Win7 نىمۇ Mac OSX تەك بېزەشكە بولىدۇ! Windows 7 نىڭ ئۇسلۇب چەكلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش
Windows 7 ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم بىر نۇقتىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى Win7 دا پەقەت سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنىلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى XP ئىشلەتكەن چاغلاردا بولسا، ئۆزىمىز كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنى ياقتۇرمىساق، خالىغان ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرىۋالاتتۇق. ئەلۋەتتە، Win7 دىمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئەمەس. ناۋادا Win7 نىڭ باشقا ئۇسلۇبلىرىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلەتكۈڭىز كەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان، يېڭىچە مۇھىت قوغلىشىدىغان تورداشلار ئۈچۈن، بۇ يازما چوقۇم ئەسقاتىدۇ.
Windows 7 ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى يېشىش
Windows 7 نورمال ھالەتتە سىرتتىن ئۇسلۇب قاچىلاپ ئىشلىتىشنى قوللىمايدۇ، شۇڭا بىز مەخسۇس قوراللار ئارقىلىق ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى بۇزۇش ئارقىلىقلا مەقسەتكە يېتەلەيمىز. چەكلىمە بۇزۇش قوراللىرىدىن، Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى، UniversalThemePatcher قاتارلىقلار بار. ناۋادا سىز ئىلگىرى تەدبىركار تونۇشتۇرغان Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسىنى قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى ئاسانلا مەقسەتكە يېتەلەيسىز. يەنى Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسىنى قوزغىتىپ، 系统美化 نىڭ ئىچىدىن، 系统主题设置 دېگەن تۈرنى تاللايمىز، ئاندىن 破解主题 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇپ، چىققان كۆزنەكتىن ھەئە دېگەننى باسساق، نەچچە سكونت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق بولدى، سېستىمىنى قايتا قوزغىتامسىز؟ دەپ سورايدۇ، ھەئە دەپ قايتا قوزغىتىمىز، چۈنكى چوقۇم شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇسلۇب چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
Windows 7 گە ئۇسلۇب قاچىلاش
Windows 7 نىڭ ئۇسلۇبلىرى، ئورگان تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئورگان تەرەپنىڭ ئۇسلۇبى پەقەت ئېكران تەگرەسىمىنىلا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ فورماتى themepack بولىدۇ، بۇ خىلدىكى ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ئۈچۈن چەكلىمىنى بۇزۇش ھاجەتسىز، قوش چېكىپلا قاچىلاشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنى قانداق قاچىلاش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرگەندە، ئادەتتە بىر دانە theme ھۆججىتى ۋە بىر دانە ھۆججەتداندىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ ھۆججەتلەرنى Windows ئاستىدىكى Resources ئاستىدىكى Themes مۇندەرىجىسى ئاستىغا قويۇپ قويساقلا كۇپايە.
ئەمدى ئۈستەل يۈزىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 个性化 نى تاللايمىز، ئاندىن بىز ئورناتقان بايىقى ئۇسلۇبنى تاللاپ بەرسەكلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنىڭ بەزىلىرى سىغىشچانلىق ياكى ياساش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى، بەزىدە قارا ئېكران بولىۋالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ F8 نى بېسىپ بىخەتەر ھالەت(安全模式) غا كىرىپ، بىز ئورناتقان ئۇسلۇبنى ئۆچۈرىۋەتسەك بولىدۇ.
ئومۇمىي مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك، ناۋادا سىز سېستىما گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئامراق بولسىڭىز ياكى Windows 7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلاردىن رازى بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ يازمىدىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن Mac OSX Lion سېستىمىسى يادىڭىزدىمۇ؟ ئۇنداقتا تورداشلار شۇ Mac ئۇسلۇبىدىن بىرنى تەمىنلەي، Mac مەشغۇلات سېستىمىسى كۆرۈنمە يۈزىنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار چوقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ئۇسلۇبلار بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى | مەنبە: torhumar.com | قوشۇمچە Windows 7 نىڭ Mac ئۇسلۇبى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mac، win7، windows7، سېستىما، گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/windows7-theme-crack.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كەلگۈسى دۇنيا! سېزىمچان ئېكرانغا تولغان تۇرمۇش ۋە قاتناش!!!
- كېيىنكى يازما > ئىككى دانە iPad سەپلەنگەن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھەشىمەتلىك SUV ئاپتوموبېلىنى كۆرۈپ باقايلى
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
- Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، Win8 نىڭ قانداقلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- Windows نىڭ قوزغىلىش مۇزىكىسى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بىراق قايسىڭلار تولۇق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ باققان؟!
- مىكروسوفت Windows XP نىڭ ئېلان قىلىنىپ 10 يىلغىچە ھېلىھەم ھايات تۇرۇشىنىڭ 10 چوڭ سەۋەبى!
- Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش ئۇسۇلى(رەسىملىك)
- Windows 8 – بىز يەنە بىر قېتىم، سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردۇق!


مەن بىر تورخۇمار ! دىۋان مانا مىنىڭ…
ئەڭ ياخشىسى apple دىن بىرنى سېتىۋالغان تۈزۈك~!
مەندەك WIN 7ھەۋەسكارلىرىغا بوپ بەردىدە!رەھمەد!
ھەر گۈلنىڭ پۇراقى باشقا … ھەر يارنىڭ قاياشى … دىگەندەك بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي قېنى ..
مەن سىناپ باقسام بولمىدى.
قانداق قاچىلايمىز دەپ بەرمەمسىز .
بوپ قويىدىكەن،رەھمەت سىزگە… تېخىمۇ پەيزى ئۇسلۇبلارنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
مىنىڭكىدە توغرا بەلگىسى قويغىلى بولمىدى ؟
بىر تەبىر بەسىلە قايدا قىلساق بولا ھە ؟
ئىشلىرىمىز ئاسان بولغۇدەك
بەك سەت بولدى، خاپابولماي،Windows 7 يوللاپ بەرسەڭلابوپتىكەن.
ۋىندۇۋىس 7نى تورغا ئۇلىماي ئاۋاز تۇنۇتۇش دېتالى بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.مەن بۇ سېستىمىنى قاچىلىسام ئاۋاز كارتىسىنى تۇنىمىدى