نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…

Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن...

گەرچە ھازىر Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمەنكى، خېلى كۆپ ساندىكى Windows ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم Windows تىكى كۆك ئېكران ھادىسىسىنىڭ تەمىنى چوقۇم تېتىپ باققان، بۇ بولسا ئەينى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق Windows 98 نى ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ، يىغىندا بىلگەيتىس Win98 نىڭ USB ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرسەتمەكچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن كۆك ئېكران(Blue Screen) ھادىسىسىگە يولۇقىدۇ ۋە نەقمەيداندا ئىنتايىن گاڭگىراپ قالىدۇ، بىراق سۆزمەن ۋە ئىنكاسى تېز خىزمەتچى خادىمنىڭ ياردىمىدە، بۇ ئىشلارمۇ كۈلكە بىلەن تېزلا بېسىقتۇرىلىدۇ…


李开复 نىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ خىزمەتچى خادىم ئاللىقاچان بازار ئىگىلەش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورىدىن ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرغا ئۆسۈپ كېتىپتۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    win7دە مۇنداق ئەھۋال قەتئىي يۈز بەرمەيمىش(ماڭا دېسكىنى ساتقاندا شۇنداق ۋەدە قىلىپ بەرگەن) لىكىن قىتىپ قالىدىغان ئىشلار ئانچە -مۇنچە يۈز بىرىپ تۇردى، بولۇپمۇ كىنو كۆرگەن چاغدا، كىيىن 解码器نى يىڭىلاپ يۈرۈپ ئوڭشىۋالدىم، مۇشۇ كومپىيۇتېر ساتىغانلار نىمانداق دۆت دەيمەن…

  2. سۇبھى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى ئوڭشاشنىڭ بەلەنرەك ئۇسۇلى يوقمىكەن

  3. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشلارنىڭ دىگەن سۆزىنى تەرجىمە قىلغان بولسا بىزمۇ تەڭ كۇلسەك … :mrgreen: :mrgreen:

    XP دىمۇ ھەقىچان ئۇنداق بولىشىنى بىلمەيتتى . win 7 مۇ قانداق بولىشىنى بىلمەيدۇ ھەقىچان …

  4. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇۋىڭ نىمە نىمە دىدىيا بۇ؟ نىمە دىگىنى بولغىيتى…

  5. نەۋقىران : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي سەھرالىق تولا كومپىيوتىر ساتىدىغانلارنى ……

  6. SVRXAN : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلگېيتىسنىڭمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان چاغلىرى بوپتىكەن ھە؟
    كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىدا ئۇنىڭ قانداق بولۇپ سول قولىنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۋالغانلىقى ھېكايە قىلىنغان ئىدى.
    بىر قېتىم ئۇ ئىشلەۋاتقاندا ئۇنىڭ خانىمى ئۇنىڭغا قەھۋە ئەكىرىپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن قەيەرگە قويىدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ چاقچاق قىلىپ ئوپتىك دېسكا سالىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئېسىدە يوق ئوپتىك دېسكىنى ئالىمەن دەپ شۇ يەرگە قولىنى ئۇزىتىپ ئاقىۋەتتە قولىنى كۆيدۈرىۋاپتىكەن. شۇندىن بېرى ئۇ داۋاملىق سول قولىنى يانچۇقىدىن ئايرىمايدىكەن.(ئاقسالىق قىلىپ)

    • torhumar :

      ھا ھا، راست شۇنداق بىر ۋەقەلىكنى كۆرگىنىم ئېسىمدە، ئۇنتۇپ قالغىلى تۇرۇپتىمەن دېسە

    • سۈرخان :

      ھەزىرتىم ئۆزلىرى جاھاننىڭ غەيۋىتى بىلەن ئاۋارە، ئۇنداق كىچىك شەخىسلەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپراتمايدىغان تۇرسىلىرى :lol:

  7. بايلىق بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە!!!!!!!!!! مۇنداق دەڭ مەن مۇشۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي يۈرەتتىم ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە مەن تىخى شىركىتىنىڭ بىرە ئەڭ مۇھىم نەرسىسى شۇ قولىدا ئوخشايدە دەپتىكەنمەن

    • سۈرخان :

      شۇنداق، گېنىرال(تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى)بىل گېيىتىسقا سېللانىڭ بىرىنى بېرىپتىكەن، شۇڭا ئۇ يانچۇقىدا ساقلاپ يۈرىيمىش، بولمىسا مايكول ئۇنى ئوغۇرلاپ قاچقۇدەك






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)