نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

UDiskMonitor – بارماقدېسكا(U盘) ئىچىدىكى ماتېرىياللار بەزىدە مۇشۇنداق ئوغرىلىنىدۇ

بەزىدە مۇئەللىملەر بارماقدېسكا ئىچىگە خېلى مۇھىم نەرسىلەرنى ساقلاپ يۈرۈيدۇ، نېمىلىكىنى دېمىسەممۇ، ئولتۇرغان ئەقىللىق ساۋاقداشلار ھېس قىلىپ بولدىغۇ دەيمەن. بىزگە لازىملىق نەرسە مۇئەللىمدە بار، بىراق مۇئەللىم بىزگە بۇنى بەرمەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟

بارماقدېسكا ئوغرىسى بولسا، بارماقدېسكا ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرىۋالىدىغان بىر خىل قورال بولۇپ، بارماقدېسكا چېتىلغانلىقىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ بېكىتەلەيدۇ ۋە بارماقدېسكىدىكى ماتېرىياللارنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كۆچۈرىۋالالايدۇ، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېر قوزغالغاندا تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇشقا بولىدۇ.  لازىم بولغاندا Ctrl + Alt + U ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈزىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

ئىزاھات: مەزكۇر قورال بىلىشىمچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەر بولۇپ، پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى ئېنىق، شۇڭا مۇئەللىملەر كۆپ ئېھتىيات قىلارسىلەر. مەزكۇر قورالنىڭ كېلىش مەنبەسى تور دۇنياسى بولۇپ، پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى ئالغان، كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ۋە مەزكۇر بېكەت مەسئۇل بولمايدۇ.

يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ پەقەت چۈشەندۈرۈلىشى ساقلاپ قېلىندى، شۇ سەۋەپتىن سىزگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەن بولساق ئەپۇ قىلغايسىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 20 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. قادى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2008-يىلى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئىدىم، گەرچە بۇ دېتال ئاقىلىق قىلمىغان بولساممۇ :grin:

  2. مەڭگۈ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى يامان ئەمەس دىتالدەك تۇرامدۇ نېمە ……. :lol:

  3. مەشئەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقۇتقۇچىلار دىققەت قېلمىسا بولمىدى ئەمدى~!

  4. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ خەتەرلىك قورالكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئەڭ ياخشىسى بۇ قورال بىلەن تونۇشمىغىنى تۈزۈك!

  5. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا بىزگىمۇ ماس كەلگىدەك … بەزى ئاغىنىلەر بارماقدېسكىدىسىكى ماتىرىياللارنى كۆچۈرگىلى قويمايدۇ … ئەمدى تازا باپلىنىدىغان بولدى … خەنزۇچە بارماق دېسكا ئوغۇرىسى دەپ ئىزدىسەك تاپقىلى بۇلامدۇ بۇنى ؟!

  6. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەتەن ما تېمىنى كۆرۈپ قالسا زە …. تەدبىركار ئىشىڭىز چاتاق !

  7. قاراخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە با كىمگە لازىم.

  8. قازانچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەق مەن ئىزدەپ يۈرگەن دېتالغۇ بۇ. ۋاھ

  9. ياسىن بەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشۈرىمىز دوستلا

  10. ئوغرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردىغان يېلى مەلۇم بىر پەندىم ھەل قىلغۇچ ئېمتىھان بەرمەكچى ( نەچچە قېتىم بېرىپتۇ ئۆتەلمىگەن ) بولغاندا مۇئەللىم بىزگە پەقەتلا تەكرار قىلىپ بەرمىگەن ھەم دائىرمۇ بەلگىلەپ بەرمىگەن. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ ئەسكى مۇئەللىم ئىدى ئۇ :mrgreen: ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆتەلمىسەك بىكارغا 5 ئوقۇغان بولاتتۇق. ھېلىمۇ ياخشى ئاق كۆڭۈل سىنىپ تەربىيچىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۇ يوق ۋاقىتتا ئىشخانىسىغا كىرىپ كومپىيۇتېردىن ئەتىسى ئېلىندىغان ئەشۇ ھەل قىلغۇچ ئېمتىھاننىڭ سوئالىنى ئوغۇرلاپ چىققىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدۇ. ئېسىت بۇنى بالدۇراق بايقىغان بولسامچۇ :sad:

  11. چەۋەندازلار بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىلگىرى بۇ دىتال تەدبىركار بلوگىنىڭ ئىلگىرىكى نەشىرىدە بار ئىدى. شۇ چاغدا پۈتۈن تەدبىركار بلوگىنى بىر قېتىم قىزىۋەتكەن ئىدىم. كېيىن شۇ ئادرىسنى باسسا ‹‹يەۋېتىپتىمەن!›› دىگەن خەتنى چىقىرىپ قويوپتىكەنسىز. بلوگىمدا ھېلىمۇ شۇ ئادرىسى بار. بۇرۇنقى تەدبىركار بلوگىنىڭ مەزمۇنلىرىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى ماتېرىياللار بار ئىدى.

  12. ۋەھىمە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى..`

  13. جەمشىد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە بار ئاغىنلەر ئۇ دېتال، لازىم بولسا ئەۋەتىپ بېرەي، تورخۇمارمۇ قىززىق ئاداشكەن، باللانى قىزىقتۇرۇپ قويۇپ ئادېرىسىنى چىقارماپتۇ

    • يۈسۈپجان :

      ئۇنداق بولسا خاپا بولماي ماڭا ئەۋەتىپ بىرەمسىلە؟ ئېلخەت:ataman828@126.com رەھمەت!

    • تەنھا :

      دوستلار! ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا!!!!

  14. غەۋۋاس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى..`

  15. تەنھا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى…..

  16. ئاخسا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دە نوچىسى بار بۇ دىتالنىڭ ، سىناقتىن ئۆتكەن.لازىم بولسا چ چ 123000016 بىلەن ئالاقىلاشساڭلا بولدۇ

  17. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ئورنىتىپ قويسام قانداق بولار…. :lol: :lol: :lol: :mrgreen:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)