خانىم قىزلار دىققەت! بەلكىم بۇندىن كېيىن كىيىم ئالغاندا چوقۇم كىيىپ سىناپ بېقىش ھاجەتسىز بولۇشى مۇمكىن!!
ViPodium ناملىق بۇ ئەڭ يېڭى كىيىم سىناش مەھسۇلاتى مىكروسوفتنىڭ Kinnect تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سىز تاللىغان كىيىمنى چوقۇم ئۈستىڭىزگە كىيىپ سىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس، پەقەت ئېكرانغا قاراپ كىيىمنىڭ ئۇچىڭىزغا چىققاندىن كېيىنكى ئۈنىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى سىندىن ViPodium نىڭ قانداق نەرسىلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
ViPodium نىڭ ئېكرانىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇدۇلدىن تۇرغان ھالىتىڭىزنى كۆرەلەپلا قالماستىن، يەنە ئورنىڭىزدا تۇرۇپ ئايلانغان ھالەتتىكى ئۈنۈمنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كىيىمنىڭ سىزگە ياراشقان ياراشمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. دىمەك، بۇ تېخنىكا ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملىشىپلا قالسا، ھەرگىزمۇ ياندىكى دوستلىرىڭىزدىن «كىيمىم يارىشىپتىمۇ؟» دەپ سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ!
iPad ،iPhone دا زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
ئەلۋەتتە، ناۋادا بۇ تېخنىكا كېڭىيىپ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشسا، كىيىم-كېچەكلەرگە توردىنلا پۇل تۆلىگىلى بولسا، ئۇ ھالدا ئاتايىتەن بازارغا چىقىپ كىيىم ئېلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا، بۇ تېخنىكا ئايالى ياكى قىز دوستىغا ھەمرا بولۇپ بازارغا چىقسا ئاسانلا چارچاپ ھېرىپ جۇلىقى چىقىپ كېتىدىغان ئەرلەر ئۈچۈن تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان مەھسۇلات بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: kinect، تۇرمۇش، تېخنىكا، كىيىم، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/vipodium-kinnect.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىليارت تاختىسى ئۈستىدىكى فانتازىيە! بۇ ئۆمرىڭىزدە كۆرگەن ئەڭ گۈزەل بىليارت تاختىسى بولۇشى مۇمكىن…
- كېيىنكى يازما > نېمە B13-رايون دېگەنلەر ئىشىنى قىلسۇن! ھەقىقىي پاركور ماھىرى ئەسلى چېڭلوڭ ئىكەن ئەمەسمۇ؟!!
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- ئاجايىپ قالتىس سىفىرلىق رەسىم سىزىدىغان قەلەم! CG لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسقاتقۇدەك!
- بۇ خىلدىكى 3D گرافىك موتورى ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملاشسا، ھەقىقىي ئارتېستلارنىڭ كۈنى تەسكە توختىغۇدەك!
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
ئالامەت
ھەي … كەلگۈسىدە XXX غا ………
يەنىلا سىناپ كەيگەنگە يەتمەيدۇ …
توغرا دەيسىز …. پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن