ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك جايلار، ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئەسقاتىدۇ
ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئەھلى مۇسۇلمان : ئۈرۈمچىگە خوش كەپسىز ، مەيلى ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇڭ ياكى 10 كۈن تۇرۇڭ ۋە ياكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا باغلىنىپ قېلىپ بوشىنالماي مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىڭ، تۆۋەندىكىلەرنى بىلىپ قويسىڭىز پايدىسى تىگىدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.
1.مېھمانخانىغا چۈشسىڭىز ،ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى پارلاق رېستۇرانىغا ياكى بولمىسا چوڭ بازادىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىغا قاتارلىق مېھمانخانىلارغا چۈشسىڭىز بولىدۇ . باھاسى بەك يوقىرىمۇ ئەمەس ، ياخشى يېرى كېچە بولغاندا قالايمىقان كېلىدىغان تېلفۇنلاردىن ساقلىنالايسىز .
2. ئەمدى ئادەم دىگەننىڭ لەغمەنگە ئىشتىياقى بەكرەك كىلامدىغاندۇ دەيمەن ، ئوخشىغان لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز ،كونسول كوچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىسىدىن يەڭ . ئىچى ئالاھىدە بىزەلمىگەن بولسىمۇ تامىقى ئالاھىدە ياخشى . بىر ناچار يېرى بەك ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، ھەمدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ تازا ئەركىن بولالمايسىز .
3.ئۆپكە ھېسىپنى قەيەردە يىيىشنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى .
4.ھاۋا ئىسىپ كەتسە لەغمەن -سومەنگە كۆڭۈل تارتماي قالىدۇ . بۇنداق چاغدا كونسول كوچىسىدىكى ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسى ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
5.ئۈرۈمچىدە ئۇسسۇپ قالسىڭىز دوغاپ ئىچىڭ ، دابازا ، سانشىخاڭزا تەرەپلەردە بىر خىل توڭلاتقۇتىدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بۇلاقتىن چىققاندەك شارىلداپ تۇرىدىغان بىر خىل رەڭلىك سۇلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، قارىماققا ئۇسسىغان يەرگە تېگىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ رەڭلىك سۇلارنىڭ سۇچلىك تەمى بولسا نىمە دەي، بەربىر جورەن قىلىپ ساتقاندىكىن شىكەرنى ئازراق سېلىۋەتكەن بولسىدى ،شۇڭا دەيمەن بولسا مۇزدەك مىنىرال سۇ ئىچىسىڭىز ئۇسسۇزلىقىڭىزنى خېلى بېسىپ قويىدۇ .
6.مالاچۇەر دەپ بىر ئەخلەت تائام بار، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلار باردە، ئەمدى زادى يەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز يەنئەن يولى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تار كوچىدىكى خۇمار زىقلىق يىمەكلىلىرىدىن يەڭ ، ھە نىمە بولسا خېلى ياخشى ، ئەگەر زادى خوگو يەيمەن دەپ قالسىڭىز ، خويەنشەنگە بېرىڭ ، ئورنى خەلق مەيدانى ئەتراپىدە ، 68 يۈەن تۆلەپ قويۇپ ياخشى غەيرەت قىلسىڭىز نەچچە يۈز يۈەنلىك تائامغا ئېغىز تىگەلەيسىز ، ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاۋۇز قوغۇن ، ئالما نەشپۈت ، خوگونىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ، كاۋاپ ، توخو ، پولو ، كاۋاپ توخو . شورپا ، سومەن ھەممىسى بار ، ئېچىملىكنىڭمۇ ھەرخىلى بار.
7.كېندىجى دىگەنگە كەرو كىرمەڭ ، ھازىر چوڭ بازا كەينىدە تۈركىيەنىڭ ئەلبىك نامىدىكى كېندىجىگە ئوخشاش يەر ئېچىلدى ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 100% ھالالمىش ،نى ھاجىملار ئايال توقاللىرىنى ، بالا ۋاقىسى بىلەن بىللە كىرىپ يەۋاتقىدەك.
8.ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن چىققان بولسىڭىز چوقۇم بىراۋلارنى يەنى كانىيى يوغان غوجاملارنى مېھمان قىلىمسىڭىز بولمايدۇدە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ يېنىدىكى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ بېزىلىشى ئورنى خېلى ياخشى ، شۇ باھاسى سەل ئۆرە ، ئىش پۈتتۈرۈشتە پۇلىنىڭ كۆزىگە قارىمىغاندىكىن كىرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ . ئەگەر سەل تىجەشلىك بولايمىكىن دىگەن خىياللاردا بولار بولسىڭىز سەنشىخاڭزا ئارقا كوچىسى تۇڭگانلار مەسچىتىدىن نەنمىن تەرەپكە 200 مېتىر ماڭسىڭىز ئەلقوت تېز تاماقخانىسى بار ،بېزىلىشى باغۋەن ،قورغانلاردەك بولمىسىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا بولىدۇ ، ياخشى يېرى باھاسى مۇۋاپىق .
