىمەتنى توختىماي ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، CPU نىڭ ئىگىلىگەن ئورنىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋېتىدىغۇ دەيمەن.

ئورنىدىن تۇرۇپلا كومپيۇتېرنى قوزغىتىش

بۇ ئادەت تورخۇمار دوستلارغا ئورتاق سىڭگەن بىر ئادەت بولۇپ، كۆپ قىسىم تورداشلار ئىشى بولسۇن بولمىسۇن تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى كومپيۇتېرنى ئېچىپ قويۇش ۋە خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ مەشغۇلات قىلىش ئىكەن.

كومپيۇتېرنى قوزغىتىپلا QQ غا چىقىش

مەن دەيمەن، چوقۇم QQ غا ئاۋال چىقىۋېتىش كېرەكمۇ؟ يەنە كېلىپ QQ غا چىقىپلا يوشۇرۇن ھالەتتە ئولتۇرۇش…

QQ غا چىقىپلا يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈش

QQ غا يوشۇرۇن چىقىش ئاللىقاچان بىر تۈركۈم مۇشۇ خىل ئادەتكە تەۋە تور ئابونتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىرىمىز كۈندە دېگۈندەك مەيلى يانفون ياكى كومپيۇتېردا بولسۇن، QQ غا چوقۇم چىقىشقا ئادەتلەنگەن، بىراق نۇرغۇن تورداشلار يەنىلا QQ غا چىققاندىن كېيىن ياكى چىقىشتىن بۇرۇنلا يوشۇرۇن چىقىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.

تورغا چىقىپلا torhumar.com نى بىر ئېچىپ يېڭى يازما بارمۇ يوق قاراپ بېقىش

بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار….

بىرەر نەرسە ئېسىگە كەلگەندە ياكى ئىزدىمەكچى بولغاندا بىۋاستىلا Google ياكى 百度 نى ئېچىش

ھازىر بىرەر نەرسە ئېسىمىزگە كەلمىگەندە ياكى ئۆزىمىزگە لازىملىق بىرەر نەرسە ئىزدىمەكچى بولغاندا، ئۇدۇللا Google ياكى 百度 نى ئېچىپ ئىزدەش ئاللىقاچان تورغا چىقىشتىكى بىر زۆرۈر ئادەت ھېسابلىنىپ قالدى. چۈنكى بۇ ئىككىيلەن ئەيتاۋۇر سىز ئىزدىگەن نەرسىنىڭ ھەننىۋاسىنى تېپىپ بېرەلەيدۇ…

تورغا چىققاندا، بولۇپمۇ تورخۇمارغا كىرگەندە سول تەرەپتىكى تورخۇمارلار توپلىشىپ قالغان جايلاردىكى يازمىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش

كۆپىنچىمىز تورغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى، بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان، كۆپ كۆرۈلگەن، كۆپ ئىنكاس چۈشكەن مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ئالاھىدە خۇشتار. بەزىلەر گەرچە بۇنداق ئادىتى بولمىسىمۇ، تەبىئىيلا بۇ خىلدىكى تەبىقىگە مەنسۇپ بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى تورداشلار تەرىپىدىن بايقالغان بايلىقلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە زور!

تورغا چىققاندا كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىدىكى مەشغۇلاتلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش

كېچىلەپ كىنو-فىلىم كۆرۈش، ئويۇن ئويناش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش….بۇ كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە، كېچىدىلا ئەمەس، مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار كۈندۈزىمۇ ئىچى پۇشىقىنى چىقىرىش ۋە ياكى رېئال تۇرمۇشتىكى بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن تورغا غەرق بولۇپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىنولارنى كۆرىدۇ، ئويۇنلارنى ئوينايدۇ ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن سىردىشىدۇ…بۇ ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالغا ئايلاندىغۇ دەيمەن؟

قېنى ئولتۇرغان كۆپچىلىكتە بۇ ئادەتلەردىن قايسىلىرى باركىن؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. 284كىنو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا چىقىپ يېڭى تېمىلار بولمىسا كومپيوتېرنى چىقىش :mrgreen: مەندە مۇشۇنداق بىر ئادەت پەيدا بولۇپ قالدى دىسە :mrgreen:

  2. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، يۈزۈمنى يۇيماي تۇرۇپلا تورخۇمارنى ئاچىمەن :mrgreen:

    • ۋېرۇس :

      سەرالىقلار تورخۇمارغا قاچا-قۇچىدا چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ :evil:

  3. تورچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇنجى باھاغا ئەگىشىش،كومپيۇتېرنى قوزغىتىپلا QQ غا چىقىش،تورغا چىقىپلا torhumar.com نى بىر ئېچىپ يېڭى يازما بارمۇ يوق قاراپ بېقىش مۇشۇلار باركەن مەندە!

