Windows 8 تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىراق Windows ھەۋەسكارلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى!!
Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى بىزگە پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان بىر خىل كۆرۈنمە ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى، نەپس لايىھەلەنگەن سېستىما كۆرۈنمە يۈزىمۇ نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ XP دىن ۋاز كېچىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى شۇنچە كۆركەم تۇرغان يەردە، كېيىنكى ئەۋلاد Windows 8 قانداق بولۇپ كېتەر ھە؟
ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىغىنى شۇكى، Windows 8 نىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى تېخى ئاشكارىلانغىنى يوق، بىراق، ئوتتەك قىزغىنلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە تولۇپ تۇرغان تورداشلىرىمىز بۇنىڭلىق بىلەن قاراپ تۇرمىدى ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى Windows 8 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ چىقتى، تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەر دەل مۇشۇ Windows 8 نىڭ ئۇقۇم لايىھەلىرىنىڭ بىر قىسمى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر يۈرۈش لايىھەلەر چەتئەللىك تورداش minhtrimatrix نىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، ئىنتايىن نەپس ۋە كۆركەم لايىھەلەنگەن، يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، چەتئەللىك تورداشلارنىڭ مىكروسوفتنىڭ Windows8 مەشغۇلات سېستىمىسىغا بولغان تەلىۋىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ناۋادا مىكروسوفت Windows 8 نى مۇشۇ شەكىلدە لايىھەلەپ چىقسا، بىلمىدىم كۆپچىلىك قوبۇل قىلالامدىكىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، لايىھە، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/windows8-gui-design-yy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 华为 بىلەن 腾讯 ھەمكارلىقىدىكى يەر شارى بويىچە تۇنجى QQ يانفونى HiQQ بازارغا سېلىندى!
- كېيىنكى يازما > ئالمىنىڭ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Mac OSX Lion نى كۆرۈپ باقايلى
- مىكروسوفت ھەزىل قىلىنغان كىچىك فىلىم: ناۋادا Microsoft مۇ Windows Project Glass نى بازارغا سالسا…
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- پۈتۈنلەي قولدا ياسالغان ستېرېئولۇق ھايۋاناتلار، كۆزىڭىزنى ۋاللىدە چاقنىتىۋېتىشى مۇمكىن!
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!
- 80-يىللاردىكى iOS نىڭ كۆرۈنمە يۈزى – ناۋادا iPhone/iPad لار 1986-يىلى ئىجاد قىلىنغان بولسا…





مەن يەنىلا شۇ xp گە كۆنۇپ قاپتىمەن~!
مەن بۇ لايھەنى خىلى ياختۇرۇپ قالدىغاندەك قلىمەن..
WIN8 چىقىپ قالسا، ھەقلىق سېتىۋالىمەن.
مۇشۇنداق چىقسا مەن بەك قۇبۇل قىلاتتىم ! نىمىدىگەن كۆركەم!
مەنمۇ xp گە كۈنۈپ قاپتىمەن!
win7 غا ئوخشاپ كېتىدىكەن،بىراق ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئىلغاردەك كۆرۈنىدۇ.
بەزى ھەۋەسكارلار windows8 نى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىلھامىغا ئاساس سېلىپ بەرگۈدەك
ھەركاللىدا ھەر خىيال … بەلكىم windows8 نىڭ كۆزنەك لايىھەلىرى بۇلاردىن پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس …
چېقىلىپ كىتەمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن
Win8 قانداق بۇلۇپ چىقار ؟ مەنچە Win8نى ياخشى ئىشلىمەيدۇ، ئۇمۇ vistaغا ئوخشاش «قۇربانلىق» بۇيۇم بۇلۇپ win7نىڭ تەشۋىقات كوزىرى بۇلارمىكىن
مىنىڭچە يېڭى بىرئەۋلاد بولغاندىكىن….چۇقۇم (7) دىن (8) ياخشى چىقىدۇ…..لېكىن ئاۋۇسۇرەت ماڭا پەقەت ياقمىدى …. بەلكىم رەڭگىگە ئۆچ بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق كۈرۈنگەندۇ…..
يېڭى سېستىما چىقىش ۋاقتى بەك قىسقا بوپقالسا ئاشۇنداق بوپقالىدۇ. ئۇزاقراق ۋاقىتتا بىر چىقىرىپ ماۋۇنىڭدەك چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلسا پەچەت بولىتى
گۈزەللىك سىزىمى يۇقرى ئادەملەردە بۇ!
ماۋۇ سەت -پەت چىرايلىقكەن جۇمۇ ~~!!
بۇ لايىھىلەردە مەن ئۈمىد قىلغان ئۇسلۇب باركەن، بەكلا قالتىس
مېنىڭ شەخسى قارىشىم!!!! ۋىن 8 ۋىن 7 دىگەندەك نەرسىلەر ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدىكەن. مەن ئېلان لايىھىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بىراق بۇ ئىككى سېستىما كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمايدىغان يېرى مېنى بەك زېرىكتۇرۇپ قويدى. ھەتتا ئويۇننىمۇ قوللىمايدىغان يەرلىرىمۇ بار تېخى
windows7 نى قاچىلاپ كونەلمەي يەنىلا windowsxp گەقايىتقان، ، قارغاندا بۇداwindows8 مەيدانغا باشقىچە قىياپەتتە چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئەمدى كۆنمەيمۇ ئامال يوقتەك …ئادەم دىگەن نىمىگە كۆنمەيدۇ ،مۇشۇ كومپىيۇتىرىم بىلەن مەنلا بوسام ئازكۈن قامماي بۇنىڭغىمۇ كىلىشىپ قالىمىز …