9.كەچلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك ھاۋاسىدىن ، كەچلىك ھاۋاسىدىن دىگەندىن كۆرە كەچلىك ۋاراڭ -چۇرۇڭلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇراي دېسىڭىز داۋەن كەچلىك بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، ئۆتكەندىلا تېخى جاڭچۈنشەن شۇجى كېلىپ نەچچە زىق كاۋەپ بىلەن نەچچە رومكا پىۋا ئىچىۋېتىپ ماختاپ كېتىپ قالدى.
10.تور خۇمارى بار كىشى دىگەن باشقا يۇرتقا كەلسىمۇ بىر يەرلىرى تورغا چىققۇسى كەپ تۇرىدۇ، چوڭ بازاردىكى مارس تورخانىسىنى بىلىۋېلىڭ! ئەلۋەتتە تورخۇمارغا چىقىپ يېڭى يازمىلاردىن ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇماڭ!
11.لەغمىنى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئېسىل جاي بولسا سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاقنىڭ يان كوچىسىدىكى تىللا تاماقخانىسى ، لەغمىنى خېلى كۈنلەرگىچە يادىڭىزدىن كەتمەيدۇ ، ئۆچرەتتە بەك تۇرمايسىز .
12.لېكىنزە ئۈگرە دىگەنمۇ ياخشى تاماق ، ئىككىنجى دوختۇرخانا ئۇددۇلسىدا ئاتۇش ئۈگرىخانىسى بار ، بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بىلەن گۆشنان خېلى ئوخشاپ قالىدۇ لېكىن .
13.ئېرجەنزى سومەن ، يەنى لەغمەن سومەن ، بۇنىڭغا خوتۇن خەقنىڭ خېلى ئىشتىياسى بار ، نەنمىن شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىدىكى كىچىكرەك كەلگەن خانتەڭرى تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ نەرسىسى بەلەن .
14.يەنە بىر گەپ ،رامزان كەپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ زولىقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويىمەن دېسىڭىز نەنمىن خانتەڭرى جامائەسىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا گۆشناننىڭ قاتىلى بار ، ئۈرۈمچىلىكنىڭ گېپى بويىچە ئۆتتۈردىغىنى
ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت ئۈرۈمچىدە غىزالىنىشقا ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت سورۇنلىرى خېلىلا كۆپ. ھازىر دەل ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىل ، يۇرت يۇرتلاردىن يۇرت ئاتلاپ ساياھەتلەر بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە تورداشلار بولسا ھەممىڭىلەر ئۆز يۇرتىڭلارنىڭ يوقىرىدىقىدەك ئورۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى بوپ قالار!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۈرۈمچى، ساياھەت، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/urumqi-highlights.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر ئالما مەستانىسى iPhone 5 نى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆچىرەت تۇرۇشنى باشلىغان…
- كېيىنكى يازما > ئادەم چىرايىدىكى بىز كۆرەلمەيدىغان قورقۇنۇچلۇق سىر | ئەمدى كۆرەلەيسىز
- بېيجىڭدىن پىيادە مېڭىپ ئۈرۈمچىگىچە كەلگەن گېرمانىيەلىك! بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇزاق يول…
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- ئىبلىسلار ئارىلى(Alcatraz)دىكى تۈرمە مېھمانخانىسى سىزگە ھەقىقى تۈرمە تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن
- ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە رومانتىك ئىش بەلكىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن يالاڭئاياق ساياھەت قىلىش بولسا كېرەك…
- تاللا بازىرىدىكى ئاشۇ چىرايلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىك سۇ مېيىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى!
- ۋاقتى قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشلەر: يۈرۈڭ! 290 سكونت ئىچىدە يەرشارىدىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنى ئايلىنىپ كېلەيلى!!!
- يۈرىكى ئاجىزلار كىرمەڭلار! مېكسىكىدىكى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قونچاق بالىلار ئارىلى!!!
- «مودا» سېلىنغان ھاجەتخانا شەكىللىك تاماقخانىغا بېرىپ باققانمۇ؟ ۋاقتىڭىز بولسا بىللە تاماق يەپ كېلەيلى قانداق؟!