  4. كومپاس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كومپيۇتېرنى ئېچىپ ئاۋال چ چ ئاچىمەن ، ئاندىن ئوت تۈلكىنى قوزغىتىمەن .
    خەۋەر تور بەتلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن «دابىلىيۇ دابىلىيۇ دابىلىيۇ چىكىت تورخۇمار چىكىن كوم » نى بېسىپ يېڭى يازمىلار بارمۇ يوق شۇنىڭغا قارايمەن …. :grin:
    ئۇنىڭدىن كىيىن ئاستا PS نى قوزغىتىپ ئۆز ئىشىمغا كىرىشىپ كېتىمەن . :mrgreen:

  5. مېستر01 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي .مەن بايا كومپيۇتېرنى ئېچىپلا تورخۇمارنى چەكسەم ئېچلماي باشقا تورغا ئۇلونۇپ قىل قالدىم .بولقا بىلەن بىرنى سالغىلى.. :twisted: :lol:

  6. رادىئو ھەۋەسكارى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازمىنى ئوقۇپ بولۇپلا قاچىدىغان ئادەت چالا قالدىمۇ نېمە ؟؟ :mrgreen:

  7. ئىدىقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادىتىمىز «رادىئو ھەۋەسكارى»نىڭ بىلەن ئوخشاشكەن.

  8. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي تورخۇمار ئەپەندى …سىزنىڭ بىكىتىڭىزغا كەگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى كۇرۇپ تۇرامسىز نىمە … چاتاقمۇنىمە سىزنىڭ بىكىتىڭىزگە چىقساق :mrgreen:

  9. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ‹‹تۇنجى ئىنكاسقا ئەگىشىش››دىن باشقا ئىشنىڭ ھەممىسى باركەن :lol:

  10. تەنخا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :grin: تورخۇمار بولمىسا بولمايدىغاندەك بوپقالدى دىسە ئادەم.
    سەۋەپ .مەزمۇن يىڭلىنىشى تىز ،يەنە قىسمەت تور خاتىر سىمۇ با بالىلار :mrgreen:

  11. نۇرلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە بىرىنچى، ئىككىنچى ، تۆتىنچى ئادەتتىن باشقىسى باركەن. يەنە ئالدىراشراق بولغاچقا يازمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يېزىشقا ۋاقىت ئاجىرىتالمايدىغان ئادەت بار. بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا بىرناخشىنى ئېچىپ قويسام 3-4 سائەت شۇ بىر ناخشا ئۆزەممۇ سەزمەيمەن. يەنە ئالدىراشچىىلىقتا چ چ نى ئېچىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن. تېلېفۇندىن ،چ چ دىن مەندەك بىزار ئادەم بولمىسا كېرەك. شۇڭا تېلېفۇنمۇ ئىشلەتمەيمەن، چ چ نىمۇ جىددى ئىش بولمىسا ئاچمايمەن.

  12. نۆل & بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ‹تورخۇمار›نى ئۇچىراتقاندىن كېيىن،ئېنگىلىزچە تورلاردىن ئۇيغۇرچە تورلارگە كۆچتۈم .ھەم ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىڭ تىخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم…

  13. ...كەپسىز شۇم... : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى باركەن…. زادى موللا تاپقاق ئېدېمكەن بۇ““ :cool:

  14. كۈسەن ساداسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە ئەڭ ئاخىرقىسىدىن باشقا ھەممسى تېپىلىدىكەن . شۇنىسى مەنمۇ قاچقاقلىق ئادىىتىمنى تۈزىتەلمەيۋاتىمەن .

  15. زىـيارەتچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە پەقەت بىر قانچىسى باركەن

  16. زىـيارەتچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي!مەن بىر مەزگىل يوقاپ كەتسەم تورخۇماردىن قوغلىنىپتىمەن دىسە :twisted:

  17. زىـيارەتچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تورخۇماردىن ئازراق رەنجىپ قالدىم :twisted:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)