ھەقىقى فانتازىيە! ئەجنەبىيلەرنىڭ XBox360 Kinect ئارقىلىق ئويۇننى قانداق ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
مىكروسوفت چىقارغان Kinect، ھېسابتا ئەنئەنىۋى ئويۇن ئويناش قائىدىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى دېيىشكە بولىدۇ! بۇ ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدىكى ئويۇن ئويناش بولماستىن، بەلكى ئويۇن بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىغا بىر كۆۋرۈك ئورناتقان تېخنىكا بولۇپ، بۇنى كومپيۇتېردا كىرىشتۈرگەن دەپ قالماڭ، چۈنكى ئازغىنە 25 كۈندە مىكروسوفت بۇ مەھسۇلات(Kinect)تىن 2 مىليون 500 مىڭنى سېتىپ بولدى!!
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى كۆپ. ئادەتتە كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن، Kinect ئىنتايىن ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، پۇرسەت بولسا بىرنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، ماڭا ئوخشاش ھەرىكەت مىقدارى ئازلار ئۈچۈن ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن, باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس بولۇپ، 3000 يۈەندىن تۆۋەن ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: kinect، xbox، ئويۇن، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/xbox360-kinect-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «QQ مەركىزىم» دىن QQ يېشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى رەسمىي ھالدا ئېچىۋېتىلدى
- كېيىنكى يازما > باجىنىڭ غەربتىن قايتقاندىن كېيىنكى بىر قىسىم قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرى…
- «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9: قارا ھەرىكەت2» نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېما قىلىنغان ئەڭ نادىر مەرگەن ئويۇنلىرىنىڭ بىرى: مەرگەن ئەزىمەتلەر(Sniper Elite V2)
- نەچچە 10 يىل مابەينىدىكى ئوخشاش ئويۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر، قانچىسىنى تونۇيالىدىڭىز؟
- ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ تەسۋىرلەنگەن ئويۇن: 异形 VS 铁血战士
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەۋەككۈل تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V2)
- 2012-يىلى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ۋەھشەت ئويۇنلار(V1)
- مارىيونىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەمسىز؟ ناۋادا ئۇ مۇشۇنداق غالجىرلاشقان جەڭ ئىلاھىغا ئايلىنىپ قالسا…
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…

راست ياخشىكەن
ما ئويۇن بوپ قالامدۇ نىمە ، لىكىن كومپىيوتىرلىرىمىز قوللىماي قالامىكىن …
تېمىنى تەپسىلىيراق كۆرۈپ چىقتىڭىزمۇ؟
ئويۇنچۇقخانىلاردىكى مەۋھۇم دىسكو ئوينىغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىكەن…
تەدبىركار زامانىمىزدىكى ئەڭ ۋەخشى ئويۇنخۇمار
ۋوي ، مەن تىمىسىغا قارىماپتىمەن ….
مەندە بىرسى بار ئىدى،ئوينىغىنىمۇ چول يوق شۇنى!!~~~~تورغا ئۇلاپ ئوينىسا بەك پەيزى!~
ئەستا قايسى بىرگە يىتىشىپ بولغۇلۇق ئەمدى
لىكىن بۇرادەرلەر ئىكران بەك ياخشى بولىشى كىرەك مەمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن سودام ياخشى بولسا يادا مەنمۇ ئىلىىشنى ئويلىدۇم
ئويۇنلىرى كچىك تۈردىكى ئويۇنلاردەك قىلامدۇ؟
يائاللا ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ بۇ ئىشلارغا، بۇ خەق يەنە نېمىلەرنى كەشىپ قىلار دەيمەن.
تېخنىكىنىڭ يىڭىلىنىشى بەكلا تېز بولىۋاتىدۇ …. ئەممازە ماۋۇ راسلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ …
ۋاي بۇ يەرلەردە ساتامدىغاندۇ …. ياپۇنلۇقلا بەك ئۇستىتى بۇنداق تىخىنىكىلارغا … م ئەمدە مىكروسوفىت ئىشىپ چۈپتۇدە ..
مىنىڭ پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ دىسە…
بىز شىركەتكە ئەكىلىپ ئوينىغان. ھەممىدىن ئىككى ئادەم بىرلىشىپ بوكىس ئوينىسا بەك پەيزى بولدىكەن. تەرلەپ پىشىپ، تۈگشىپلا كەتتۇق. بەكلا ياخشىكەن.
نەدە ساتىدىكەن بۇنەرسىنى شىنجاڭ دا بارمىكەن
ھەقىقەتەن فانتازىيە ئوخشايدۇ دېسەم ، ھەقىقەتكە ئايلانغان فانتازىيەكەنغۇ ؟! رەھمەت سىزگە . شىنجاڭغا كەلگەنمىدۇ ؟
بۇ چوقۇم كىرىشتۈرۈلگەن.
پۇلىسى خېلى بار ئىكەن
1200يۈەن ئەتراپىدى ئىكەن باھاسى
نەدە ساتىدىكەن. ساتىدىغان يېرىنى تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن قالدۇرۇڭلار. مەن ئون مىڭ سومدىن تۆۋەن بولسىلا سېتىۋالىمەن. نېمە دىگەن كۆڭۈللۈك ئويۇن بۇ.
ۋاي،راسلا قالتىسكەن مەنمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم دىسە
….سېتىۋالماقچى بولساڭلا 淘宝دىن ئىزدىسەڭلا كۆمىۋىتىدىكەن سىلەرنى،،
ئۆيگە بىرەدىن ئىلىپ قويغۇلۇق ئىچىمىز پۇشقاندا خوتون بىلەن بىرلىشىپ بوكىس ئوينىمامدۇق ئەمىلىيەتتە ئۇرالمىغاندىن كىيىن شۇنىڭدا بولسىمۇ راسا ئۇرىۋالامىز