دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ۋە كىرىم مەنبەسى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا شاد-خۇراملىققا چۆككەن شۇ پەيىتلەردە ، پۇتبول پەقەت ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش بولماستىن «گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ»غا ئايلىنىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يوقىرى شان شەرىپىنىڭ سىمۋولى بولغان «كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى»نىڭ ئىگىزلىكى 36سانتىمىتىر، ئېغىرلىقى 4970گىرام،ئۇ18kلىق سېرىق ئالتۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەگلىكىگە ئىككى مالاخىت مەرمەر تېشى ئورنىتىلغان.بۇ لوڭقا تەخمىنەن 50مىڭ دوللار بىلەن ياسالغان بولسىمۇ،ھازىر ئۇنىڭ قىممىتى 10 مىليۇن دوللارغا يەتتى.
مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولغان كوماندا 30مىليۇن دوللارغا؛ 2-بولغان كوماندا 24 مىليۇن دوللارغا؛ 3-،4-بولغان كوماندىلار 20مىليۇن دوللارغا؛ سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار 18مىليۇن دوللارغا؛ 16كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن كوماندىلار 9مىليۇن دوللارغا ؛ گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلارمۇ 8مىليۇن دوللارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدىكى چىقىملىرىنى ھېسابىغا 1مىليۇن دوللار، نورمىدىن سىرت يەنە 1مىليۇن دوللار بېرىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى %60ئۆرلىگەن بولۇپ، ئومومىي مۇكاپات سوممىسى 420مىليۇن دوللار بولغان.
بۇنداق كۆپ پۇل نەدىن كەلگەندۇ؟ تاپقان پۇلنىڭ جىق بولغانلىقىدىندۇر! خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھوقوقىدۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھەققى ئىزچىل ئېشىپ بارماقتا. ئىگىلىنىشىچە،بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تىلۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش ھەققى 2مىليارد 700مىليۇن دوللارغا سېتىلغان بولۇپ، گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭكىدىن بىر ھەسسە يوقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قوللاش يۈزىسىدىن بېرىدىغان پۇلىلا 1مىليارد 500مىليۇن دوللاردىن ئاشىدىكەن. تەخمىنەن ھېساپلىغاندا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ يازدا 8مىليارد دوللار پايدىغا ئېرىشكەن.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئوخشاش «كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى» كىمگە تەۋە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغان تەرەپ يەنىلا قىمار شېركەتلىرىدۇر. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيادىكى قىمار شېركەتلىرىدە قىمار شەكىلىدە دو تىكىلگەن پۇل 12مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %60ى دو تىكىش مەنبەسى ئاسىيا قىتئەسى ئىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەخمىنەن 3مىليارد 800مىليۇن دوللار چىقىم قىلىنغان، دىمەك 12 مىلياردلىق دو تىكىش ھەققىگە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
يېقىندا بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمىيىتى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاجىرتىلغان چىقىمىنى ھېساپلاپ چىقتى، 5-ئايدا باشلانغان تەييارلىقتىن باشلاپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان شاللىنىپ قايتىپ كەلگۈچە ، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ چىقىمى 8مىليۇن 800مىڭ دوللارغا يەتكەن، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ بۇ مەزگىلدە سائىتىگە خەجلىگەن پۇلى 10مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇتبول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/world-cup-income.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەجۋى تەرجىمە – ئوقۇرمەنلەرنىڭ خۇشامەتلىرىدىن تاللانما
- كېيىنكى يازما > ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەلگۈسىدىكى كۆرسىتىش ۋە ئىنتېراكتىۋ تېخنىكىسى
- ئەركىن پۇتبول MTV شاھى دەپ نام ئالغان ABBAS FARID نىڭ بىر قىسىم ماھارەتلىرى
- پۇتبول ئويۇنىدىكى BUG سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاشۇ يەنە بىر قىسىم كۈلكىلىك ئىشلار…
- يىقىلىپ قويغان گۇناھمۇ ئەمدى؟! بىر تال GIF رەسىم كىرىشتۈرۈش ماھىرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قىرغىن قىلىنغان!!
- FIFA12 دىكى پۇتبولچىلارنى ھېچ يەردىن تاپالمايسىز، دۆلەت كوماندىسىدىمۇ بۇنداق فىگورىسى بار توپچىلار يوق!!!
- مېسسى ھەقىقەتەن بىر تەڭداشسىز سەنئەتكار! PES 2012 دىكى مېسسى جېكسون تېخىمۇ شۇنداق!!!
- ھەقىقى پۇتبول 2012 سىناق كۆرگەزمە نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- پۇتبول مەيدانىدىكى چۈچۈك پاراڭلار | تاللانغان بىر يۈرۈش پۇتبول يۇمۇرلىرى
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈلكىلىك ئىختىيارى توپ، بىزنىڭ كۈلكىمىز – دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ زور بەختى!!!
- ئىككى تالانت ئىگىسىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى كوچا پۇتبولى ماھارىتى! ھەرگىزمۇ C.Ronaldo دىن قېلىشمايدۇ!!!
- مەڭگۈلۈك 9-نومۇر، تاشقى پلانېت ئادىمى «رونالدو رىۋايىتى»

باللا ئاۋۇ 1 - سىن بولسا Dirt3 ئويۇنىنىڭ ھەقىقىي ئادەملىك تەشۋىق فىلىمى . ئىشەنمىسەڭلار ئاشۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭلار .