«تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا
ئويلاپ بېقىڭ،مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 دوللار سېلىپ قويدى دەيلۇق،ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئامال قىلىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بۇلۇشنى ئويلايسىز، ئەلۋەتتە!
ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بانكا بار ئۇنىڭ ئىسمى«ۋاقىت».
ھەركۈنى سەھەردە ئۇ سىزنىڭ ئامانەت پۇل كارتىڭىزغا 86 مىڭ 400 سىكۇنتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دېسىڭىز،ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چېكىنىشكە يول يوق، ھەتتە ئەتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز.ئۇنداقتا:
«بىر يىل» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ.
«بىر ئاي» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ.
«بىر ھەپتە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ھەپتىلىك گېزىت مۇھەرىرىدىن سوراڭ.
«بىر سائەت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ.
«بىر مىنۇت» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ.
«بىر دەقىقە» نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ.
يىغىپ ئيتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ، سىز ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ، دەپ قارىغان ئادەم بىللە بولغاندا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ.
«تۈنۈگۈن»- ئۇ بىر تارىخ، «ئەتە»- ئۇ بىر سىر، ئەمما «بۈگۈن» نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، پەلسەپە، ۋاقىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: http://www.torhumar.com/yesterday-today-tomorrow.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «پەندورا سېھىر قۇتىسى» ئېلىپ كەلگەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىغان 3D پرويېكسىيە ماھارىتى!!!
- كېيىنكى يازما > « 变形金刚3 » فىلىمىدە تورداشلار بايقاپ قالغان ساختىلىق! ھوللىيۋود رېژىسورلىرىمۇ كۆچۈرىدىكەن
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- شەندۇڭدىن «رېزىنكە تۇخۇم» چىقىپتۇ! تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە تاشلىسىڭىز توپتەك ئۆرلەيدىكەن…
- ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر
- بىز زادى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك؟
- 腾讯 شىركىتىنىڭ CEO سى 马化腾 نىڭ 50 مىليونلۇق ھەشىمەتلىك داچىسىنىڭ سىرى!
- سەزمە ئەينەك ئېكرانلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇش كارتىنىسى سىزنى چوقۇم ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن…

تور خۇمارغا كىرىپ تۈنجى قىتىم تەخىتتە ئولتۇرۇشۇم جۇما بۇ.. شىمىشكە چاققاچ پەگادىكىلەر نى ساقلاي
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ توردىن قانچىلىك پايدا ئالدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋالدىم، مۇنبەر قۇرغاندا سىزنى ئويلىشىپ باقسام بولغىدەك
2-قەۋەتمۇ دىۋان ھېساپلىنامدا
سەل كىچىكىپ قالغاندەك تۇرامسىز، يا. ياكى ئۈستىدىكى تورداش پۇل بىرىپ ئىنكاسىنى ئۈستىگە چىقارغۇزدىمۇ؟
خۇش بوپ كەتسەم بىرسى چىقىۋاپتۇ ئەمەسما !
بۇنى گۇمپىچى مۇشۇك ئىيىقنىڭ 1 جىسىدە تاشپاقا ئۇستاز دەيدىغۇ دەيمەن …
ھەي…. مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرسى بوپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ مەززە قىلىپ ئوقۇيتۇق ئەمەسمۇ !
شۇنداق بۇرۇن ماڭا بىر كۇن ئەمەس بىر يىلمۇ قەدىر سىزدەك ئۆتۇپ كەتكەن ئېدى ،بۇيىل 35 ياشقا كىر دىم، ھازىر كۇنلەر مەن بىلەن قىرىشقاندەك ناھايىتى تىز -تىز ئوتۇپ كەتكەندەك ،مەن قىرىپ كىتىپ بار غاندەك ھىس قىل دىغان بوپ قالدىم .
تېتىملىق يازما، كونا پىكىرداشلار بىلەن چايخانىدا ئولتۇرغاندەك….
مۇنۇ تىمىنى ئوقۇپ، ھاياجاندىن يىغلىۋىتەي دىدىم.
ئەگەر كومپيۇتېرنىڭ قانچىلىك زىيىنى ۋە پايدىسى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ…..
باشقا بىر يەرە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم . . . نۇر تورىدا ئەمەس