نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تور بايلىقلىرى > يازما مەزمۇنى

بىر كۇنۇپكا بىلەن Ubuntu نى Windows 7 گە ئايلاندۇرىۋېتىش…

بىر كۇنۇپكا بىلەن Ubuntu نى Windows 7 گە ئايلاندۇرىۋېتىش...

ھەقسىز نەشىردىكى سېستىمىلارنى ئىشلىتىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بۇيان، ئارىمىزدا خېلى كۆپ تورداشلار Ubuntu غا ئوخشاش ھەقسىز مەشغۇلات سېستىمىلىرىغا كۆچۈۋاتىدۇ ۋە سىناپ ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى كۆپ. كۆپ قىسىم ساندىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى شۇ بولدىكى، تونۇش بولغان Windows كۆرۈنمە يۈزىگە ئادەتلىنىپ قالغان تورداشلار، Ubuntu نىڭ يېڭىچە كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئادىتىگە ئانچە ماسلىشالمايۋاتقاندەك قىلىدۇ، ناۋادا Ubuntu نى Windows 7 گە ئوخشاش كۆرۈنمە يۈزدە ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولسا، تېخىمۇ پەيزى بولاتتىدە؟

W7 Theme بولسا دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرىغان Ubuntu سېستىما تېرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، پەقەت بىر قوليازما ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساقلا، Ubuntu شۇ ھامان Windows 7 ھالىتىگە ئۆزگىرەيدۇ…

تۈر بېتىنىڭ ئادرېسى: http://ubuntu.sun.ac.za/index.php?title=W7_Theme

قاچىلاش ئۇسۇلى:
wget http://web.lib.sun.ac.za/ubuntu/files/help/theme/gnome/win7-setup.sh
chmod +x win7-setup.sh
./win7-setup.sh

يۇقارقى تۈر بېتى ئىچىدە يەنە FireFox نى IE8 ھالىتىگە كىرگۈزىدىغان باشقا ئۇسۇللارمۇ باردەك قىلىدۇ، قىزىقىدىغان تورداشلار سىناپ كۆرۈپ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا تەجرىبەڭلەرنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىشقا چاقىرىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    windows تىن قېچىپ يانا windows قا تۇتىلىدىغان ئىش كەندە بۇ…

  2. سەيياھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Ubuntu سېستىمىسى ھەققىدە ياخشىراق چۈشەنچە بىرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن . بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمىز ناھايىتى كەمچىل .

    • torhumar :

      ubuntu توغرىسىدا بىلىك ۋە UKIJ دا نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار، شۇ يەردىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ

  3. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    wn7نىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم تېخى!!!

    • مامكاپ :

      بۇنى مەن سىناپ باققان ھەقىقەتەن سۈزۈك ھەم چىرايلىق ، بىراق كۆنەلمەي كونا مەھەللەمگە كىلىۋالغان ئىدىم

  4. مامكاپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ubuntu نى ئىشلىتىۋاتقانلار بارمۇ ؟ مىنىڭمۇ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ

  5. تۇغلۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كۆچۋالغىلى بىرھەپتە بوپقالدى.
    بۇ سىستىما بەك ياخشى ئىكەن. win7 قاچىلاپ ئىشلىتەي دىسەم كومپىيوتىرىم بىلەن تازا ماسلىشالمىغانتى.ubuntu بىلەن ياخشى ماسلىشۋاتىدۇ. كۆرۈنۈش بىخەرتەرلىك تىزلىك ھەممىسى بولدىكەن .
    مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن. كۆپىچىلىك بىر سىناپ باقمامسىلە.
    win7 بولامدۇ xp بولامدۇ تەڭ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولدىكەن

  6. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەنمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن،بىرمەزگىل سىنكارتامدىن مەسىلە كۆرۈنگەندە Ubuntuنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم،ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىنىمدە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەي ھەمدە تەرجىمىسى ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈنگەچ،يەنىلا ئىنگىلىزچىسىنى ئىشلىتىۋەردىم.ماڭا ھەممىدىن ياققان يىرى،كۆرۈنمە يۈزى بولدى،ئەلۋەتتە ۋېندوۋسغا كۆنۈپ قالغاچقا،بىرمەزگىل تەمتىرەپ يۈرۈپ،ئاخىرى يەنىلا XP دەۋرىگە يېنىپ كەپتىمەن :neutral:

  7. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇبۇنتۇرۇم «ۋىندوۋس» بۇلۇپ كەتتا راستىنلا

  8. سۈبھى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن،ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم…






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)