نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

ئامېرىكىلىق نامرات ئەر كېسىلىنى داۋالىتىشقا پۇل بولمىغاچ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ داۋالانماقچى بولغان

ئامېرىكا شىمالى كارولىنا شىتاتى ۋېستون ناھىيىسىدىكى 59 ياشلىق بىر ئەر ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئامال تېپىش ئۈچۈن، بانكىغا بېرىپ بىر ئامېرىكا دوللىرى بۇلىغان ۋە ساقچىلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يەتكەن، يەنى بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى، ئۇ بىر دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ كېسىلىنى كۆرسىتەلەيدىكەن.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جامىس رىچارد بولۇپ، ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بېرىشتىن بۇرۇن 17 يىل كوكا-كولا توشىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، جامېس يۈك ئاپتوموبېلى ھەيدىگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان، ئەڭ ئاخىرى ئامالسىز يەنە بىر كىچىك دۇكاندىن ۋاقىتلىق خىزمەت تاپقان. ئەمما بۇ چاغدا جامىسنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقا باشلىغان، ھەر قېتىم بېلىنى ئەگكەندە ياكى بىر نەرسە يۆتكىگەندە، بەل قىسمى قاتتىق ئاغرىپ بىئارام بولۇشقا باشلىغان، سول پۇتى ئىششىپ، ماڭغاندا ئاقساپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن سىرت جامىسنىڭ قول بېغىشى بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، كۆكرەك بوشلۇقىدىمۇ ئىششىق بار ئىكەن.

بۇ كېسەللەر جامىسنى ئازاپلاشقا باشلىغان، بىراق ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز چېكىدىن ئاشقان بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە، جامىس ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن مۇنچىغا چۈشۈپ، كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ، رەتلىك ياسانغان. ئاندىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىر دانە كونۋېرت سېلىۋەتكەن. خەتنىڭ مەزمۇنىدا: «سىلەر بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىڭلاردا، مەن ئاللىقاچان بانكا بۇلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە قامالغان بولىمەن، مېنىڭ پىسخىكام ئىنتايىن نورمال، بىراق سالامەتلىكىم ئىنتايىن ناچار» دېيىلگەن بولۇپ، خەت قايتۇرۇش ئادرېسىغا جاستىن تۈرمىسى دەپ يېزىغلىق ئىدى.

كەينىدىن، جامېس بىر دانە تاكسىغا ئولتۇرۇپ بانكىغا كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ «بىر ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلىش خېتى»نى بانكا خادىمىغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلار كەلگۈچە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھېلىقى بانكا خادىمى قورقۇنچتىن ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن، جامىس بولسا، ئۆز ئارزۇيى بويىچە تۈرمىگە كىرگەن.

بۇلاڭچىلىق قىلىش سوممىسى پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى بولغاچقا، جامىسغا بانكا بۇلاش جىنايىتى بېكىتمەي، ئوغرىلىق جىنايىتى بېكىتىلگەن. بىراق جامىس بۇنىڭغا قوشۇلماي، ناۋادا جىنايى جازا ئېغىرلىتىلمىسا، ئۆزىنىڭ داۋاملىق جىنايەت سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جامىس تۈرمىدە بىر قانچە سېستىرا بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بۇ ھەپتە ئاخىرىدا مەخسۇس دوختۇرغا كېسىلىنى كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئومۇرتقا قىسمى ۋە قولىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى، ئۆپكىسىدىكى ئىششىقنى ياندۇرۇشنى خالايدىكەن. ئۇ تۈرمىدە بىر قانچە يىل تۇرۇشنى پلان قىلغان، تاكى پاراۋانلىققا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن دېڭىز بويىچە كۆچۈپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگۈسى بار ئىكەن. جامىسنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتا سېستىمىسى خەلققە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بولسا، ئۇنىڭمۇ بۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىشىنىڭ ئورنى يوق ئىكەن. جامېس دەيدۇ: بانكا بۇلاش ئەڭ ناچار ئەھۋالدىكى ئەڭ ياخشى تەدبىر، مەن ئۆزۈم بانكا بۇلاشنى تاللىغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 13 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، قېنى تۆرگە :mrgreen:

    • Forever :

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەركەتۇ ۋەلھىدايەت ۋەلمەغفىرەت … قېنى ئاۋال ياشقا چوڭلاردىن كەلسۇن :evil:

  2. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تازا ئوبدان پايدىلىنىپتۇ-ھە! :grin:

  3. روھچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇيەردىمۇ ئاقامۇ بۇنداق تەدبىر قارىماققا خېلى ئەقىلغە مۇۋاپىق پىلان بۇلۇپتۇ

  4. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەردە ئاخمايدۇ بۇ … يېقىندا تۈرمىدىن چىققان بىر دوستۇمنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ئاغىرىپ قالسا ، ھەرقانداق ئاغىرىققا بېرىدىغان بىر تاللا كۆك دارىسى باركەن . بېشى ئاغىرسىمۇ شۇنى بېرىدىكەن بېلى ئاغىرسىمۇ شۇنى بېرىدىكەن . دوختۇرغا ئاپىرىشقا توغىرا كەلسە چوقۇم بىر پۇتىڭىز گۆرگە ساڭگىلىشى كېرەككەن.

    • Forever :

      ئەمسە بۇ يەردە ئاغرىپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن ! :sad:

    • ئۇيغۇربەگ :

      پۇلىنى ئۆزى چىقىرىدىغاندۇ تېخى؟؟ :twisted:

  5. ئەلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر تىخى تۈرمىلەردە ئاغرىپ قىلىشقا روخسەت يوقمىشلەر ئاغرىپ قىلىپ ئىشقا چىقمىسا نۇمۇر تارتىدىكەن، بۇ نۇمۇر تارتىلسا كەچۈرۈم ئالالمايدىكەن، مانا مۇشۇنى دەستەك قىلىپ،،،،،،،،،، ھەي………

  6. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇيەر ≠ ئۇ يەر :evil:

  7. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەردە ‹ئادەم ئاساس قىلىنىدۇ› با ئەمەسمۇ؟؟؟ :!: شۇڭا ئۆلسىمۇ كارى يوق

  8. ئاقتۇرۇك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەر ئافرىقىدىن سەل ياخشىراق شۇ :grin:

  9. ياسىنجان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان ھۇنەمۇنىمە :lol: (چاخچاق)






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)