- بىر مىنۇتتا 18 مىڭ چاقىرىمغا ساياھەت! چەتئەللىك بىر ئەرنىڭ 44 كۈنلۈك ساياھەت خاتىرە فىلىمى
- «غەربكە ساياھەت» قىلىش مۈشكۈلاتىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار…

مەن تولۇقلاپ قوياي!
تورغا چىقاي دىسىڭىز مۇھىتى ، تور سۈرئېتى ياخشى 海狮 غا بىرىڭ،راڭپىزىغا ئىشقى بارلار 天天凉皮 يىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!پولو يەيمەن دىسەڭلا ئەنجۈر ياكى دولاندىن يەڭلا،ئەتكەن چاي دىگەن كونسۇل كوچىسىدا ئەڭ ياخشى.لەغمەن بىلەن كاۋاپنى بوغۇندىن يەڭ!…….ئويناي دىسىڭىز سۇ ئۈستى باغچىسى بىلەن قىزىل تاغنى ئايلىنىپ بىقىڭ. ھاۋارايى يار بەرسە جەنۇبى تاغقا چىقىپ ئات مېنىپ كىلىڭ! ۋاي جىقكەن ……
ھېلىمۇ ئىسىمدە ،كىچىك چاغلادا ئاپام لەغمەننى لېگەندە ئەپ بېرەتتى يەپ بۇلۇپ يەنە بىر لېگەن يەيتتۇق ، ئۈرۈمچىگە چىقسام ئامدى چاي ئىچىدىغان پىيالىدە لەغمەن ئۈسۈپ بېرىدىغان بوپ قاپتۇ …. نىمىشقا ھازىرقى ياشلانىڭ قۇۋىتى تۆۋەنلەپ كەتتىكىن دەپتىمەن….
سۇيقاش ئىچكۈڭىز كىلىپ قالسا ، بەخىت يولى تەرەپكە بىرىڭ 幸福路 ، شۇ تەرەپتە بىر خۇيزۇلارنىڭ مەنپەرخانىسى بار. پۈتۈن ئۈرۈمچىگە داڭلىق.
جىمجىتلىقنى خالىسىڭىز ، جەنۇبى باغچا 南公园 گە بىرىڭ . ئادەم ئاز ، مۇھىتى ياخشى .
كونسول كوچىسىدىكى يېڭى ئارماننىڭ بىناسىنىڭ ئالدىدىمۇ كەچلىك بازار قاينىغىلى تۇرۇپتۇ . ساپلا ئارمان ئۆزىنىڭ يىمەك ئىچمەكلىرىنى ساتىدىكەن. ئىشەنچىلىك پاكىز.
تونۇر كاۋاپ يېڭۈڭىز كەلسە ، كونسول كوچىسىدىكى ئىلىجان خوتەن تونۇر كاۋابلىرىغا بىرىڭ.
مەن بىلىۋالدىم رەھمەت
ئۆپكە-ھىسىپ يىيىشكە دىلبەرخان بولماي قالدى. مەن ئۇرۇمچىدە تۇرغىلى بىر يىل بولدى. ھازىر تەمى تۇنجى قىتىم يىگەندەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۇسىتىگە ئۇستەللەرنى تازىلاپمۇ قويمايدۇ.
ئۇنىڭ يىنىدىلا بىرسى باركەنغۇ؟ تەمى بولىدىكەن. مۇھىتى دىلبەرگە قارىغاندا خىلىلا ياخشى.
نارىن چۆپ ئىچىدىغانلار سەنشىخاڭزادىكى ئاتۇش نارىنخانىسىدىن ئىچسەڭلار بولىدىكەن. پاچاقلىرىنىمۇ ئالامەت ياخشى پىشۇرىدىكەن.
مانا..مانا،قورساق ماقراسى قايناپ كىتىپتۇ….ھورساقنىڭ غېمى دەڭلا!!!
راسگەپنى قىلسام تىللانىڭ لەغمەنلىرىنى بەك سېغىندىم.
ھەممىسى ئويناش، ياشاش ئۈچۈنلا كەلمەس. ئىلىم مەرىپەت ئىزدەيدىغانلارمۇ باردۇ. ئۈرۈمچىدە دەسلەپكى قەدەمدە يۇلىقىدىغىنىڭىز تىل مەسىلىسى. شۇڭا ئاتلان بىلەن تەۋپىقنىمۇ زىيارەت قىلىپ، تىل بايلىقىغا تويۇنۇپ بولۇپ، ئاندىن نەنىلا ساياھەت قىلماڭ تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇغۇ دەيمەن.
ۋۇ بۇ يەردە تاماقنىڭ پارىڭى بۇپ كىتىپتىغۇ …